قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياشلىق ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىر قانچە ئەڭگۈشتەر

2018-03-15 18:47:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياشلىق ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشتا، ساغلاملىق بويۇملىرىنى ئىستېمال قىلىشقا قارىغاندا ئۆيىدىكىلەر بىلەن  خوشال- خورام پاراڭلىشىش ياكى تەرلىگىچە چېنىقىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياشلىق ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشتا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنىڭ ئۈنىمى بىر قەدەر ياخشىكەن.
ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشچە، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت  قىلىدىغانلار ئىچىدە  %41تىن ئارتۇق كىشىلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كەمدىن كەم پاراڭلىشىدىكەن، گەرچە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلسىمۇ، ئەمما ئۇلار رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ۋە دەردىنى چىقىرىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ كەم بولۇشى ئۇلاردىكى روھىي بېسىمنىڭ ئېغىر بولۇشى ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. دوستمۇ «قېرىماسلىقنىڭ ياخشى دورىسى» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ياشانغانلار ئۇزۇن مەزگىل يالغۇز تۇرغاندا ئاسانلا پىسخىكىلىق بېسىم شەكىللىنىدۇ، ھەتتا ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسى قالايمىقانلىشىپ، ئىمۇنېتىت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، دوستى كۆپ كىشىلەر يەتتە يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. شۇڭلاشقا، پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلار دائىم ئۆيدە بۇرۇقتۇم بولۇپ ئولتۇرماي، تىرىشىپ تۇرمۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، قەدىناس دوستلىرى بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىشى، تونۇمايدىغان قولۇم-قوشنىلارنى كۆرگەندە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىشى كېرەك ئىكەن.
 چېنىقىش. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خىزمىتىنىڭ ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى چېنىقىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمايدۇ، ئەتىگىنى خىزمەتكە ئالدىرىسا، كەچلىرى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، يولدا قاتناش قىستاڭچىلىقى تۈپەيلى جىددىيلىشىدۇ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، تاماق يېيىش ۋە ئارام ئېلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بولىدۇ، يەنە تېخى بەزىلەر زىياپەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ، شۇ سەۋەبلىك چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرەلمەيدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 932 نەپەر ئەر ئىچىدە پەقەت  96 نەپەر ئەرلا ھەر ھەپتىدە مۇقىم ۋاقىتتا چېنىقىدىكەن، %68 ئەر ئاساسەن دېگۈدەك چېنىقمايدىكەن. چېنىقىشنىڭ كەم بولۇشى ئادەمدە ئاسانلا ھېرىپ-چارچاشنى، تەپەككۇرى ئاستا بولۇشنى، روھىي بېسىمى ئېشىپ كېتىشنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەم روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەمىن تاپالماي، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ.
 خوشال كەيپىياتنى ساقلاش. بېيجىڭ شەھىرى مىڭ نەپەردىن ئارتۇق «راك كېسەللىكىگە قارشى چولپان»نى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە بارلىق بىمارلار بىردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ خوشال كەيپىياتتا  ئىكەنلىكىنى، روھىي جەھەتتىن تۈگەشكەندە، ئادەمنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تەتقىقاتچىلار  90 مىڭ نەپەر ئايالنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ %14 تۆۋەن، يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %9 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئادەتتە خىلمۇ خىل ناچار روھىي ھالەتلەر بەدىنىڭىزدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، ئاچچىقلانغاندا تومۇر سوقۇش، يۈرەك سوقۇش، نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. قايغۇ- ھەسرەتكە چۆمگەندە، ھەزىم قىلىش بېزىدىكى سۇيۇقلۇقلار ئازلاپ كېتىپ، ئىشتىھاغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. قورقۇش، يالغان گەپ قىلىش مەركىزى نېرۋىنى جىددىلەشتۈرۈۋېتىپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئۇچوق- يورۇق كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى سەزگۈر كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئادەم خوشال بولغاندا ۋە خاپا  بولغاندا  ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ماددا ئوخشاش بولمايدىكەن. ئادەم خاپا بولغاندا، بۆرەك ئۈستۈنكى بېزى  ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن، بۇ خىل بەز ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمون قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدىكەن. ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىكەن. ئادەم خوشال بولغاندا، ئالاھىدە بىر  خىل ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ھورمون ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى