قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توقسۇن ئەتىيازلىق ساياھەت مەزگىلىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى

2018-04-08 17:29:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇدا نەچچە كۈن تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، توقسۇن ناھىيەسىدىكى پەنجىر غەلىتە تاش ئورمانلىقى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا كېلىپ باھار سەيلىسى قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. مۇخبىر پەنجىر غەلىتە تاش ئورمانلىقى مەنزىرە رايونىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ توختىماي سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى ئايشەم خانىمنىڭ پەنجىر غەلىتە تاش ئورمانلىقىغا تۇنجى قېتىم ساياھەتكە كېلىشى بولۇپ، شەكلى ھەر خىل ئاجايىپ- غارايىپ چوڭ تاشلار ئۇنى جەلپ قىلدى.

پەنجىر غەلىتە تاش ئورمانلىقى ساياھەت مەنزىرە رايونى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۆجەي بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن بىر كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. «توقسۇن ناھىيەسى تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، دەسلەپكى دەلىللەش ئارقىلىق، بۇ تاش ئورمانلىق مۇئەييەن تەبىئىي مۇھىت شارائىتىدا شەكىللەنگەن بىر تۈرلۈك تاش كۆمۈر دەۋرىدىكى تاش ئورمانلىق دەپ قارالغان، يەنى ھازىرغا قەدەر دۆلىتىمىزدە بايقالغان بىردىنبىر ماگما جىنسلىرىنىڭ شامالدا يىمىرىلىشىدىن ھاسىل بولغان تاش ئورمانلىق ھېسابلىنىدۇ. 2017- يىلى پەنجىر غەلىتە تاش ئورمانلىقى ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەتلىك 3 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى