قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» يولۇچىلار پويىزىنىڭ يولغا چىققىنىغا بىر يىل بولدى

2018-03-27 19:30:16     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق يولۇچىلار تېز پويىزىنىڭ يولغا چىققانلىقىغا بىر يىل بولغان خاتىرە كۈن.

  يولۇچى جاۋ شىنيۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىجىل-ئىناق ئۆتىدۇ. شىنجاڭدىكى خوشاللىنارلىق زور ئۆزگىرىشلەرنى پارتىيەنىڭ غەمخورلىقى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق يولۇچىلار تېز پويىزى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشتۇرىدىغان، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان سۇپىسى بولۇپ قالدى.

  2017-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە بارىدىغان T9526/7 قېتىملىق تۇنجى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق تېز پويىزنى يولغا سالدى. بىر يىلدىن بۇيان بۇ پويىز بىلەن 1 مىليون 272مىڭ ئادەم(قېتىم) يولۇچىنى توشىدى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق يولۇچىلار تېز پويىزى يولغا چىققاندىن بۇيان، ھەر كۈنى نەچچە مىڭلىغان تۇغقان يوقلىغىلى ماڭغان كادىرلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا ئېلىپ ماڭدى. يەنە نۇرغۇنلىغان يولۇچىلار بۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ سىرتلارغا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى، تۇغقان يوقلىغىلى بارىدۇ. بۇ پويىز ھەرقايسى مىللەتلەر ئارا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «قەلبداشلار كۆۋرۈكى» بولۇپ قالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى