قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زۇڭلى لى كېچياڭ ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلغان جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

2018-03-23 13:33:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىننىڭ باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې يىغىنغا قاتناشتى. سۈرەتتە: لى كېچياڭ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20- مارت تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىننىڭ باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې يىغىنغا قاتناشتى.   زۇڭلى لى كېچياڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا مۇئاۋىن زۇڭلىلارنى تونۇشتۇردى ھەم كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى، كۆپچىلىكنىڭ سوئال سورىشىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   بلومبېرگ ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئۆتكەن 40 يىلدا، جۇڭگو غايەت زور ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەچچە يۈز مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. جۇڭگو يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر تېخىمۇ مۇرەككەپ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، بۇ، بۇ قېتىمقى «ئىككى يىغىن»دا ماقۇللانغان ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھات لايىھەسى ھەم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلاردا مەركەزلىك ئىپادىلەندى. بولۇپمۇ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، جۇڭگو يولغا قويغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىدە ئۆتكەن 40 يىلدىكى بىلەن قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟   لى كېچياڭ: جۇڭگو 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئېچىۋېتىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئېچىۋېتىش ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو خەلقى ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسىنى كۆردى. بۇلتۇر يىل بېشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە نۇتۇق ئېلان قىلغاندا، جۇڭگونىڭ ئەركىن سودىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى، ئېچىۋېتىشنىڭ جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەگەر جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بار دېسەك، ئۇ بولسىمۇ ئېچىۋېتىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدى، ئىشىكنى ئېتىۋېلىش ئۆز يولىمىزنى توسقانلىق.   يېڭى ئۆزگىرىش ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئېچىۋېتىش جەھەتتە يەنە خېلىلا كەڭ بوشلۇق ۋە يوشۇرۇن كۈچىمىز بار. مەسىلەن، مال سودىسىدا تاۋار ئىمپورت بېجى نىسبىتى سەۋىيەمىز دۇنيادا ئوتتۇراھال سەۋىيەدە تۇرىدۇ، بىز ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىش پوزىتسىيەمىز بىلەن تاۋار ئىمپورت ئومۇمىي باج نىسبىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشنى خالايمىز. بازىرى ئىتتىك بەزى ئىستېمال بۇيۇملىرى، جۈملىدىن دورا، بولۇپمۇ ئامما، كېسەللەر جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان راكقا قارشى دورىلار جەھەتتە، بىز ئىمپورت بېجى نىسبىتىنى بىرقەدەر زور كۆلەمدە چۈشۈرۈپ، راكقا قارشى دورىلاردىن باج ئالماسلىققا تىرىشىمىز. مۇلازىمەت سودىسى جەھەتتە، بىزدە ھازىر تەتۈر پەرق مەۋجۇت، مۇلازىمەت كەسپىنى تېخىمۇ قويۇۋەتسەك، سەل بەدەل تۆلىسەكمۇ، كەسىپلىرىمىزنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، مۇھىمى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىش زۆرۈر. مەسىلەن، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، مائارىپ، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە، بىز ئىجازەتنى قويۇۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بەزى ساھەلەردە پاي ھوقۇقىغا قويۇلىدىغان چەكلىمىنى تەدرىجىي بوشاشتۇرىمىز، ھەتتا بىكار قىلىمىز. بىز يەنە ياسىمىچىلىق كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىمىز، بۇ جەھەتتە تېخنىكىنى مەجبۇرىي ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايمىز.   چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشتىكى پاسسىپ تىزىملىكنى تېخىمۇ تەڭشەپ ئازايتىمىز. بۇ يىل ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا ئىجازەت تەدرىجىي بوشاشتۇرۇلىدۇ. بىز يەنە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشقا چېتىلىدىغان ئۈچ قانۇننى بىرلەشتۈرۈپ بىر ئاساسلىق قانۇن قىلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى بازارغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارغا پۇقراۋى مۇئامىلە قىلىش ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. سىز تىلغا ئالغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئاپپارات ئىسلاھاتى بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالساق، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى ۋە ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى تەستىقلىدى، بىز ئاساسىي قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بۇ بىزنىڭ ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشىمىزغا تېخىمۇ پايدىلىق.   مەن گېزىتتىن بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشى توغرىسىدا ئۇنداق- مۇنداق گەپلەرنى قىلغانلىقىنى كۆردۈم، شۇڭا مەن بۇ ھەقتە سەل توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بىزنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىمىز − 1 مىليارد 300 مىليون كىشىلىك بازارنى تەدرىجىي ھالدا جۇڭگو - چەت ئەل كارخانىلىرى، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازارغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىپ، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەت يۆنىلىشىنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش.   دېمەك، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشى تەدرىجىي ئىلگىرىلەش جەريانى بولۇپ، بەزىلىرى ئەينى چاغدا قارىماققا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان ئېچىۋېتىش تەدبىرىدەك كۆرۈنسىمۇ، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن قايتا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كىشىنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بەش يىل ئىلگىرى بىز شەخسىي ئىش بىلەن چەت ئەلگە چىقىش پاسپورتى بېجىرىش ۋە چېگرادىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرغانىدۇق، نەتىجىدە چېگرادىن چىققان ئادەم )قېتىم( سانى ئەينى يىلىدىكى 70 نەچچە مىليوندىن بۇلتۇر 130 نەچچە مىليونغا يەتتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ساياھەت ۋە ئىستېمال ئۈچۈن چەت ئەلگە چىققان. شۇڭا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىگە قارىغاندا، تەپسىلات ۋە ساھەگىلا قاراپ قالماي، يىراق كەلگۈسى ۋە پۈتۈن ئىستىقبالىغا قاراش كېرەك. ئېچىۋېتىش قوش يۆنىلىشلىك، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك، خۇددى ئىككى كىشى قولۋاق ھەيدىگەندە، بىرلا كىشى كۈچىسە قولۋاق ئۆز ئورنىدا ئايلىنىۋېرىدۇ، ئىككى كىشى تەڭ كۈچىگەندە ئاندىن ئالدىغا ماڭىدۇ.   جۇڭگو گېزىتى مۇخبىرى: زۇڭلى، ياخشىمۇسىز، بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە بەزى ۋەكىللەر، ئەزالار ئەينى يىلىGDP نى تۇتقاندەك، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى تۇتۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بەزىلەر جۇڭگونىڭ ھازىرقى تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخى يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى، ئىش بېجىرىش يەنىلا قىيىنراق، دەۋاتىدۇ. سىزدىن سوراپ باقسام، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدا بېرىش قانچىلىك بولىدۇ؟ بەرگەندىن كېيىن قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟ بىرەر ئېنىق نىشان بارمۇ؟مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى: ھازىر بەزى پۇقراۋى كارخانىچىلار مۈلكىنىڭ ئۈنۈملۈك قوغدالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ، كۆڭلىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق، مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئامال قىلىپ مۈلكىنى چەت ئەلگە يۆتكەۋاتىدۇ، بەزى جايلاردا كارخانىچىلار ھۆكۈمەت قىلىدىغاننى قىلمىدى، ئىشنى قالايمىقان قىلدى، دەپ ئەرز قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ بۇنداق مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلماقچى؟  لى كېچياڭ: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، بىز «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك» تە ئىزچىل چىڭ تۇردۇق، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دۆلەت كارخانىسى، پۇقراۋى كارخانا قاتارلىق تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، تۆھپە قوشتى. ھازىر پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ باج نىسبىتى تەڭ يېرىمنى ئىگىلەيدۇ، شەھەر - بازارلارنىڭ يېڭىدىن ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %90كە يەتتى. دەرۋەقە، بىر مەزگىلدىن بۇيان، ھەقىقەتەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى سۇسلىشىشتەك ئەھۋال كۆرۈلدى، بۇ مۈلۈكنى قوغداش ۋە كۆپ تەرەپتىكى مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىز بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز.  مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق − سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇل تېشىنى قوغدىغانلىق، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، بىز تۈرلۈك قانۇنلۇق مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئىزچىل كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ كەلدۇق، ھالبۇكى، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئۇنى ھەل قىلىش كېرەك. بۇلتۇرقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بەزىلەر ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن مەسىلە كۆرۈلەمدۇ، دەپ ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، بىز مۇددىتى ئۇزارتىلىدۇ، سودىلىشىشقا تەسىر يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەھەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى چىڭ تۇتىمىز، دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە. دېھقانلارنىڭ 2- قېتىملىق يەر ھۆددە ئېلىش مۇددىتىنىڭ توشقانلىقىغا قارىتا، بىز يەنە داۋاملىق 30 يىل ئۇزارتىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز يەنە نۇرغۇن جەھەتتە تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنلۇق مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، قانۇندىن پايدىلىنىپ قوغداشنى كۈچەيتىمىز، بۇمۇ قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرغانلىق.  مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا توختامغا ھۆرمەت قىلىپ، كېلىشىم روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، توختامنى كېرەكسىز قەغەز ئورنىدا كۆرمەسلىك كېرەك. دەرۋەقە، بەزى جايلارنىڭ بىر قىسىم قىلمىشلىرى ياخشى بولمىدى، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتنى ئېتىراپ قىلمىدى، ئەمەلدار ئالماشسىلا، ئىلگىرىكى توختام كۈچتىن قالدى. سىياسەتنى يولغا قويۇشتا ئىزچىللىق ھەممىدىن مۇھىم، توختامنى كېرەكسىز قەغەز ئورنىدا كۆرۈشكە بولمايدۇ. بۇنداق قىلمىشلارنى قەتئىي توسىمىز ھەم جازالايمىز. بۇلتۇر ئالاقىدار تارماقلار بىر قانچە تىپىك دېلونى تۇتۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق خاتا دېلولارنى تۈزەتتى، بۇمۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزنى نامايان قىلدى، بىز جەمئىيەتكە داۋاملىق ئۇچۇر تارقىتىپ، تۇراقلىق مۈلۈك ئىگىدارلىرىنىڭ كۆڭلىنى تۇراقلاشتۇردۇق، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىشەنچكە ئىگە قىلدۇق، تۈرلۈك مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىدارلىرىنى خاتىرجەم قىلدۇق، بارلىق قانۇنلۇق مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىدارلىرىغا ئۇزاق ئۈنۈملۈك «تىنچلاندۇرۇش كۇمىلىچى» يېگۈزدۇق.  سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى مۇخبىرى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، بەزىلەر تەنقىد قىلىپ، جۇڭگو كاپىتالنى بارغانسېرى كۆپ ئىشلىتىپ ۋە جۇڭگو بازىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى سىياسىي قورال قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، ھەتتا سىياسىي سىڭدۈرمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. سىز بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟ سىزنىڭچە، باشقىلار جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك كېڭەيمىچىلىكىدىن ئەنسىرەمدۇ؟  لى كېچياڭ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ٪30تىن ئاشتى، بۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغىمۇ تۆھپە قوشقانلىق. چۈنكى، ھەمكارلىق ۋە سودا كېڭەيسە، تېخىمۇ كۆپ كېڭىشىش ۋە سۆھبەت بارلىققا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن توقۇنۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. جۇڭگو مەدەنىيىتى ئەزەلدىن «ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغا زورلىما»دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ، بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئىناقلىقنى ئەلا بىلىش. بىز دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئۆزىمىزنىڭ بىر سۇڭ زېمىنىنىمۇ يوقىتىپ قويمايمىز ھەم يوقاتمايمىز، باشقىلارنىڭ بىر سۇڭ زېمىنىغىمۇ چېقىلمايمىز، بۇ ئوخشاش قائىدە، بىزنىڭ مېڭىۋاتقىنىمىز تىنچ تەرەققىيات يولى.  جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى تەرەققىياتى تىنچ خەلقئارا مۇھىتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن، بۇنىڭدىن كېيىن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە تىنچ خەلقئارا مۇھىتقا موھتاج بولىمىز. بۇ يەردە مەن مۇنداق ئىككى نۇقتىنى تەكىتلىمەكچى:  بىرىنچى، جۇڭگو مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بىزنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئويىمىز يوق، كەلگۈسىدە قۇدرەت تاپقان تەقدىردىمۇ، ھەرگىز زومىگەرلىك يولىدا ماڭمايمىز. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايمىز. بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىمىز بازار قائىدىسى، سودا پىرىنسىپى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بىز تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئۈچۈندۇر. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، ھېچقانداق سىياسىي شەرت قويمىدۇق، بۇنى قانداقتۇر سىياسىي سىڭدۈرمىچىلىك دېگىلى بولمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بەزى تەرەپلەردە جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ زىممىمىزگە ئالالايدىغىنىمىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنىمىزغا مۇناسىپ خەلقئارا مەسئۇلىيەتتۇر. ئەگەر بۇلار ئىستراتېگىيەلىك كېڭەيمىچىلىك، دەپ قارالسا، ئۇنداقتا، بۇ يېڭىلىشكەنلىك ياكى خاتا چۈشەنگەنلىك.  ئىككىنچى، بىز زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىمىز. بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، زۇڭلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلە ۋە باش ئاغرىتىدىغان نۇقتىلار بار، ھۆكۈمەت ھەر كۈنى مۇشۇ خىلدىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. بىزنىڭ زىيارەتكە چىقىشىمىز ۋە خەلقئارا ئالاقە قىلىشىمىز تىنچ، مۇقىم خەلقئارا ۋە ئەتىراپ مۇھىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئورتاق پايدا ئېلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر، بۇ نۇقتىدا كاللىمىز ناھايىتى سەگەك.  خەلق گېزىتى مۇخبىرى: بىز سىز بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، تېخىمۇ ئادىل، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يارقىن  نۇقتىسى قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەنلىكىڭىزگە دىققەت قىلدۇق، ئەمما رېئال تۇرمۇشتا، مەسىلەن، ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يەنە ئىش ئورنى ئالماشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن، كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەرنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردا يەنىلا قىيىنچىلىق ئاز ئەمەس، بۇلار كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىنىڭ نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سىز بۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلماقچى؟  لى كېچياڭ: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە خەلق باھا بېرىدۇ، ئەگەر ئىشسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن سىزنىڭ بۇ يىل توغرىسىدىكى سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەي، كەلگۈسى بەش يىلدا قانداق بولىدۇ، بۇنىڭدا بۇ يىل قانداق قىلغانلىقىمىزغا قارايمىز.  ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر يارقىن نۇقتا شۇكى، شەھەر- بازارلاردا 66 مىليوندىن كۆپرەك كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نىسبەتەن تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى ساقلاپ قېلىندى. ئىشقا ئورۇنلىشىش بىر ئائىلە ئۈچۈن ئەڭ زور ئىش. بىر ئائىلىدە بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشالمىسا، بۇنداق ئائىلىدە جۇشقۇنلۇق بولمايدۇ. ئەگەر ئىستۇدېنتلار ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشسىز قالسا، ئۈمىدسىزلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىشىمىز، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. شەھەر- بازارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تېخىمۇ تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شەھەر- بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەكشۈرۈش تۇنجى قېتىم كۆزلىمە نىشانغا كىرگۈزۈلدى، بۇنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز بېسىم قىلىش دېيىشكىمۇ بولىدۇ.  بۇ يەردە مەن مۇنداق بىر چوڭ ھېسابات قىلىپ بېرەي: بۇ يىل شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن كۆپىيىدىغان ئەمگەكچى 15 مىليوندىن 16 مىليونغىچە بولۇپ، بىز ئاز دېگەندە 11مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىپ بېكىتتۇق، ئەمما 13 مىليوندىن ئاشۇرۇشنى يۆنىلىش قىلدۇق، ئالدىنقى نەچچە يىلدا بىز بۇنى قىلالىدۇق، بۇ يىلمۇ بۇنى قىلالماسلىققا باھانىمىز يوق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىزنىڭ يەنە 280 مىليون دېھقان ئىشلەمچىمىز بار، ئۇلار شەھەرلەشتۈرۈش داۋامىدا بىنا سېلىپ، يول ياساپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شەھەرگە كىرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق كىرىمىنى كۆپەيتىدۇ، بۇ يىل يېزىلاردىن ئاز دېگەندە يېڭىدىن كۆپەيگەن 4- 3 مىليون ئەمگەكچى يۆتكىلىدۇ، شۇڭا، دېھقان ئىشلەمچىلەرگە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشتە بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بار.  بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار 8 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيەگە يېتىدۇ، يەنە 5 مىليون ئوقۇغۇچى ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزىدۇ، يەنە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن، كەسىپ ئالماشتۇرغان 1 مىليونغا يېقىن ھەربىي، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتە ئىش ئورنى ئالماشتۇرۇلغان ئىشچى- خىزمەتچى بار، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا جەزمەن تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىنىڭ كۆرۈلۈشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىش ئورنىنى يەنىمۇ كۆپەيتىشىمىزگە، بولۇپمۇ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز كۆپ جەھەتتىن تىرىشىش ئارقىلىق، نىسبەتەن تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز، بۇ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىدۇ. كۆپچىلىك ئويلاپ باقايلى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالە، 800 مىليوندىن كۆپرەك ئەمگەكچىنى نىسبەتەن تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالىساق، يارىتىلىدىغان بايلىق مۆلچەرلىگۈسىز بولىدۇ، بۇ ھەم دۇنيا بازىرىغىمۇ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.  ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى مۇخبىرى: يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن كىشى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ئىگىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. شۇڭا  نۇرغۇن كىشى جۇڭگوغا قارشى سودا جېڭى قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئەندىزىدە قوللانغان ئادىل بولمىغان سودا ۋە كەسىپ سىياسىتىنى جازالاش كېرەك، دەپ قارىماقتا. سىز قانداق تەدبىر قوللىنىپ ئامېرىكا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىپ، سودا جېڭىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىسىز؟ سۆھبەت يەنە بۇ جىددىي تەھدىتنى ھەل قىلالايدۇ، دەپ قارامسىز؟ ئەگەر سودا جېڭى باشلانسا، جۇڭگو نېمىلەرنى قىلىدۇ؟ مەسىلەن، جۇڭگو زور سوممىلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ۋە ئامېرىكا زايومىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشامدۇ- يوق؟  لى كېچياڭ: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا جېڭى توغرىسىدا غۇلغۇلا بىر قەدەر كۆپىيىپ قالدى، لېكىن مېنىڭچە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سودا جېڭى قىلسا ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز، بۇنىڭدا ھېچكىم غەلىبە قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سودىنى ئەگەر «جەڭ قىلىش» دېگەن بۇ سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىسەك، سودا پىرىنسىپىغا زىت. چۈنكى سودىدا كېڭىشىش، سۆھبەتلىشىش، سۆزلىشىش ئارقىلىق تالاش- تارتىشلار ھەل قىلىنىدۇ. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلماسلىقىنى، ئاقىل بولۇپ، سودا جېڭىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  بۇلتۇر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا كۆلىمى 580 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى، بۇ نەتىجىلەر بازارغا تايىنىپ، سودا قائىدىسى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشتىن قولغا كەلگەن، ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇنداق زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكىلا ئەمەس، بىزمۇ چوڭراق سودا قىزىل رەقىمىنىڭ كۆرۈلۈشىنى خالىمايمىز. بىز سودىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بولمىسا داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ.  بايا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرلىرى ئۈستىدە توختالدىم، بۇ مۇلازىمەتچىلىك، ياسىمىچىلىق، تاۋار قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا كارخانىلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىزمۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىنى قويۇۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغدايمىز. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو- ئامېرىكا سودىسىدىكى بۇ تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچنى يىتتۈرۈپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، بولمىسا پۇل تېپىش پۇرسىتىدىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ.  جۇڭگونىڭ غايەت زور تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بار. تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشتا، بىز ئەزەلدىن بازار قانۇنىيىتى بويىچە كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇپ ئىش قىلىپ كەلدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان ئۇزاق مۇددەت مەبلەغ سالغۇچى. جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى ئۆز ئارا كۈچلۈك تولۇقلاشچانلىققا ئىگە. جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت ئۈچۈن، دۇنيا ئۈچۈن ياخشى ئىش. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىشقا كەلسەك، مېنىڭچە، بۇ بىر ئارتۇقچە ئەندىشە.  جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: بىز ئالدىنقى مەزگىللەردە جۇڭگودىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سۇغۇرتا، پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى بىر قىسىم كارخانىلارغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلدۇق. سىزدىن سوراپ باقسام، بۇ ئۇسۇل يەنە داۋاملىشامدۇ؟ بۇ يەنە جۇڭگودا يېڭى بىر خەۋپ- خەتەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرەمدۇ؟ جۇڭگودا سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارمۇ- يوق؟  لى كېچياڭ: مەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، جۇڭگونىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى ياخشى، پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىمۇ سىلىق، ساغلام. ئەلۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 80 تىرىليون يۈەندىن، بانكا مۈلكى 250 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، ئانچە- مۇنچە خەۋپ- خەتەرنىڭ بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. كونىلاردا، بۇلۇت كۆپ بولسا يامغۇر ياغىدۇ، دەرەخ ئېگىز بولسا شامالدا ئىغاڭشىيدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن ئىلگىرى مۇشۇ يەردە، بانكىلىرىمىزدا كاپىتالنىڭ يېتەرلىك بولۇش نىسبىتى ۋە زاپاس پۇل ئاجرىتىشنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى يۇقىرىراق، خەلقئارا ئۆلچەمدىن يۇقىرى، دېگەنىدىم. مەن بۇ يەردە يەنە، ھازىر سودا بانكىلىرىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى %15 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ 20 نەچچە تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك تەييارلىق فوندىنى ئامانەت قويغانغا باراۋەر، بۇنى خەۋپ -خەتەرگە تەييارلىق كۆرۈش فوندى، دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ، دېمەكچى.  بىز بۇ يىل يەنە قىزىل رەقەم نىسبىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنلەتتۇق، چۈنكى بۇلتۇر جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، مالىيە كىرىمى كۆزلىمىدىن ئاشتى. مەركەز مالىيە كىرىمىلا 250 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بىز بۇنى ئىشلەتمەي، بۇ يىلغا قالدۇرۇپ قويدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدىكى مالىيە كىرىمىمۇ ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى، بىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، شۇڭا بىز بۇ يۆنىلىش بويىچە قىزىل رەقەم نىسبىتىنى داۋاملىق تىرىشىپ تۆۋەنلىتىمىز. ئەلۋەتتە، قىزىل رەقەم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىزنىڭ بۇ يىلقى مالىيە چىقىمىمىز بۇلتۇرقى مالىيە چىقىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، كۆپىيىدىغان مىقدارىمۇ ئاز ئەمەس. بىزنىڭ قىزىل رەقەم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىمىز ئىشەنچنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا بۇ خەلقئارادىكى ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ كۆپىيىشىگە، مەملىكەت ئىچىدە كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم يېڭى خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىقتۇر.  ئەلۋەتتە، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىمۇ قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ بەزى قىلمىشلار ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان قىلمىشلار باش كۆتۈرمەكتە. بىزنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىمىز يېقىندا بۇ تارقاق ھالەتتىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قول سېلىپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلدى، تېشىۋېتىشكە تېگىشلىك «يىرىڭ»نى تېشىۋېتىش كېرەك، بولمىسا ئەخلاق كىرىزىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىز بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. كەلگۈسىدە مۇشۇنداق مەسىلىلەر يۈز بەرسە، يەنىلا كەسكىن بىر تەرەپ قىلىمىز.  بىز نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قىلمىشىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتىنى بىرلەشتۈردۇق. ئەلۋەتتە، يەنە بىر كونا مەسىلە، يەنى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش مەسىلىسى بار، ھۆكۈمەت زەربە بېرىش سالمىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر سۆزنى ئېيتىپ قويۇشنى ئويلاپ قالدىم: مەبلەغ سالغۇچىلار ئاشۇ قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغۇچىلار ئويدۇرۇپ چىقارغان «سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دېگەن ئەپسانىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.  بۈگۈنكى رۇسىيە خەلقئارا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: مەن ئىككى يىل ئىلگىرى سىزدىن جۇڭگو- رۇسىيە ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى مەسىلىسى توغرىسىدا سوئال سورىغان ئىدىم. ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، بەزى كىشىلەر يەنىلا جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە سىياسىي ئىشلار قىزغىن، ئىقتىسادىي ئىشلار سۇس دېيىشىۋاتىدۇ. رۇسىيەدە تېخى يېقىندىلا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلماقچى بولۇۋاتىدۇ. سىز ئوخشاشلا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگو زۇڭلىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو- رۇسىيە ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا، سىز رۇسىيەگە قانداق سىياسىي سېگنال بەرمەكچى بولۇۋاتىسىز؟  لى كېچياڭ: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن 3- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن تېلېفونلاشتى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.  سىز بايا تىلغا ئالغان جۇڭگو- رۇسىيە ئىقتىساد- سودا مۇناسىۋىتى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈردى، بۇ، دۇنيا سودا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، خەلقئارا كۆپ مىقدارلىق مەھسۇلات باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئوبيېكتىپ سەۋەبلەرنىڭ مەھسۇلى. جۇڭگو- رۇسىيە ئىقتىساد- سودا مۇناسىۋىتىدە بۇلتۇر يېڭى تەرەققىيات بارلىققا كەلدى، سودا كۆلىمى %20 تىن كۆپرەك ئاشتى. ھازىر جۇڭگو- رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ يىللىق سودا كۆلىمى 80 مىليارد دوللاردىن ئاشتى، مېنىڭچە، يەنە زور يوشۇرۇن كۈچ مەۋجۇت. بىز يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئارقىلىق يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىقىپ، 100 مىليارد دوللارلىق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىسەك تامامەن بولىدۇ. رۇسىيە خەلقىگە قانداق سېگنال بېرىسىز دەپ سورىسىڭىز، جاۋابىم شۇكى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئىككى تەرەپكە، شۇنداقلا دۇنياغا پايدىلىق.  تەيۋەن دۇڭسېن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى كەسكىن خىرىسقا تولدى، ئىستىقبالى  كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ. سورايدىغىنىم، مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، چوڭ قۇرۇقلۇق كەلگۈسىدە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قانداق قوغدايدۇ؟ شۇنداقلا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت- سائادىتىنى قانداق قوغدايدۇ؟  لى كېچياڭ: ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ساقلاش − ئىككى قىرغاقتىكى خەلقنىڭ بەختى، بىز قەتئىي مۇشۇ يولدا ماڭىمىز. بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا  كېلىپ خىزمەت قىلىشى، ئۆگىنىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشى توغرىسىدا ئىزچىل ئويلىنىۋاتىمىز، چۈنكى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىز بىر جۇڭگوغا تەۋە بولغان ئىكەنمىز، ھەرقانداق «تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىش» غەرىزى، تەشەببۇسى ۋە قىلمىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز، شۇنداقلا چەت ئەلدىكى كۈچلەرنىڭ «تەيۋەن قارتىسى» ئوينىشىغا يول قويمايمىز، بۇ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە قىيىنچىلىق توغدۇرىدۇ. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92- يىل ئورتاق قارىشى»نى ئېتىراپ قىلىدىغان تەيۋەندىكى پارتىيەلەر، كوللېكتىپلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كېڭىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ئورتاق كېڭىشىپ ھەل قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداپ، ئاخىرىدا ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. بۇ مىللەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى.   لى كېچياڭ: بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتىن باشلاپ، بىز ھۆكۈمەت فونكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولدۇق، بۇ دەل ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇ جەھەتتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىسلاھات قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ ئۆتكۈر قورالىغا ئايلاندى، دېيىشكە بولىدۇ.   «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، مەن ۋەكىللەر ئۆمىكىگە، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا بېرىپ قاراپ چىقىش ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشقىنىمدا، كۆپ قىسىم ۋەكىللەر، ئەزالار تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقاندا، ھۆكۈمەت سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىش بېجىرىشتە قولايلىق يارىتىشى كېرەك، دېدى، بۇنى بازار سوبيېكتى بىلەن خەلقنىڭ ئىسلاھاتتىن كۈتكەن تەخىرسىز ئۈمىدى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن مەسىلە قارىماققا كىچىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە چوڭ سىياسەتكە چېتىلىدۇ. بىز شەيئىلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق ماھىيىتىنى بىلىشىمىز كېرەك، ئىسلاھات دېگەنلىك، بۆسۈش نۇقتىسىنى بازارغا، ئاممىغا ئەڭ يېقىن جايغا يۈزلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئىسلاھاتنىڭ يۈزلىنىشى قىلىش دېگەنلىك.   «جاھاندىكى چوڭ ئىشلار كىچىك ئىشتىن باشلىنىدۇ». بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىشتە، بۇ يىل ئالتە جەھەتتە كۈچەيمىز، ئۇنى ئوبرازلىق قىلىپ ئالتە «بىر» دېيىشكىمۇ بولىدۇ، يەنى، كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىش؛ تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىش؛ ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى بىر تور ئارقىلىق بېجىرىش؛ كارخانا بىلەن ئامما ئىش بېجىرگەندە ئامال بار بىرلا ئىشىكتىن كىرىش؛ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش؛ قانۇن- نىزام ئاساسى بولمىغان ئىسپاتلارنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇش. ھازىر بىزنىڭ كارخانا قۇرۇشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىز كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە خېلى كۆپ قىسقارغان بولسىمۇ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى يەنىلا 22 كۈن بولۇۋاتىدۇ، لېكىن قىسمەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بۇنىڭغا بىر كۈنمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ. بىزنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى ئىجازىتىنى بېجىرىشكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىز تېخىمۇ ئۇزاق، جەزمەن قىسقارتىش، ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ئالتە «بىر» گە يەنە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش قوشۇلسا، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ «پىشلاق»ىغا تېگىش قىلىدىغان چوڭقۇر ئىسلاھات بولىدۇ.   ئەلۋەتتە، قويىۋەتكەن ئىكەنمىز، باشقۇرالايدىغان بولۇشىمىز، ياخشى باشقۇرۇشىمىز كېرەك. بىز جەزمەن ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز، بازار تەرتىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ساختا ۋە ناچار مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان، ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق قىلغان، كۆز بويامچىلىق، زومىگەرلىك بىلەن بازارنى قامال قىلغان، ھەتتا ناتوغرا يوللار بىلەن مونوپول قىلغانلارنى بازاردىن ھەيدەپ چىقىرىشىمىز، قاتتىق جازالىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار ئادىللىققا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا توسالغۇ بولىدۇ، يەنە ئىجتىمائىي ئەخلاقنىمۇ بۇزىدۇ. بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى بىلەن ئادىمىيەت روھى بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن ۋاقتىمىزدا، يەنە خەلقنى پاراكەندە قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، بىز بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا چېتىلىدىغان قىسمەن تارماقلارنى قوشۇۋېتىپ، قانۇننى ئۇنىۋېرسال ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، «قاسقان شەپكە» كىيگەن بىر قانچەيلەن بىرلىشىپ بىر كىچىك سودىگەرنى باشقۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.   بايا تۇنجى بولۇپ سوئال سورىغان مۇخبىر «ئىككى يىغىن» توغرىسىدا توختىلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تىلغا ئالدى. بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى يەنە دۆلەت بېجى بىلەن يەرلىك باجنى قوشۇۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىر ئىشنى ئېسىمگە سالدى. مەن بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقىنىمدا، مەلۇم بىر مۇتەخەسسىس ماڭا ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغاندا، ئاشخانىدا تاماق يېسە يەرلىك باج ئورۇنلىرىنىڭ ئاشخانىدىن تىجارەت بېجى ئالىدىغانلىقىنى، تاماقنى زەللە قىلىپ ماڭسا دۆلەت باج ئورۇنلىرىنىڭ ئاشخانىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئالىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا يەرلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن: «ئەگەر ئاشخانىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇپ تاماق يېسە، قايسى تارماق كېلىپ باج ئالىدۇ؟» دەپ سورىغان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا: «سىز يولسىزلىق قىلىۋاتىسىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. لېكىن رېئال تۇرمۇشتا دەرۋەقە مۇشۇنداق ئىشلار مەۋجۇت. بىز بۇ بىر قانچە يىلدا تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىجارەت بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق باج ئېلىشتا ھەمبەھرە باجنى ئاساس قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇنداق بولغاندا، دۆلەت بېجى بىلەن يەرلىك باجنى قوشۇۋېتىش ئاساسقا ئىگە بولىدۇ، كۆپ تەرەپلىمە باج ئېلىشتىن، كارخانىغا كاشىلا قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا قويۇۋېتىشكە تېگىشلىكىنى قويۇۋېتىپ ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، باشقۇرۇشقا تېگىشلىكىنى باشقۇرۇپ ئادىللىقنى نامايان قىلىش كېرەك. باشقۇرغاندا مەنپەئەتكە چېقىلىشقا توغرا كېلىدۇ.   «خەلققە پايدىلىقلا ئىش بولسا، ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ بېجىرىش كېرەك». ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن ئومۇمنى كۆزلەش، ئەمەلىي بولۇش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېرەك. بىز تىرىشىپ بازار سۇبيېكتلىرى ئۈچۈن تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ياخشىلىشىمىز، خەلقنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىشىمىز، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن، ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ باشقىلارغا ئىتتىرمەسلىكىمىز، ھەرقانچە خەتەرلىك بولسىمۇ ئۆزىمىزنى قاچۇرماسلىقىمىز كېرەك.   كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ كېلەر ئايدا باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى كېڭىشىشىگە ئەگىشىپ، چاۋشيەن يادروسىزلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى بىلدۈردى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ چاۋشيەن رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلدى، يېقىندىن بۇيان چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، جۇڭگو يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق رول ئوينايدۇ؟ جۇڭگو تەرەپ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەنە داۋاملىق ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرەمدۇ؟   لى كېچياڭ: بىز يېرىم ئارال مەسىلىسىدە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈلۈشىنى خالايمىز، شۇنداقلا يېرىم ئارال يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز، جۇڭگو ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ ۋە ساقلايدۇ. بىز تەرەپلەرنىڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى تېزدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش بىلەن يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر، دۇنيا ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىش. يېرىم ئارال بىزنىڭ يېقىن قوشنىمىز، جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، بىزنىڭ بۇنىڭغا قانچىلىك ئېتىبار بېرىدىغانلىقىمىزنى مۇشۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
 نۇر گېزىتى مۇخبىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تېببىي دورا- سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بەزى يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېغىر كېسەل بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلىدىغان ئەھۋاللار يەنىلا پات- پات كۆرۈلۈۋاتىدۇ. زۇڭلى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قانداق يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟  لى كېچياڭ: ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، بىز ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇرۇنقى ئاساستا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تورى بەرپا قىلدۇق، بۇ، كىشىلەرنى كىچىك كېسەلنى داۋالىتىش، ئېغىر كېسەلنى داۋالىتىشقا جۈرئەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ ھېس قىلدۇقكى، ھەقىقەتەن بەزى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ئېغىر كېسەلنى داۋالىتىشتا قىينىلىۋاتىدۇ. سىز بايا سورىغان مەسىلە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭلا ئەمەس، يەنە سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىدىن بەھرىمەن بولالمىغان بەزى ئائىلىلەرنىڭمۇ مەسىلىسى، يېڭى تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە دائىم خەۋەر بېرىلىۋاتىدۇ.  جۇڭگو بەك چوڭ، بىزدە يەنە 30 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە بار. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدا پۈتكۈل جەمئىيەتكە ۋەدە بەردى. نامرات ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ياكى ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن، شۇڭا بىز ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، ئېغىر كېسەلنى داۋالاش مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە تۇتىمىز. بۇ بىر نەچچە يىلدا بىز تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن سودا سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، «چوڭ سانلار قائىدىسى» نى تەدبىقلاپ، مەبلەغ ئۈنۈمىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن قىلدۇق، بۇلتۇر 17 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى.  بۇ يىل بىز بۇ جەھەتتە سالماقنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئاجراتقان ياردەم مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، يېرىمىنى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 20 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ياردىمىدىن بەھرىمەن قىلىمىز، شۇنداقلا ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ تۈرىنى كېڭەيتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئالاقە تورى + داۋالاش»، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىنى قولايلاشتۇرىمىز.  بۇ يىل چاغاندىن ئىلگىرى مەن يەرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بىر نامرات ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۆيگە كىردىم، بۇ ئۆيدىكى ياشانغان كىشى ئېغىر كېسەل بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولسىمۇ، يەنىلا داۋالىنىشقا پېتىنالماپتۇ. شۇ ئەھۋالنى ھېلىھەم ئۇنتۇيالمىدىم. «ئاغرىق پاتمانلاپ كىرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، بىز ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى قاتارلىق كۆپ خىل تۈزۈم ئارقىلىق، بىر كىشى ئېغىر كېسەل بولسا، پۈتۈن ئائىلە ۋەيران بولىدىغان ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.  ياپونىيە توكيو رادىيو شىركىتى مۇخبىرى: بۇ يىل «جۇڭگو- ياپونىيە تىنچلىق دوستلۇق شەرتنامىسى» تۈزۈلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى. سىز 1- ئايدا زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى تارو كونو بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتى «بەزىدە ئىسسىق، بەزىدە سوغۇق» دېگەنىدىڭىز. سىز ئىككى تەرەپ يەنە قايسى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي جانلاندۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايسىز؟ سىز ياپونىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۇ يىل جۇڭگو- ياپونىيە- كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو- ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنى باشلاشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟  لى كېچياڭ: بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە ھەقىقەتەن ياخشىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، باش ۋەزىر ئابى شىنزو مېنى كۆپ قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. مەن جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتى داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگو- ياپونىيە- كورىيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇشنى پائال ئويلىشىۋاتىمەن.   مېنىڭچە، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى كەيپىياتقىلا موھتاج بولۇپ قالماي، يىراقنى كۆرەرلىككە، ئىرادىگە تېخىمۇ موھتاج. جۇڭگو- ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشى جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى نورمال ئىزىغا سېلىشقا پايدىلىق، لېكىن تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك، بىز قارىسىغىلا ئىش قىلماي، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى سىجىل ياخشىلىشىمىز كېرەك. بۇ يىل «جۇڭگو- ياپونىيە تىنچلىق دوستلۇق شەرتنامىسى» تۈزۈلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى، «جۇڭگو- ياپونىيە تىنچلىق دوستلۇق شەرتنامىسى» قاتارلىق جۇڭگو- ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۆت سىياسىي ھۆججەتنىڭ روھىغا ۋە ئورتاق تونۇشىغا ئەمەل قىلىشىمىز، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە «كەچ كۈز» كۆرۈلدى، دەپ قارىساق، ئۇنداقتا، چوقۇم «بەزىدە ئىسسىق، بەزىدە سوغۇق» بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى سىجىل مۇقىم يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ياپونىيەدىن ئۈمىد كۈتىمىز.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: يېقىنقى بىر قانچە يىلدا «ئالاقە تورى +» ۋە ھەمبەھرە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى، لېكىن يەنە بەزى مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلدى، كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتتا يەنە بەزى توسالغۇلار بولۇشى مۇمكىن. زۇڭلى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ كەلگۈسىدە ھۆكۈمەت «ئالاقە تورى+»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانداق يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟  لى كېچياڭ: ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنى بۇ بىر قانچە يىلدا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى دېسەك، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب، ئۇنىڭ دۇنيا پەن- تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دولقۇنىدا «ئالاقە تورى+»دىن ئىبارەت بۇ يەلكەننى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىرىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىدە. بۇ بىر قانچە يىلدا بىز ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمالنىڭ تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈردۇق، بۇلار ئۆزئارا باغلىنىشلىق، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «قوپال ئىزىغا چۈشۈش»ىدىن ئۈنۈملۈك ساقلاندۇق. كۆپچىلىككە ئايان، ئالدىنقى بىر قانچە يىلدا «قوپال ئىزىغا چۈشۈش» ساداسى ئۈزۈلمىدى. ھازىر ئىقتىساد مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭدا يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەرەپلەر مۇھىم رول ئوينىدى.  «ئالاقە تورى +» يېڭى ئېنېرگىيەنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئۇ ئەڭ چوڭ ھەمبەھرە ئىقتىساد سۇپىسى بولۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە خەلق تۇرمۇشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پەن- تېخنىكا قابىللىرى، كارخانىچىلارنى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، مىليونلىغان ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس قىممىتىنى نامايان قىلدى.  دەرۋەقە، «ئالاقە تورى +» يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇنىڭدا بۇنداق ياكى ئۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، مۇھىمى، پايدىنى كۆزلەپ زىياندىن ساقلىنىپ، كەڭ قورساق، ئېھتىياتچان بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. «ئالاقە تورى+»دا، ئاۋارىچىلىكتىن قورقۇشقا، ئىشنى ئاسان قىلىشنىڭلا كويىدا بولۇشقا، شۇنداقلا بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلگەندە بىراقلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ «ئالاقە تورى +»دىن پايدىلىنىپ كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق قىلىشقا، «ئالاقە تورى + »نىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈشكە، «ئالاقە تورى + »غا قارا سۈركەشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. بىز بۇنى ئىككى جەھەتتىن ئەستايىدىل قوغدىشىمىز كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە «ئالاقە تورى + »غا تۈرتكە بولىدىغان نۇرغۇن يېڭى تەدبىرنى قوللىنىمىز، مەسىلەن، ئىلگىرىكى بەزى «ئالاقە تورى +» كارخانىلىرى ھەمىشە پېيىنى چەت ئەلدە بازارغا سالاتتى، ھازىر بىز ئالاقىدار تارماقلاردىن پاينى چېگرا ئىچىدە بازارغا سېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق، ئۇلارنىڭ A پايغا قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېگرا ئىچىدىكى يېڭىلىق ياراتقان، ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق، قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە تېخىمۇ ئۇيغۇن شارائىت يارىتىپ بېرىمىز. بىز يەنە «ئالاقە تورى +»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق «ئەقلىي ئىقتىدار +»نى كېڭەيتىپ، ئۇنى داۋالاش، مائارىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىسادنىڭ ھەم تېز، ھەم ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ئەلۋەتتە، تەرەققىياتنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىدە، ئۇنى ھەم تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز، ھەم ئەنئەنىۋى تەپەككۇرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى چەكلىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك.  شياڭگاڭ سۇمۇرغ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى: بىز بۇ يىل سىز بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇپ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىشىنى قوللاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تىلغا ئالغانلىقىڭىزغا دىققەت قىلدۇق. لېكىن شياڭگاڭنىڭمۇ ئەندىشىسى بار، بۇ ئۇسۇلنىڭ شياڭگاڭنى خاسلىقى ۋە ئورنىدىن مەھرۇم قىلىشىدىن، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن، ھەتتا «ئىككى تۈزۈم»نىڭ چەك- چېگراسىنى مۈجمەللەشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟  لى كېچياڭ: بىز گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇپ، ئۇنى دۇنياۋى چوڭ قولتۇق رايونىغا ئايلاندۇرماقچى، بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى شۇكى، ئۈچ جاينىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى بار، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ، ئۇنداق بولمىسا دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھازىر چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ يىرىك پىلان پىروگراممىسى تۈزۈلۈۋاتىدۇ، ناھايىتى تېزلا يولغا قويۇلىدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىلىرى ئىچكىرى جايلارغا، بولۇپمۇ گۇاڭدۇڭغا كېلىپ خىزمەت قىلسا، تۇرمۇش كەچۈرسە، تۇرالغۇ، مائارىپ، قاتناش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە تەدرىجىي ھالدا باراۋەر تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىز شياڭگاڭ - ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار بىلەن بىللە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايمىز. بىز يەنە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىشى توغرىسىدا توختالساق، بىز ئەلۋەتتە، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىمىز، بىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالغان يەردە، ئىچكىرى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىر دۆلەتكە تەۋە تۇرۇقلۇق، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئاساسىدا، ھەرقايسىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلسا نېمىشقا بولمايدىكەن.  جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرى: بىزگە ئايان، جۇڭگو ھازىر ياشانغانلار جەمئىيىتىگە كىردى، لېكىن كۈتۈنۈشتە تەمىنلەش يېتەرسىز، سۈپەت تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن كىشى كۈتۈنەلمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە مەلۇم ئۆلكىدە، بۇلتۇر كۈتۈنۈش فوندى «تېشىلىپ كېتىش» ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلدۇق، نۇرغۇن كىشى ئەنسىرەۋاتىدۇ، باشقا ئۆلكىلەردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلەرمۇ؟ بۇ مەسىلىگە قانداق تاقابىل تۇرىسىلەر؟ 200 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىسىلەر؟  لى كېچياڭ: تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغاندا، سىزمۇ تاماققا مۇناسىۋەتلىك سوئالدىن بىرنى سورىدىڭىز. كۈتۈنۈش پۇلىنى تولۇق تارقىتىش، ئۇنى ۋاقتىدا ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز،  بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز. دەرۋەقە، بەزى ئۆلكىلەردە بۇلتۇر كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمنى قامدىيالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى. مەن بەزى كونا سانائەت بازىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بولۇپمۇ بۇ يىل «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ئۆمەكلەرگە بارغاندا، ئاۋۋال ئۇلاردىن كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتالىغان- تارقىتالمىغانلىقىنى سورىدىم. ئايرىم ئۆلكىلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىشتا قىينىلىپ قالغانلىقى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى بىرقەدەر زور بولۇشى، مالىيە كىرىمىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار دۆلەت مۈلكىنى جانلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئەلۋەتتە، مەركەز مالىيەسىمۇ بەلگىلىك ياردەم قىلدى.  ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، بەلكىم بەزى ئۆلكىلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىدا ئومۇمىي جەھەتتىن بەزى قىيىنچىلىقلار كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمىز بار. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقى 4 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن بولۇپ، شۇ يىلىمۇ كىرىم چىقىمدىن ئاشقان. بىزدە يەنە كۈتۈنۈش پۇلى ئىستراتېگىيەلىك زاپىسى بار، يەنى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى مەبلىغى ئېشىپ، بۇلتۇر 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يەتتى، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا تامامەن كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.  ئەلۋەتتە، بىز يەنە بۇ ساھەنىڭ ئالاقىدار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، خۇددى بۇ يىل بىز كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش فوندى تۈزۈمىنى يولغا قويغىنىمىزدەك، مەركەز %3 ئېلىپ بىر تۇتاش تەڭشەيدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ نىسبىتى يەنە سەل ئۆستۈرۈلۈپ، بەزى ئۆلكىلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىشتىكى كەم قالغان قىسمى تولۇقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە دۆلەت مۈلكى پايدىسىنى ئاجرىتىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي فوند ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى بىخەتەر قىلىپلا قالماي، يەنە پايدا ئېلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىمىز، بۇلار ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ «تەڭپۇڭلۇق چېكىتى»، كۆپچىلىكنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى كامىل. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى بىز مۇشۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىساق، ياشانغانلار بىر ئۆمۈر جاپا چېكىپ ياشانغاندا كۈتۈنەلمىسە، ئۇنداقتا، كېيىنكىلەر ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ.  ياشانغانلارنى يۈك دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك، «كەچكى شەپەق»(ياشانغانلارنى كۈتۈش) يەنىلا بىر كەسىپ. ياشانغانلار قۇربى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ، ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتقانلىقىمىز ئەمەس.  بايا رىياسەتچى بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سوئال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، سىزنىڭ سورىغىنىڭىز خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ئالدىدا بىر مۇخبىرمۇ خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار نەچچە مەسىلىنى سورىغان ئىدى. كۆپچىلىك شۇ نۇقتىغا ئىشەنسە بولىدۇكى، بىز يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەڭ مۇھىمى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرىمىز، خەلق ھۆكۈمىتى خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، بىز خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى كۆپەيتىپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، چۇتيەن شەھەر گېزىتى مۇخبىرى: شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكى قانچىلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، دەپ سورىدى.  لى كېچياڭ: بىز بۇنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، قانۇنىي تەرتىپ بويىچە بېجىرىمىز، دەپ جاۋاب بەردى.  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى خەلق سارىيىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا ئۆتكۈزۈلدى، تەخمىنەن ئىككى سائەت داۋاملاشتى، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك 1200 دىن ئارتۇق مۇخبىر قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى