قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پىراۋىدىن بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدىغان قىلمىشلار قايسىلار؟سىز قايسىلارنى بىلىسىز ؟

2018-03-18 17:09:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. ئەگەر شوپۇر ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ، قاتناش ساقچىسى تەكشۈرۈپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكىنى بېكىتسە، شوپۇرنىڭ پىراۋىسىدىن بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىپ، شوپۇر 25 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ھەمدە پىراۋىسى 6 ئاي بىكار قىلىنىپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
2. ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىققاندا، نومۇر تاختىسى ئاسمىسا ياكى نومۇر تاختىسىنى قاتناش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بويىچە ئاسمىسا، نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويسا 12 نومۇر تارتىلىدۇ (ئەسلىدىكى 6 نومۇر تارتىش 12 نومۇر تارتىشقا ئۆزگەرتىلدى).
3. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەپ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن قېچىپ كەتسە، قاتناش ھادىسىسى جىنايەت سادىر قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىدىن 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
4. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۆلىكىدە، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتىن %50 ئېشىپ كېتىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ قالسا، شوپۇرغا جەرىمانە قويۇلغاندىن سىرت، بىراقلا 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
5. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەندە، ساختا، ئوخشىتىپ ياسالغان پىراۋا ياكى ساختا نومۇر تاختىسى ئىشلەتسە، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
6. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا، جىددىي ئەھۋال يولىنى ئۇزاق ۋاقىت سەۋەبسىز ئىگىلىۋالسا ياكى تىجارەت ئاپتوموبىللىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا توختاپ يولۇچىلارنى چۈشۈرسە، 12 نومۇر تارتىلىدۇ. بۇ ئاپتوموبىللار پىكاپ، ئاپتوبۇس، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ۋە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7. شوپۇر ھەيدىگەن ئاپتوموبىل بىلەن پىراۋىدىكى ھەيدەشكە يول قويۇلىدىغان ئاپتوموبىل تىپى توغرا كەلمىسە، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ. 8. ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن باشقا، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ياكى مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدىگەندە، ئارتۇق ئالغان ئادەم %20تىن ئېشىپ كەتسە، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى