قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەتلىك ئۈنچىلەر...

2018-03-16 18:55:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھاياتلىق سەپىرىڭىزدە ھەربىر دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزگىنىڭىزدە، ھەربىر بۆلەك يولنى مېڭىپ بولغىنىڭىزدا كەينىڭىزگە بۇرۇلۇپ قاراپ بېقىڭ. كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى قايتىپ كېلەلەمسىز يوق؟ يا بولمىسا توختاپ تۇرۇپ چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن؛ «مەن نەگە بارماقچى؟ نىمە قىلماقچى؟» دەپ ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇڭ. بۇنىڭدا ئېھتىمال ئىشلىرىڭىز ئاددىيلىشىپ، نىشانىڭىزدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىڭىز مۇمكىن، شۇنداق قىلالىسىڭىز ھازىرنى قولدىن بېرىپ قويمايسىز، ئۆزىڭىزنىمۇ يۇقىتىپ قويمايسىز.
ئوخشاش بىر دۇنيادا ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ. ھەر بىرىمىزنىڭ ئېرىشكەن نەرسىمىز ئوخشاش بولمىغىنىدەك يوقاتقان نەرسىلىرىمىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، قۇياشتىن ئايرىلىپ قالغىنىمىزدا، كېچە ئاسمىنىدىكى سان- ساناقسز يۇلتۇرلارغا ئېرىشىمىز؛ غەمسىز بالىلىق چاغلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا، رەڭدار ياشلىق باھار دەۋرىگە قەدەم قويىمىز. تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق ۋە ئازابلار ھەمىشە بىر- بىرىنى تولۇقلاپ تۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بەخت تولىمۇ ئاددىي بولىدۇ. بەخت كۆپ ھاللاردا مەنىۋى قاتلامغا مەنسۈپ بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر ئۆزىگە تايىنىپ ھېس قىلىدۇ. تۇرمۇش ئادىل بولىدۇ، مەيلى سىز جەمئىيەتنىڭ قايسى قاتلىمىدا ياشاڭ، مەيلى سىز باي ياكى كەمبىغەل بولۇڭ، سىز تۇرمۇشقا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز، سىزگە ياشاش ھوقۇقى بەرگەن بۇ دۇنيادىن شۇنداقلا ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن چىن كۈڭلىڭىزدىن مىننەتدار بولسىڭىز، قەلبىڭىزدە پارلاپ تۇرغان ئۈمىد نۇرى بولىدىكەن، ئۇنداقتا، سىز بەخىتلىك ھېسابلىنىسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى