قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«شۈيزۇ مىللىتىنىڭ ئات بەيگىسى»

2018-04-10 19:21:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شۇيزۇ مىللىتى - ئاساسلىقى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چىگراسىدىكى لۇڭجياڭ، دۇلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا ئولتۇراقلاشقان. گۇاڭشىنىڭ شىمالىدىكى خېجى، نەندەن، خۇۋەنجياڭ، چۇشۈي قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلىرى شۇنداقلا يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ فۇيۇەن ناھىيەسىدىمۇ شۇيزۇ مىللىتى كەنتلىرى بار.

ئات بەيگىسى - شۇيزۇ مىللىتىنىڭ «تاڭزۇڭزا چاغىنى»دىكى بىر تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيىتى بولۇپ، دېھقانلار كالىندارى بويىچە ھەر يىلى 8- ئايدىن 10- ئايغىچە ھەرقايسى كەنتلەردە نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزىلىدۇ. ئات بەيگىسى مەيدانى «ئۈچ داۋان» دەپ ئاتىلىپ، مەخسۇس بەيگە يولى تەسىس قىلىنغان بولىدۇ. ئادەتتە ئات بەيگىسىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلمەيدۇ. ئىگىز، خەتەرلىك داۋانلار، قېلىن ئورمانلار، ئوڭغۇل- دوڭغۇل تاغ يوللىرى بەيگە مەيدانى قىلىشقا تاللىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق چەۋەندازلارنىڭ يۇقىرى ماھارىتى ۋە ساپاسى سىنىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئات مىنىشتە يۇقىرى ماھارەت ئىگىلىگەن ۋە باتۇر، سالماق، چاققان بولغاندىلا ئاندىن مۇنداق خەتەرلىك داۋان، چاتقاللىق ئورمان قاتارلىق مۇرەككەپ شارائىت ئاستىدىمۇ غالىپ كېلىپ ئۇتۇپ چىقالايدۇ. ھەر يىلى تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە كۆپچىلىك مىللىي ئەنئەنىۋىي كىيىملىرىنى كېيىشىپ، ياشانغانلارنى يۆلەپ، كىچىكلەرنى يېتىلەپ ئاشۇ «ئۈچ داۋان»غا يىغىلىپ بەيگە كۆرىدۇ.

مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئاۋۋال چەۋەندازلار «ئات ئۈستىدە موللاق ئېتىش»، «ئات ئۈستىدە پىرقىراش» قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئورۇنلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر مويسىپىت ئات مىنىپ «ئۈچ داۋان»نى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئات بەيگىسىنىڭ باشلىنىش سىگنالىنى بېرىدۇ. چەۋەندازلار قامچىسىنى ئوينىتىپ بەلگىلەنگەن يول بىلەن ئۇچقاندەك چېپىپ مۇسابىقىلىشىدۇ.

چاتقاللاردا دەرەخ ۋە شاخلارنىڭ ئىلىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چەۋەندازلارغا ئات چۇلۋۇرى ۋە ئۆزەڭگىنى قىسقا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تېخنىكىسى يۇقىرى چەۋەندازلار چۇلۋۇرىنى قىسقا قىلىپ، ئۆزەڭگە ئىشلەتمەيدۇ. ئىككى پۇتى بىلەن ئاتنىڭ قورسىقىدىن مەھكەم قىسىپ، ئالدىغا ئېڭىشىپ، ئاتقا چاپلىشىپ ئولتۇرىدۇ. ئايلانغان چاغدا ئۆز ئوقىنى ياخشى كونترول قىلىپ ھەر خىل مۇرەككەپ ماھارەتلەرنى ئورۇنلايدۇ.

ئاخىرقى پەللىگە كىم بالدۇر يېتىپ بارسا، شۇ ماھىر 1- بولغان بولىدۇ ۋە شۇ تەرتىپ بويىچە دەرىجىگە ئايرىلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. ئاخىرقى نوقتىغا بىرىنچى بولۇپ يېتىپ بارغان چەۋەندازغا «زېرەك چەۋەنداز» دەپ نام بېرىلىدۇ، يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. ئەگەر ئۇ چەۋەنداز تېخى توي قىلمىغان بولسا، قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ مۇھەببىتىگە نائىل بولىدۇ. شۈيزۇ مىللىتىنىڭ ئات بەيگىسىگە ياشلارلا قاتنىشىپ قالماي، يەنە ياشانغانلار، بالىلار، ئاياللارمۇ قاتنىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى