ماتېرىيال سۈرەت
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: چوكانتال بايرىمىلىق ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ھاۋارايى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ياغقان قار ئارىلاش يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدۇ؟ مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ھاۋارايى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە سوغۇق ئېقىم كىرمەيدىكەن، مەركىزىي شەھەرنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئالدىن مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچىدىن 6-كۈنى كېچىگىچە شەھەر رايونى، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن سەيۋوپۇغىچە بولغان جايلاردا 5-6 بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى شامال 8-9 بالغا يېتىدۇ. ئالدىنقى قېتىمقى شەرقىي جەنۇب شامىلىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ كېيىن بۇلۇتلىنىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدىكەن. 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كۈندۈزدىن 7-كۈنى كۈندۈزگىچە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچىدە بەش بال شەرق شامىلى چىقىدىكەن. تارباغاتاي ۋىلايىتى كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ كۆل، ئۇلانباي قاتارلىق بوران ئېغىزىدا شامال كۈچى سەككىز بال ئەتراپىدا بولىدىكەن.
4-ئاينىڭ 5-كۈنى كۈندۈزدىن 6-كۈنى كۈندۈزگىچە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە 4-5 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بەزى جايلاردا چاڭ-توزان كۆتۈرۈلىدىكەن ياكى قۇم-بوران چىقىدىكەن. قۇم-بوران ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىش ۋە قەبرە سۈپۈرۈشىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-22 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-21 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-20 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-19 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-18 |
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492 ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى |