قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى 3- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018-03-13 18:19:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. جاڭ دېجياڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قۇرۇلتايغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

             «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

           جاڭ دېجياڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- مارت تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 3- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»نى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 كىشى، قاتناشقانلار 2964 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 16 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئالدى بىلەن 35 ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىسىنىڭ ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى. ۋاڭ شياۋفېڭ، ياڭ يەن باش بېلەت نازارەتچىسى بولدى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ لايىھەلەرنى ئاۋازغا قويۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش شەكلى قوللىنىلىپ، ئومۇمىي ۋەكىلنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ قوشۇلۇپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللاندى. بېلەت تارقىتىش، بېلەت تولدۇرۇش، بېلەت تاشلاش، بېلەت ھېسابلاش تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملاشتى، سائەت 15 تىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە خىزمەتچىلەر بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئېلان قىلدى: قوشۇلغان ئاۋاز 2958، قارشى ئاۋاز 2، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن ئاۋاز 3.

  ۋاڭ چېن: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى» ماقۇللاندى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جاڭ دېجياڭ قۇرۇلتايغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نوپۇزى ۋە يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلىدى.

  جاڭ دېجياڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئاساسلىق خىزمەتلەرنى يەتتە جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى. بىرىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەرگە ئائىت قانۇن چىقىرىش تىرىشىپ كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئىككىنچى، قانۇننىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇلۇپ، زور ئىسلاھاتلارنى قانۇنغا ئاساسلىنىپ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئۈچىنچى، نازارەتچىلىك خىزمىتى مېخانىزمى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە «ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە» خىزمىتىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلدى. تۆتىنچى، ۋەكىللەر خىزمىتى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ ۋە كېڭەيتىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. بەشىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى پۇختىلاندى. ئالتىنچى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسى تىرىشىپ كۈچەيتىلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىندى. يەتتىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى تۈپ سەۋەب يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتنى پۇختا ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ زىچ ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تولۇق ئىشەنگەنلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  جاڭ دېجياڭ بەش يىللىق خىزمەتتىكى ئاساسلىق تەسىراتنى مۇنداق بەش جەھەتتىن يەكۈنلىدى. بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش شەرت. ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئىلمىي يېتەكچى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت. ئۈچىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگو خەلقىنىڭ خوجايىن بولۇشىنىڭ مۇھىم يولى ۋە ئالىي رېئاللىشىش شەكلى، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت. تۆتىنچى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم كاپالىتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرت. بەشىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، ئۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2018- يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى تۇنجى يىل. 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، دائىمىي كومىتېتنىڭ 2018- يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش خىزمەت پىلانى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەتلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ۋەكىللەر خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى جەزمەن بۇرچنى ئادا قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەلەيدۇ.

  يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ليۇ جيايى، ليۇ سىگۇي، جاڭ چىڭۋېي، خۇ خېپىڭ، دۈەن چۈنخۇا، خې يىچېڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى