قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەتلەر

2018-03-26 19:45:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲ پەقەت تۇرمۇشىڭىزدا قىيىنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئاندىن سىز ئۆزىڭىزنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.
▲ بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەن پەيت ھەرگىزمۇ سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەن ۋاقتىڭىز ئەمەس.
▲ ئەگەر ھاياتىڭىزدا ھېچقانداق قىيىنچىلىق بولمىسا، بۇ سىزنىڭ ھېچنېمىنى قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.
▲ كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۆز- ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياكى ئۆزىنى ئىسراپ قىلىۋېتىش ئەمەس.
▲ كىشىلىك ھاياتتا قايتىش بېلىتى سېتىلمايدۇ، سىز پەقەت بىرلا قېتىم يولغا چىقالايسىز.
▲ بىز ھاياتنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ يېرىمىنى خورىتىپ بولغان بولىمىز.
▲ ئەستايىدىللىق ئېسىل پەزىلەت، ئەستايىدىل پوزىتسىيەلا خىزمەت پەزىلىتىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بىپەرۋالىق قىلماي، يېتەرلىك سېلىنما سېلىش ئارقىلىق ئىشنى تۇنجى قېتىمدىلا ياخشى ئىشلەش كېرەك.
▲ سەمىمىيلىك لەۋزىدە تۇرۇشتۇر، ۋەدە قىلغانىكەن، ئېيتقاننى ئورۇنداش، ھەرگىز ساختىلىق قىلماسلىق كېرەك.
▲ باشقىلارنىڭ سىزگە نېمە قىلىپ بەرگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرمەي، ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارغا نېمە قىلىپ بەرگەنلىكىڭىزنى سۈرۈشتۈرۈڭ.
▲ يۈزلەنسىڭىزلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
▲ ئۇسۇل- چارە ھامان مەسىلىدىن كۆپ بولىدۇ. قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە باتۇرلۇق بىلەن ئۇنى يېڭىشقا يۈزلىنىپ، ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىزلا، قىيىنچىلىقنى ئاخىر بۆسۈپ ئۆتەلەيسىز.
▲ مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىدىغان ئىشلارنى ئازايتىپ، مىننەتدار بولۇشقا ئەرزىيدىغان ئىشلارنى كۆپەيتىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى