قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئاممىۋى قار تېيىلىش تىرېنېرلىرى «كىنىشكىسىز ئىشقا چىقىش» تىن خوشلاشتى

2018-03-13 18:35:58     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 

3-ئاينىڭ 9-كۈنى قار تېيىلىش تىرېنېرلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولىدا پارالىل قار تېيىلىشتىن ئۈلگە كۆرسەتمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئاممىۋى قار تېيىلىش تىرېنېرلىرى يېقىندا ئالتاي شەھىرى «جياڭجۈن» قار تېيىلىش مەيدانىدا مۇھىم بىر مەيدان ئىمتىھانغا قاتناشتى. ئىمتىھان ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى يەنى قار تېيىلىش ۋە قار تېيىلىشنى ئۆگىتىشتىن ئېلىندى.

تىرېنېرلارنىڭ ئىمتىھاندا جاۋاب بېرىش سەۋىيەسى بىردەك ئەمەس، كەسپىي ماھىرلارنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىدىغان «ئۇستا» لارمۇ، جىددىيلىشىۋاتقان يېڭى ئۆگەنچىلەرمۇ بار بولۇپ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىر ئورتاقلىقى شۇكى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، ئۇلار ئىزچىل «كىنىشكىسىز ئىشقا چىقىۋاتقان» ئىدى.

ئالتاي شەھىرىدىكى بىر قار تېيىلىش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە تىرېنېر ۋۇ پېڭنىڭ قار تېيىلىشنى ئۆگىتىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى : بۇ كىنىشكا شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگودا ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولدى، مەنمۇ ئىمتىھان بېرىپ كىنىشكا ئېلىشنى تولىمۇ خالايتتىم. ئەمما شىنجاڭدا بۇ سۇپا يوق ئىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا شىنجاڭدا دەسلەپكى دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي يېتەكچىلەرنىڭ دۆلەت كەسپىي سالاھىيىتىنى دەلىللەش بويىچە تۇنجى قارارلىق سىنىپ ئېچىلدى. شۇ چاغدىلا بۇ سىنىپقا چوقۇم تىزىملىتىشنى ئويلاشقانىدىم.

ئىمتىھاندىن بۇرۇن، بارلىق تىرېنېرلار دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت بويىچە قار تېيىلىش تەربىيەلىگۈچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆت كۈن كوللېكتىپ مەشىقلەندى، ئەمما ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ماھارەت سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، خېلى كۆپ تىرېنېرلار مۇۋەپپەقىيەتكە بىر قەدەم يېقىنلاشتى، ئەمما ئۇلارنى 2-باسقۇچتىكى چۈشەندۈرۈپ ئۆگىتىش باسقۇچى ساقلاۋاتاتتى. تىرېنېرلار قار تېيىلىشنى ئۆگىتىش سوئالىنى چەك تارتىپ تاللاپ، سوئالغا ئاساسەن ھەرىكەتنى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئىشلەپ چۈشەندۈرۈشى كېرەك ئىدى.

شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭدا خەتەرلىك ۋە ئالاھىدە تەنتەربىيە تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خەتەرلىك تۈرلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چوقۇم كەسپىي ماھارەتنى دەلىللەش سالاھىيەت كىنىشكىسى بىلەن ئىشقا چىقىشى كېرەك ئىكەن. ئاممىۋى قار تېيىلىش تىرېنېرلىرىمۇ بۇ تەلەپكە ئاساسەن كىنىشكا ئالمىسا بولمايدىكەن.

بۇ قېتىملىق ئىمتىھاننىڭ باھالىغۇچىسى، «1-ئاۋغۇست» قار تېيلىش ئەترىتىنىڭ سابىق ماھىرى ۋاڭ جىڭنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەدبىرى ناھايىتى دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ، كەسىپنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى شۇنداقلا شىنجاڭدا قار تېيىلىش ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى قارشى ئېلىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى : 2005-يىلى ئەتراپىدا مەملىكەت ئىچىدە قار تېيىلىش كەسپىدە كەسپىي سالاھىيەتنى دەلىللەش ئومۇملاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. شۇ چاغدا شىنجاڭدىكى نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا تىرېنېرلارمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى.

ۋاڭ جىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر شىنجاڭدا قار تېيىلىش بويىچە دەسلەپكى دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي يېتەكچىلەرنىڭ دۆلەت كەسپىي سالاھىيىتىنى دەلىللەش سىنىپى ئۈچ قارار ئېچىلغان بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق قار تېيىلىش تىرېنېرى قاتناشقان. ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتى %80-%70 كىچە بولغان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاممىۋى قار تېيىلىش تىرېنېرلىرىنىڭ سانى 1000 غا يېتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «2018-2017 يىللىق قار پەسلىدىكى دۆلەت كەسپىي سالاھىيەتنى دەلىللەش سىنىپى ۋە باھالاش ئىمتىھانى ئاياغلاشتى. كېيىنكى قار پەسلىدە بۇ خىزمەت يەنە داۋاملىشىدۇ.»

 

 

قار تېيىلىش تىرېنېرلىرى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈز يولدا مېڭىش ۋە ئەگىلىش تېخنىكىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى سىناق تەرىقىسىدە چۈشەندۈرمەكتە.

 

3-ئاينىڭ 9-كۈنى قار تېيىلىش تىرېنېرلىرى يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن قانداق قىلىپ بىخەتەر ئورنىدىن تۇرۇشتىن ئۈلگە كۆرسەتمەكتە، ئىمتىھان ئالغۇچىلار نەق مەيداندا نومۇر قويماقتا.

 

 

3-ئاينىڭ 9-كۈنى قار تېيىلىش بويىچە كەسپىي سالاھىيەتنى باھالىغۇچىلار تىرېنېرلارنىڭ ماھارىتىگە نومۇر قويماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى