قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن لى كېچياڭنىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى بولۇشىنى قارار قىلدى

2018-03-20 23:07:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 6- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، لى كېچياڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى بولۇشىنى قارار قىلدى.

  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ لى كېچياڭ بىلەن سەمىمىي كۆرۈشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18-مارت تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 6- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، لى كېچياڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى بولۇشىنى قارار قىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، يىغىننىڭ قارارىغا ئاساسەن، لى كېچياڭنى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 كىشى، قاتناشقانلار 2966 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 14 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىنغا قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى شېن يۆيۆ رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن يۈ ۋېيگو، چې جۈن، شى تەيفېڭ، سۈن جىگاڭ، دۇ جياخاۋ، لى جىخېڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىلىرى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى نامزاتىنى قارار قىلىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى قارار قىلىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى سايلاش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى سايلاش؛ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاش؛ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش.

  شى جىنپىڭ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى نامزاتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى غۇلغۇلا قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىش پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى نامزاتلارنى بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارار قىلىپ تەيىنلىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى نامزاتىنى كۆرسىتىش خېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسىتىش خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

  ھەيئەت رىياسىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نامزاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نامزاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نامزاتى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى غۇلغۇلا قىلىپ كېڭەشتى. كۆپ ساندىكى ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى رەسمىي سايلام نامزاتى ئىسىملىكىنى بېكىتىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ سايلىشىغا سۇندى.

  سائەت 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، باش بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئېلېكتىرونلۇق بېلەت ساندۇقى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سايلام سىستېمىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى تارقىتىشقا باشلىدى. ھەر بىر ۋەكىل ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى ئالتە خىل سايلام بېلىتىنى ئالدى.

  قۇرۇلتاينىڭ سايلام ۋە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى نامزاتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى سايلاشتا ئاۋاز بېرىش بېلىتى ئىشلىتىش، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى سايلاشتا سايلام بېلىتى ئىشلىتىش قارار قىلىندى.

  بېلەت تولدۇرۇش، بېلەت تاشلاش، بېلەت ھېسابلاش ئارقىلىق، سائەت 10 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، خىزمەتچىلەر ئاۋاز بېرىش بېلىتى، سايلام بېلىتىنى ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

  رىياسەتچى يولداش لى كېچياڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، لى كېچياڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. لى كېچياڭ شى جىنپىڭ تۇرغان تەرەپكە بۇرۇلدى، ئىككىيلەن قىزغىن قول ئېلىشتى، شى جىنپىڭ لى كېچياڭنى تەبرىكلىدى.

  ئارقىدىن رىياسەتچى تەرتىپ بويىچە مۇنۇلارنى جاكارلىدى:

  يولداش شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى.

  يولداش ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى.

  يولداش ياڭ شياۋدۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى.

  يولداش جوۋ چياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  يولداش جاڭ جۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىگە سايلاندى.

  159 نامزات 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

  ھەر بىر تۈرلۈك ئاۋاز بېرىش، سايلاش نەتىجىسى جاكارلانغاندا، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشنى تەشكىللەش چارىسىگە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ قەسەم بەردى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى