قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«بىر جىڭى 120 يۈەنلىك قوي ئۈچۈن، ھەممىنى رەنجىتكەن ۋىن شەنمىڭ» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ 2- قىسمى

2018-03-13 17:39:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ۋىن شەنمىڭ دۇڭشەن قويى بېقىشنى قارار قىلغاندىن كىيىن، ئۇ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
 ۋىن شەنمىڭنىڭ نەۋەر ئاكىسى چىن خۇپىڭ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قارشىلاشتۇق، ھېچقانداق دوستى ئۇنىڭ قوي بېقىش قارارىنى قوللىمىدى. دادام، ئاپاملارمۇ بۇ ئوغلىدىن ۋاز كەچمەكچى بولدى. بىزنىڭ بۇ كەنتتە تارىختىن بۇيان ھېچكىم دۇڭشەن قويى بېقىپ باقمىغان.
  ۋىن شەنمىڭنىڭ دادىسى ۋىن ۋاڭچۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇ بىزنىڭ قارشىلىقىمىزغا قارىماي شۇ قارارنى چىقارغاندىن كىيىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماسلا بولدۇم، ئۇچ يىل پاراڭلاشمىدىم. بۇ يەر قوي بېقىشقا ماس كەلمەيتتى، ئۇنىڭ كۆپ زىيان تارتىپ كېتىشىنى كۆرگۈم يوق ئىدى.
  ۋىن شەنمىڭنىڭ ئۈچىنچى تاغىسى ۋىن لياڭتيەن مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا ئۈستەلنى ئۇرۇپ تۇرۇپ، سەن بۇ يەردە قوي باقساڭ پۈتۈن جەمەتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكىسەن دېدىم.
  دۇڭشەن قويى ۋەننىڭ شەھىرىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، قوي گۆشى سۈپەتلىك بولغاچقا داڭقى چىققان. بىراق ۋىن شەنمىڭنىڭ كەنتىدە، ھېچكىم قوي بېقىپ باقمىغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى قوي توغرىسىدىمۇ سۆزلىشىشنى خالىمايتتى. ۋىن شەنمىڭنىڭ قوي باققانلىق خەۋىرى كەنتتە تارقالغاندىن كىيىن، پۈتۈن كەنتتىكىلەر توسقۇنلۇق قىلدى.
  ۋىن شەنمىڭنىڭ ئۈچىنچى تاغىسى ۋىن لياڭتيەن مۇنداق دېدى: مەن ئۇنىڭ قوي قوتىنىنى كۆرگەندىن كىيىن، پۇتۇم بىلەن خىشلارنى تىپىپ بۇزۇۋەتتىم. قاتتىق ئاچچىغىم كەلدى. كۈندۈزى ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ، بىراق كەچلىرى ئۇ يوشۇرۇنچە ئىش قىلىۋالىدۇ، بىز توسۇپمۇ توسۇپ بولالمىدۇق.
  ۋىن شەنمىڭنىڭ كەنتىدە نېمىشقا قوي باقمايدۇ؟ ئەسلىدە دۇڭشەن قويى سۇدىن ئىنتايىن قورقىدىكەن. بىراق ۋىن شەنمىڭنىڭ كەنتى دېڭىز بويىدا بولغاچقا، دائىم تەيفېڭ بورىنى چىقىپ يامغۇر يېغىپ، دۇڭشەن قويى بېقىشقا زادىلا ماس كەلمەيدىكەن. شۇڭا بۇ كەنتتە ھېچكىم دۇڭشەن قويى باقمايدىكەن. بىراق ۋىن شەنمىڭ دۇڭشەن قويى بېقىشنىڭ سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، بۇ كەنتتىكى تۇنجى قوي باققان ئادەمگە ئايلاندى. 4 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، كۆلىمى 1 مىڭ 200 كۋادرات مېتىرلىق قوي قوتىنىنى ياساپ پۈتتۈردى.
ۋىن شەنمىڭنىڭ قوي قوتىنىنىڭ ياسىلىشى ئۆزگىچە بولۇپ، ئىشىكى پاكار، بىراق يەردىن خېلى ئېگىز قىلىپ كۆتۈرۈلگەن.
ۋىن شەنمىڭ مۇنداق دېدى: قوي قوتىنىنى يەردىن ئىگىز قىلىپ سالغاندا ئاسانلىقچە سۇ بېسىۋالمايدۇ.
  قوي قوتىنى يەردىن ئىگىز قىلىپ ياسالغاندىن كېيىن، قاتتىق يامغۇردىمۇ سۇدا قالمايدۇ. بىراق ئوت- چۆپلەر دائىم يامغۇردا قېلىپ كۆكىرىپ كېتىدۇ، قوي بۇلارنى يىگەندىن كىيىن، ئاسانلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. پاقلانلادا ئومۇميۈزلۈك كالتىسىي كەملىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ دەسسىيەلمەيدۇ. ۋىن شەنمىڭ بۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئامالىنىمۇ تېپىپ چىقىدۇ. يەنى دېڭىز ئاستىدىن سۈزىۋالغان قۇلۇلە قېپىنى ئۇۋاپ، بۇنى قوينىڭ يىمەكلىكىگە ئارىلاشتۇرۇپ بىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قويلاردا كالتىسىي كەملىك ئەھۋاللىرى بىراقلا ھەل بولىدۇ.
  ۋىن شەنمىڭ قوي بېقىشتا يەنە نۇرغۇن چارە- تەدبىرلەرنى ئويلاپ تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ باققان قويلىرى سېمىز ھەم ساغلام يېتىلىدۇ. 2006- يىلى10- ئايدا، ۋىن شەنمىڭ بىر تۈركۈم قويلىرىنى ساتماچقى بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بىرىدۇ. تەيفېڭ بورىنى چىقىپ، قوي قوتىنىنىڭ ئۈستىنى بىراقلا ئۇچۇرىۋېتىدۇ.
ۋىن شەنمىڭ شۇ چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ 100 گە يېقىن قويۇم شۇ قېتىملىق تەيفېڭ بورىنىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. قوتانلىرىممۇ بۇزۇلۇپ كەتتى. مەن قويلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئىشىكنى ئىتىۋەتتىم. نەچچە كۈندىن كېيىن تارقىلىشچان كېسەل پەيدا بولۇپ، 400 نەچچە تۇياق قويۇم شۇ جايدا ئۆلۈپ كەتتى، ھېچنېمەم قالمىدى.
تۇيۇقسىز چىققان تەيفېڭ بورىنى ۋىن شەنمىڭغا نىسبەتەن ئېغىر بالايىئاپەت بولدى. قسقىغىنە بىر ھەپتىدە 480 تۇياق قوينىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەپ، بىر مىليون 300 يۈز مىڭ يۈەن زىيان تارتتى. پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تامىقىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئايالى ئاچچىغىدا ئاجرىشىش تەلىپىنى قويدى.
  ۋىن شەنمىڭ مۇنداق دېدى: ئۇ ماڭا سەن يەنە قوي بېقىشتا چىڭ تۇرىدىغان بولساڭ، بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى دېدى. مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئاچچىغىدا دەپ قويغان گەپتەك ھېس قىلىپ، يەنىلا قوي بېقىشنى داۋاملاشتۇردۇم.
  ۋىن شەنمىڭ پۈتۈن بىساتىنى تۈگىتىپمۇ يەنىلا قوي بېقىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۆز كەنتى قوي بېقىشقا ماس كەلمىگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يەرگە بېرىپ بېقىشنى ئويلاپ، كۆپ قېتىم كۆزەتكەندىن كىيىن، بىر جاينى تاللىدى. ۋىن شەنمىڭ يۇرتىدا قوي بېقىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 3 مىليون يۈەن قەرز ئىلىپ، ئۇنىڭغا 500 قوي سېتىۋىلىپ، ئۆزى يالغۇز بىر تاغقا كىرىپ كېتىپ، داۋاملىق قوي باقتى. شۇ تۇرغىنىچە ئۇ ئۇ يەردە 11 يىل تۇرۇپ قالدى.
ۋىن شەنمىڭنىڭ تاغدىكى تۇرالغۇسىغا ئەڭ يېقىپ كەنتمۇ 22 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى. مۇخبىر ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ دەرىزىلىرىمۇ يوق ئىدى. ۋىن شەنمىڭ مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۆينىڭ ئارقىدا قوي قوتىنى بار، كەچلىرى قوتاندا ئاۋاز چىقسا ياكى قويلار قوزىلغاندا ئاڭلىيالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆينىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرىزىنىڭ ئەينەكلىرىنى ئېلىۋەتتىم. كەچلىرى سوغۇق بولۇپ كەتسە قاتمۇ-قات يوتقان يېپىنىپ ياتساملا بولىدۇ.
تاغدا توكمۇ، تېلېفون سىگىنالىمۇ يوق بولغاچقا، تېلېفون ئۇرۇشقا توغرا كەلسە تاغ چوقىسىغا چىقىپ ئۇراتتى. ھەر كۈنى كەچ كىرىشى بىلەنلا، تەنھالىق تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتەتتى. ۋىن شەنمىڭنىڭ يېرىم يىل تاغدىن بىر قېتىممۇ چۈشۈپ باقمىغان ۋاقىتلىرى بولدى. بۇ يەرگە ھېچكىممۇ كەلمەيتتى، شۇڭا ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنى قوينىڭ مەرەشلىرى ئىدى. تاغنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناچار بولسىمۇ، ئوت- چۆپلەر قويۇق ئۆسكەچ، دۇڭشەن قويىغا نسبەتەت ئەڭ ياخشى جاي ھېسابلىناتتى. 2010- يىلىغا كەلگەندە ۋىن شەنمىڭنىڭ ئەستايىدىل پەرۋىش قىلىشى بىلەن ئۇ باققان دۇڭشەن قويىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %95 تىن يۇقىرى بولدى، قوتاندىكى قويلىرى 2 مىڭ 700 دىن ئاشتى. يىللىق سېتىش سوممىسىمۇ 4 مىليون يۈەندىن ئاشتى. ئۇ ئاخىرى ئۆيىدىكلەرگە ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بەردى. ئۆيىدىكلەرمۇ ئۇنى چۈشەندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى