قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن

2018-03-13 18:32:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاغىلىق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابدۇغېنى ئابابەكرى

 مەن ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە، ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئىستۇدېنت، ئالىي ئىنژېنېر، مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايمەن.

  جەنۇبىي شىنجاڭدا ياشاۋاتقان 50 نەچچە يىل جەريانىدا، مەن جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇم، جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمەن، پەخىرلىنىمەن.

  ھالبۇكى، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە كادىرلار قوشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى، ھەرمىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىماي، «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. مەن زوراۋان- تېررورچىلارغا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، ئۇلار بىزنىڭ تىنچ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، سىياسىي غايىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداندا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتق رىئايە قىلىپ، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي ئادا قىلىمەن؛ مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، تىغ ئۇچىنى ئىچكى قىسىمغا قارىتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەلبىمگە پۈكىمەن، زىممەمگە ئالىمەن، چىڭ تۇتىمەن، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىمەن.

  مەن پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى چىن دىلىمدىن ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، چەكسىز ساداقەت بىلەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن، ئىزچىللاشتۇرىمەن، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاڭلىق ھالدا باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك پائالىيەت سۇپىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

  «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمەن. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى