قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئاددىي رېتسىپلار

2018-03-13 17:19:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياشانغانلاردا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. تۆۋەندە، ياشانغانلاردىكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولغان ئاددىي رېتسىپلاردىن بىر قانچىنى تونۇشتۇرىمىز.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر، تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرگەندە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغۇلى بولىدۇ.
تاتلىق بادام مېغىزىنى كۈنۈگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20- 30 دانە يەپ بەرگەندە ئۇنتۇلغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
لاچىندانە، ھىندى، سېرىق ھېلىلە پوستى، ناۋاتتىن 30 گرام، ئۈستقۇددۇستىن 10 گرام تەييارلاپ سوقۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە، مېڭىنى قۇۋەتلەپ ئۇنتۇغاقلىققا شىپا بولىدۇ.
ياڭاق مۇرابباسىنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن يەپ بەرگەندە، ئۇنتۇغاقلىققا شىپا بولىدۇ.
سامساقنى ئاچىقسۇغا چىلاپ يەپ بەرگەندە،  ئۇنتۇغاقلىققا شىپا بولىدۇ.
تاماققا 30دىن 50 گرامغىچە پىيازنى قوشۇپ يەپ بەرگەندە، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۇنتۇغاقلىققا شىپا بولىدۇ.
كۈندۈر، زەنجىۋىل، ئىگىرلەردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ، كۈندە يەپ بەرگەندە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
رەيھان، قەلەمپۇر، دارچىن، جۇيۇزەيىنلارنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 30 گرام، قىزىل ئۈزۈمدىن 50 گرام ئېلىپ شەربەت تەييارلاپ، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرگەندە، ئاشقازان ۋە مېڭىنى قۇۋەتلەپ، ئۇنتۇغاقلىققا شىپا بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى