قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇز ۋە ئادەتتىكى قول تورمۇزنىڭ قايسى قولايلىق؟

2018-03-19 16:30:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نۆۋەتتە ئاپتوموبىللارنىڭ سەپلىمىلىرى كۈنسېرى ئىلغارلىشىپ بارماقتا. ئىلگىرى كىشىلەر ئاپتوموبىلدا ABS بار يوقلۇقىنى مۇنازىرە قىلىشقان بولسا، ھازىرغا كەلگەندە ESP توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە نۇرغۇن ئاپتوموبىللار ئەنئەنىۋى مېخانىك قول تورمۇزدىن ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزغا ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇ ئىككى خىل قول تورمۇزنىڭ پىرىنسىپى ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان بولۇپ، تۆۋەندە بىز ئىككىسىنىڭ پەرقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مېخانىك قول تورمۇزدا بىر تال پولات سىم تورمۇز قىسىمىغا تارتىلغان بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزنى تارتقاندا مېخانىك قول تورمۇزدەك ئاۋاز چىقمايدۇ ھەمدە سىستېما ئۆزى تورمۇزلاش ياردەم كۈچى ھاسىل قىلىدۇ.
تۆۋەندە بىز بۇ ئىككى خىل قول تورمۇزنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە كەمچىلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزنى ئەنئەنىۋى مېخانىك قول تورمۇز بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەشغۇلات قىلماق تېخىمۇ ئاسان.
بىرىنچىدىن، مېخانىك قول تورمۇزنى ياخشى تارتمىسا ئاپتوموبىل ئالدى-ئارقىغا مېڭىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بىراق ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزدا بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت بولمايدۇ. پەقەت بىر كۇنۇپكىنى بېسىپ قويسىلا بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇز بوشلۇق ئىگىلىمەيدۇ، پەقەت بىر تال كۇنۇپكا بولسىلا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاپتوموبىل ئىچى تېخىمۇ ئازادە، راھەت بولۇپ، نەرسە-كېرەك قويۇش بوشلۇقى چوڭلايدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن، ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇزى ئىشلىمىگەندە ياكى ماي تەپكىسى، تورمۇز تەپكىسىنى خاتا دەسسەپ سالغاندا، ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزنى تارتقاندا، ESP ياكى EBD سەپلەنگەن ئاپتوموبىللاردا، قوشۇمچە تورمۇزلاش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، تورمۇزلاش كۈچى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.
ئەمدى ئادەتتىكى قول تورمۇزغا كەلسەك، قول تورمۇزنى تارتقاندا، تورمۇزلاش كۈچ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇز ئەۋزەللىككە ئىگە.
تۆۋەندە بىز ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرۈپ باقايلى:
ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇز توك ئارقىلىق ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ئاككۇمۇلياتوردا توك قالماي، ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغىلى بولمىسا، ئاپتوموبىلنى سۆرىتىش تەسكە توختايدۇ، چۈنكى توك بولمىسا ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزنى قويۇۋەتكىلى بولماي، چاق قۇلۇپلىنىپ قالىدۇ. ھازىر بىر قىسىم ئاپتوموبىللاردا مەخسۇس بىر كۇنۇپكا سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ كۇنۇپكا ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزنى بىكار قىلغىلى بولىدۇ. بىراق يەنە بىر قىسىم ئاپتوموبىللاردا بۇ خىل كۇنۇپكا بولمىغاچقا، توك يوق ئەھۋالدا ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزنى قويۇۋەتكىلى بولمايدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇز بىر كىچىك كۇنۇپكا بولغاچقا، مەشغۇلات قىلىش ناھايىتى قولايلىق بولسىمۇ، بىراق ئالدى بىلەن كۆز بىلەن قاراپ كۇنۇپكا ئورنىنى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەنئەنىۋى قول تورمۇزدا كۆز بىلەن قاراش كەتمەيدۇ، قولنى سۇنۇپلا تۇتقىلى بولىدۇ، مەشغۇلات خاتالىقى كۆرۈلمەيدۇ، دىققەتنى بۆلۈپ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىش بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئويۇنخۇمار دوستلار ئۈچۈن، يەنى ئاپتوموبىلدا ھەرىكەت چىقىرىپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان، لەيلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئادەتتىكى مېخانىك قول تورمۇز ھەقىقىي ئاپتوموبىل ھەيدەش تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدۇ.
مەشغۇلاتنىڭ ئاددىيلىقى، بوشلۇقتىن پايدىلىنىش جەھەتتىن ئالغاندا، ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇز بىر قەدەر يۇقىرى ئەۋزەللىككە ئىگە.
نۆۋەتتىكى ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزلاردا يەنە Autohold ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇنى ئېچىپ قويغاندىن كېيىن، قىزىل چىراغدا توختىغاندا، تورمۇزنى دەسسەپ تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، ناھايىتى قولايلىق.
ئەگەر قولايلىق، نەپىس بولۇشنى قوغلاشسىڭىز، ئىقتىسادىڭىز يېتەرلىك بولسا، ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇزلۇق ئاپتوموبىلنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، بىراق پەقەت قول تورمۇزغىلا قاراشمۇ ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس، ئاپتوموبىلنىڭ باشقا سەپلىمىلىرىگىمۇ ياخشى قاراش كېرەك. ئادەتتىكى قول تورمۇزنىڭمۇ يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ئارتۇقچىلىقلىرى بار، شۇڭا ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قىزىقىشىغا قاراپ تاللىسا بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى