قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىستىمالچىلارنىڭ ئاساسلىق ھوقوقلىرى

2018-03-15 17:19:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» دا ئىستېمالچىلارنىڭ ئاساسى ھوقۇقلىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
بىخەتەرلىك ھوقۇقى، بۇ ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋالغان، ئىشلەتكەن ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، جىسمانىي، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى. بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار سېتىۋالىدىغان، ئىشلىتىدىغان تاۋارلار ياكى قوبۇل قىلىدىغان مۇلازىمەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقوقى. بۇ ئىستېمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، يەنى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز تەلىپى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تاللىۋېلىشىغا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
  ئادىل سودا ھوقۇقى. بۇ ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋالغاندا ، مۇلازىمەت قوبۇل قىلغاندا، ئادىل سودىلىشىش، يەنى ئادىل، مۇۋاپىق بولغان بازار ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش ھەركىتى ئېلىپ بېرىش ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
تۆلەم ئېلىش ھوقۇقى. بۇ ئىستېمالچىلار مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشتا، جىسمانىي، مال-مۈلۈك جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىسا قانۇن بۇيىچە تۆلەم ئېلىش ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
 تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ھوقۇقى. بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
بىلىم ئېلىش ھوقۇقى. بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال جەھەتتىكى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر بىلىملەرگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
ھۆرمەت قىلىنىش ھوقوقى. بۇ ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش ۋە مۇلازىمەت قوبۇل قىلىشتا، ئۆزىنىڭ كىشلىك ئىززەت ھۆرمىتى، مىللىي ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.نازارەت قىلىش ھوقوقى. بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەت شۇنىڭدەك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى