قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى»

2018-04-08 12:43:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، شىمالى تاغ ئېتىكىدە يۈ گۈڭ ئىسىملىك بىر بوۋاي بولۇپ توقسان ياشقا كىرىپ قالغانىكەن. ئىشىكى ئالدىدا ئىككى تاغ بولۇپ، بۇ ئىككى تاغ ئۇنىڭ شىمال تەرەپكە بارىدىغان يولنى توسۇۋالىدىكەن. ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر سىرتقا چىققاندا بەك ئۇزۇن ئەگىلىپ ماڭىدىغان بولغاچقا بەكلا قولايسىزلىق ھىس قىپتۇ.

بىر كۈنى ئۇ ئائىلىسىدىكى چوڭ- كىچىك ھەممەيلەننى يىغىپ ئۇلارغا:

- بۇ ئىككى چوڭ تاغ بىزنىڭ يولىمىزنى توسۇۋالدى، بېرىپ- كېلىش قولايسىز، بىز ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئۇنى يۆتكەپ، ئۇدۇل يۆجۇغا بارىدىغان بىر يول ئاچساق، ۋاقتىمىزمۇ، كۈچىمىزمۇ كۆپ تىجىلىپ قالاتتى،- دەپتۇ.

كۆپچىلىك ئۇنى قوللاپتۇ، پەقەت مومىيىلا دەرگۇماندا بولۇپ:

- ماڭا قاراڭلار، سىلەرنىڭ قانچىلىك كۈچىڭلار بار؟ مېنىڭچە، بۇنچىلىك ئادەم بىلەن تاغنىڭ كىچىك بىر دۆۋىسىنىمۇ تۈزلىيەلمەيسىلەر، بۇنداق ھەم چوڭ ھەم ئىگىز تاغدىن كولاپ چىقارغان تاش- توپىنى نەگە ئاپىرىسىلەر؟- دەپ سوراپتۇ.

- چىققان تاش- توپىلارنى بوخەي دېڭىزى ساھىلىگە يۆتكىۋەتسەك بولمىدىمۇ؟- دەپتۇ كۆپچىلىك.

يۈ گۇڭ ئىككىنچى كۈنى پۈتۈن ئائىلىسىدىكەلەرنى باشلاپ چىقىپ، تاغنى كولاشقا باشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىرلىرى توپا قازسا، بەزىلىرى توپىنى بوخەي دېڭىز ساھىلىگە ئاپىرىپ تۆكۈپتۇ.

خۇاڭخې دەرياسى بويىدا بويىدا ئولتۇرىدىغان ناھايىتى ئەققىللىق بىر بوۋاي بولۇپ ئىسمى جى سۇ ئىكەن. ئۇ يۈ گوڭنىڭ تاغنى يۆتكەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تولىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلىپتۇ. ئۇ يۈ گوڭغا نەسىھەت قىلىپ:

- سىز نېمەدىگەن ئەخمەق! يىشىڭىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، بىر پۇتىڭىز گۆرگە ساڭگىلىدى، سىز ھەرقانچە كۈچىگىنىڭىز بىلەنمۇ، تاغدىكى بىرنەچچە تال گىياھنىمۇ يۇلالمايسىز، بۇنچە كۆپ تاش- توپىلارنى قانداق يۆتكەيسىز؟- دەپتۇ.

- سىز بەك ھاماقەتكەنسىز كىچىك بالىچىلىكمۇ ئەقلىڭىز يوقكەن. توغرا مەن قېرىدىم، نەچچە يىل ياشىيالمايمەن. ئەمما، مەن ئۆلۈپ كەتسەم ئوغلۇم قالىدۇ؛ ئوغلۇم ئۈلۈپ كەتسە نەۋرەم قالىدۇ؛ ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملاشتۇرساق پۈتمەس- تۈگىمەس كۈچ ھاسىل بولىدۇ. ئەمما، بۇ ئىككى تاغدىن بىر تال توپا، بىر پارچە تاش كۆپەيمەيدۇ. بىز نىمە ئۈچۈن ئۇنى يۆتكىۋىتەلمىگۈدەكمىز،- دەپتۇ يۈ گوڭ ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان جى سۇ جاۋاب بىرەلمەي قاپتۇ.

بۇ رىۋايەتتە، ئىش قىلغاندا ئىشەنچ بىلەن كۈچلۈك ئىرادىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، قىلماقچى بولغان ئىشنى پەقەت ئىرادە باغلاپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندىلا غەلىبىنىڭ ھامان بىر كۈنى قۇچاق ئاچىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى