قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاياتلىق

2018-03-30 16:58:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھاياتلىق ۋاقىتلىق دېمەكتۇر، ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش، تۇرمۇشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق ياشاش ۋە ۋاقىتنى نېمىلەرگە سەرپ قىلىش شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. ئادەمنىڭ ھاياتلىقتىكى قەدىر- قىممىتى جەمئىيەتكە قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

ھايات تولىمۇ چەكلىك، تۇرمۇش ئىنتايىن مۇرەككەپ، ۋاقىت ئاتقان ئوق، شۇڭا سىز ھاياتىڭىزنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە، ھەممە ئىشتا يۈزدە يۈز مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ كەتمەي، كۆكسى قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ، ئەپۇچان، ئاقكۆڭۈل بولۇپ، باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىنى ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ئەستايىدىل بېرىلىپ ئىشلەپ، تۇرمۇشتا ئەھمىيىتى چوڭقۇر مەنىلىك، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ جەمئىيەتتىكى بىر كىشىلىك رولىڭىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىپ ۋەتەن، خەلقنىڭ ياخشى پۇقراسى، پەرزەنتى بولۇڭ.

ئاخىرىدا شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تۇرمۇش مەڭگۈ ئەجىر ۋە ئەقىدىگە مۇھتاج بولغان ھەددى ھېسابسىز بەدەل بىلەن رەڭلەنگەن گۈزەل بىر باغ بولۇپ، ئۇ ئۆز ئارا غەمخورلۇق، سەمىمىي ياردەم بېرىش، مۇھەببەت، مىننەتسىز تۆھپە قوشۇش، شۇنداقلا ئالىيجاناب ئېسىل ئەخلاق پەزىلەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەلدۇر. بىز كۈندىلىك پائالىيىتىمىزدە بۇلارنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلساق، ھاياتىمىز تېخىمۇ خۇشال ھەم مەنىلىك ئۆتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى