قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى

2018-03-20 09:40:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى

    شى جىنپىڭ

         ۋاڭ چىشەن دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى

   يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت رەھبەرلىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى

     يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى تەستىقلاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17- مارت تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى.

  سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  يىغىن يەنە لى جەنشۇنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا، ۋاڭ چىشەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 كىشى، قاتناشقىنى 2970 كىشى، قاتنىشالمىغىنى ئون كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى چېن شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ۋاڭ دۇڭمىڭ، شۈ چىلياڭ، جاڭ شۈەن، لوۋ چىنجيەن، لو خۇينىڭ، جياڭ چاۋلياڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدا ئولتۇردى.

  يىغىن ئالدى بىلەن 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارارىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، بۇ لايىھەنى تەستىقلىدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: گوۋۇيۈەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىن ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ سايلام ۋە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسىنى ماقۇللىدى.

  سائەت 9دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە سايلام باشلاندى. بېلەت نازارەتچىلىرى ئالدى بىلەن يىغىن مەيدانىدا تەسىس قىلىنغان 28 ئېلېكتىرونلۇق بېلەت ساندۇقى، ئېلېكتىرونلۇق سايلام سىستېمىسىنى تەكشۈردى. ئارقىدىن خىزمەتچى خادىملار بېلەتنى تارقاتتى، ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى تۆت خىل سايلام بېلىتى ھەر بىر ۋەكىلنىڭ قولىغا ئايرىم- ئايرىم تارقىتىپ بېرىلدى. سايلام بېلىتى خەنزۇ يېزىقى ۋە يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا بېسىلدى.

  ئارقىدىن ۋەكىللەر بېلەت تولدۇرۇشقا باشلىدى. يىغىن زالىنىڭ ئارقا تەرىپىدە مەخپىي بېلەت تولدۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىندى.

  سايلام ۋە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنى تەڭ نامزاتلىق سايلاش سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  سائەت 9دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئالدى بىلەن بېلەت تاشلىدى. ئارقىدىن ۋەكىللەر بېلەت تاشلاشقا باشلىدى. بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىسى سايلام بېلىتىنىڭ تارقىتىلىش ۋە يىغىۋېلىنىش ئەھۋالىنى، سايلامنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلدى.

  خىزمەتچى خادىملار بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

  بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسى سايلىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تولۇق 2970 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى كۆرسىتىلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  رىياسەتچى:

  يولداش شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، دەپ جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. بارلىق ۋەكىل ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن چاۋاك چېلىپ شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.

  رىياسەتچى يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، يىغىن مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  ئارقىدىن، رىياسەتچى تەرتىپ بويىچە:

  يولداش لى جەنشۇ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. يولداش ۋاڭ چىشەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى، دەپ جاكارلىدى.

  يولداش ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  يولداش ياڭ جېنۋۇ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى.

  ھەربىر سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ئالقىش ساداسى ئىچىدە، يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئارقىدىن ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، شى جىنپىڭ ئۇنى تەبرىكلىدى. لى جەنشۇ يەنە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى. جاڭ دېجياڭمۇ شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، رەھمەت ئېيتىپ، ھۆرمەت بىلدۈردى.

  ئالقىش ساداسى ئىچىدە، يېڭىدىن سايلانغان دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشنى تەشكىللەش چارىسىگە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك كۈنتەرتىپلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  سائەت 10 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىسى نەق مەيداندا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى.

  قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ 12 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى ئىككى سەپ بولۇپ، يىغىن مەيدانىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ھۆرمەت قەدىمى بىلەن رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كېلىپ تىك تۇردى.

  ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى. ئۈچ نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى ھۆرمەت قەدىمى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى رەئىس سەھنىسىگە ئېلىپ كىردى ھەم ئاساسىي قانۇننى قەسەم بېرىش مۇنبىرىگە قويدى.

  ھەربىي ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى.

  ئارقىدىنلا، خىزمەتچى خادىم: ھازىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قەسەم بېرىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

  رەئىسنىڭ سەھنىگە چىقىش سىگنالىنىڭ چېلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدىكى ئورنىدىن تۇرۇپ، قەسەم بېرىش مۇنبىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى.

  رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. نەق مەيداندىكى 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بۇ مۇقەددەس پەيتكە بىرلىكتە شاھىت بولدى.

  شى جىنپىڭ سول قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ تۇرۇپ، ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ، تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

  «مەن شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولىمەن، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، پاك- دىيانەتلىك بولىمەن، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمەن، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!»

  جاراڭلىق قەسەم ئاۋازى خەلق سارىيىدا ياڭرىدى.

  قەسەم بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ پۈتۈن مەيداندىكىلەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. نەق مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ئارقىدىن، يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ، يېڭىدىن سايلانغان دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى، يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى كوللېكتىپ قەسەم بەردى.

    13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 5- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

    سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى