قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 3- يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2018-03-13 18:22:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- مارت تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 3- يىغىنى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى قانۇن لايىھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شېن چۈنياۋ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسى تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، لايىھەنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 4- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

  يىغىن قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ قۇرۇلتاينىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار- لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى، قۇرۇلتاينىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، بۇ ئىككى لايىھەنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 4- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  يىغىن قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ شىنجى بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، ئىسىملىك لايىھەسىنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 4- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- مارت تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 4- يىغىن ئۆتكۈزدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئادەم 190، قاتناشقان ئادەم 190، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  3- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسى تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى، قۇرۇلتاينىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى، قۇرۇلتاينىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىپ، قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  يىغىن ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى، قۇرۇلتاينىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار- لايىھەسىنى، قۇرۇلتاينىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى ئىسىملىكى لايىھەسىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى