قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توردا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالغاندا تۆت چوڭ قىلتاقتىن ئېھتىيات قىلىش توغرىسىدا

2018-03-15 17:30:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۆۋەن باھا قويۇش قىلتىقى: ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش تەننەرخى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما، تور ئىستېمالچىلىرىنىڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش تەلىپىنى قاندۇرۇش ۋە سودا سارايلاردىكى مەھسۇلات بىلەن بولغان باھا پەرقىدىكى تۆۋەن باھانى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاتالمىش زاۋۇت باھاسىدا توردا ساتقان مەخسۇس، ئالاھىدە تەمىنلىگەن مەھسۇلاتنىڭ تىپى ئەمەلىيەتتە ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ ماتېرىيال ئوغرىلىغان، سۈپەتنى تۆۋەنلەتكەن، تەننەرخىنى كېمەيتكەن مەھسۇلاتلار ھېسابلىنىدۇ.
ساختا مال قىلتىقى: ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ، تور سېتىۋېلىش سۇپىسىدا «ئۈچ يوق مەھسۇلات»، يالغان مال، ساختا مال، ھەتتا قايتا رېمونت قىلىنغان مالنى سېتىش قىلتىقى. بۇ، دۆلەتنىڭ C 3 دەرىجىلىك ئىسپاتى قاتارلىق ھەر خىل نىزام ئىسپاتى يوق، ئەڭ تۆۋەن باھا دەپ كىشىنى جەلپ قىلىپ سېتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈدۇ.
مۇلازىمەت قىلتىقى: ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سېتىۋالغاندىن كېيىن قۇراشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىدۇ. بىراق، نۇرغۇن تور دۇكانلىرىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى يوق بولغاچقا، قۇراشتۇرۇش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە مەسئۇل بولمايدۇ، ياكى ئىستېمالچىلار مەھسۇلات قۇراشتۇرۇش، رېمونت قىلىش، ئاسراش مەسىلىسىگە يولۇققاندا زاۋۇتقا، ياكى بىر- بىرىگە ئىتتىرىشىپ، ئامالسىز ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 سېتىشنى تېزلىتىش قىلتىقى: ئاتاقتا سېتىشنى تېزلىتىش دېسىمۇ، بىراق ۋاقىت بىلەن سانى چەكلىك، ئالاھىدە باھالىق مالنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز ھەم ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدىغان ماللارنى ئىستېمالچىلار سېتىۋالالمايدۇ، مال بولمىسىمۇ يالغاندىن تۆۋەن باھاسىنى يېزىپ قويىدۇ. يوق تاۋارنىڭ ئۆز باھاسىنى ياكى باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتقان بولسا، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان ماركا «مەخسۇس تىپى» دەپ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئاتاقتىكى تۆۋەن باھا ھېسابلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى