قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماشىنا چاقىغا كىرىپ قالغان تاشلار ماشىنىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

2018-03-19 16:30:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاياغ ئاستىغا بىر تال كىچىك تاش قىستۇرۇلۇپ قالسا يول ماڭغاندا بىئاراملىق ھېس قىلىمىز، ئەگەر ئاپتوموبىل چاقىغا كىچىك تاش قىستۇرۇلۇپ قالسىچۇ، ئاپتوموبىلغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟ نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىل ئىگىلىرى چاقىغا قىستۇرۇلۇپ قالغان كىچىك تاشلارغا پەقەتلا ئېرەن قىلمايدۇ، ئەمما بۇنىڭ چاققا بولغان تەسىرىنى ھەقىقەتەن زور دېيىشكە بولىدۇ!
  1. ئەگەر ئاپتوموبىل چاقىغا قىستۇرۇلۇپ قالغان كىچىك تاشلار زىيادە كۆپ بولسا، ھەيدەش جەريانىدا شاۋقۇن كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلاپ، پالاق-پالاق قىلغان ئاۋاز چىقىۋالىدۇ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بۇ ئاۋازنى ئاڭلىسىڭىز شۇنداق بىئارام بولىسىز!
    2. ئاپتوموبىل چاقىدا نۇرغۇنلىغان ئېرىقچىلار بار، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى بولسا، يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە سۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئېرىقچىلار كىچىك تاشلار بىلەن ئېتىلىپ قالسا، ئاپتوموبىل چاقىنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، چاقنىڭ يەرگە يېپىشىش ئىقتىدارىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا جىددىي ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، بەلكىم ئاپتوموبىل تورمۇزى تۇتماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن!
  3. ئەگەر ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەتتە مېڭىۋاتقاندا، ئۇچلۇقراق تاشلارغا يولۇقۇپ قالسا، بەلكىم چاق يۈزىنى تىلىۋېتىشى مۇمكىن. ھەيدىگەن ۋاقىت زىيادە ئۇزاق بولۇپ قالسا، ھەتتا بەلكىم يەل قېچىشى مۇمكىن، ئېغىرراق بولغاندا چاقى ئېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن!
  ئەگەر شەھەر رايونىدا ھەيدەش بولسا، تار گۈللۈك چاقلارنى ئويلاشماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇنداق چاقلار نەم جايلاردا ھەيدەشكە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ئەگەر شەھەرنىڭ ئادەتتىكى يوللىرىدا ھەيدەپ قالساق، ئاسانلا تاش قىستۇرۇلۇپ قالىدۇ! ئادەتتە قەرەللىك ھالدا چاقتىكى قىستۇرۇلۇپ قالغان كىچىك تاشلارنى ئېلىۋېتىش كېرەك، بۇنىڭ چاقىنىڭ بىنورمال ئۇپرىشىنى ئازايتىش رولى بولۇپلا قالماستىن، ئاپتوموبىل ھەيدەش بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم!
  بۇ يەردە كۆپچىلىككە بىر ياخشى چارىنى ئۆگىتىپ قويساق، ھەر قېتىم ئاپتوموبىل ئاسرىغاندا، رېمونتچى خادىملارغا چاق يېلىنى قويغۇزىۋەتسىڭىز، چاقتىكى بارلىق كىچىك تاشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز!

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى