قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خانىم- قىزلار كەيپىياتىنى كونترول قىلىشى كېرەك

2018-03-15 18:47:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خانىم، سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ- يوق؟ روھىڭىز كۆتۈرۈلگەندە تۇرمۇشىڭىز ناھايىتى گۈزەلدەك تۇيۇلىدۇ. ئىستىقبالىڭىزنىڭ پارلاقلىقىنى، كۈنلىرىڭىزنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمگەنلىكىنى، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئەسكى بولمايدىغانلىقىنى، ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، كىشىلەر بىلەن بولغان ئېلىم- بېرىمىڭىزنىڭ ئازادە ۋە خۇشال- خورام بولۇۋاتقانلىقىنى، قىيىنچلىقتا قالغاندا، بىمالال ئوتتۇرىغا چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلالايسىز. ئەكسىچە كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن بولغاندا، تۇرمۇش گويا ئادەم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە ئاچچىق ۋە شەپقەتسىزدەك تۇيۇلىدۇ. ھەمدە ئەتراپتىكى ئادەم ۋە ئىشلارغا سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىڭىز، خاتا نەزىرىڭىز بىلەن قارايسىز. ھەمىشە ئۇلارنىڭ باشقىچە مۇددىئاسى باردەك ھېسسىياتتا بولىسىز. بۇ چاغدا سىزنى ناچار روھىي كەيپىياتىڭىز قايمۇقتۇرغان بولىدۇ.
 ناچار روھىي كەيپىيات غايەت زور بېسىمدىن كېلىدۇ. ئېھتىمال ئەتىگەندە روھىي كەيپىياتىڭىز ناھايىتى ياخشى بولغان بولسا، يولدىشىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، كۈڭۈلدىكىدەك خىزمىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن خۇرسەن ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىيغىنە پىكاپىڭىزدىن مەمنۇن بولغان بولىسىز، كەلگۈسىڭىزگە ئۈمىد بىلەن قارايسىز. چۈشكۈن روھىي كەيپىيات سىزنى يىراقنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كۆز ئالدىڭىزدىكى بارلىق ئەھۋال سىزنى تەمتىرىتىپ قويىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.
ئادەتتە كەيپىياتنى كونترول قىلالماسلىق ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. دەرۋەقە تۇرمۇش دېگەن ھەرگىزمۇ كەيپىياتىڭىز ناچار چاغدا قارىغىنىڭىزدەك ئادەمنى ئۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەتمەيدۇ. سىز ئەقىللىق ئايال بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەتقىق قىلىپ، ناچار ئەھۋالىڭىزغا دىياگنوز قويۇپ تۇرۇشىڭىز، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەسلىكىڭىز كېرەك. نۇرغۇن خانىم قىزلار كەيپىياتى ئازراق ناچارلىشىپ قالسىلا، ئۆزىنى كونترول قىلالماي زىيادە ئاچچىقلىنىدۇ، ناچار كەيپىياتنى كونترول قىلىشتا شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ھەرگىز كەلسە- كەلمەس ئاچچىقلانماڭ، ئادەمنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلماڭ، ئىنچىكە ئويلاپ ئۆزىڭىزنىڭ ناچار كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىشقا ماھىر بولۇڭ، بۇ سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.    مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن: گۈل ساتىدىغان بىر موماي بار ئىكەن، ئۇنىڭ كىيىملىرى خېلىلا كونا، تېنىمۇ بەك ئاجىز، لېكىن چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىكەن. بىر خېرىدار ئۇنىڭدىن: «بەك خۇشال كۆرىنىسىزغۇ» دەپ سورىغانىكەن. ئۇ: «ھەممە نەرسە شۇنداق گۈزەل تۇرسا، نېمىشقىمۇ خۇشال بولماي» دەپتۇ، خېرىدار يەنە ئۇنىڭغا: «تۇرمۇشىڭىز شۇنداق قىيىنچىلىقتا تۇرسىمۇ خويمۇ چىداشلىك ئىكەنسىز» دەپتىكەن، ئۇ: «تۇرمۇشتىكى ئانچىكى قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن ئۆزىنى تۈگەشتۈرىۋېلىشنىڭ ھاجىتى نېمە» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. دېمەك ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى ئۈمىتلەندۈرۈپ تۇرسىڭىز، تۇرمۇشتىكى قىيىنچلىقلار راستىنلا سىزنى قىينىمايدىغان بولىدۇ، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولغاندا تۇرمۇشقا رەھمەت- ھەشقاللا ئېيتىڭ. كەيپىياتىڭىز ئوسالراق بولغاندا، ئۆزىڭىزنى سالماق، ئادەتتىكىدەك تۇتۇڭ. تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كېيىن سەگەك ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىش ناھايىتى مۇھىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى