قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«بازار ۋە بازار مەدەنىيىتى»

2018-04-10 19:21:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بازار ئۇيغۇر تىلىدا «سودا- سېتىق قىلىدىغان مەخسۇس جاي، سودا- سېتىق قىلىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن مەخسۇس كۈن، دۆلەت- ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتا تاۋار ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇن» دېگەن مەنىدە. بازار ئۇقۇمى خەلقىمىزدە بىرقەدەر ئومۇملاشقان ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەر قانداق بازار ئۆزىنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن. بولۇپمۇ يېزا- كەنتلەردە نورمال كىچىك بازارلاردىن باشقا ھەر كۈنى بىر يېزىدا نۆۋەت بىلەن بازار كۈنى بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەنمۇ بەزى يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىسمى «يەكشەنبە بازار»، «سەيشەنبە بازار» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

بازار كۈنى بازارغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىش بىر خىل ئۆرپ- ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. كىشىلەر گەرچە ئۆيگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كېرەك بولمىسىمۇ، بالا- چاقا ۋە قېرى- چۆرىلەرنى ھارۋىغا ۋە باشقا قاتناش قوراللىرىغا چىقىرىپ بازارنى بىر چۆرگىلىتىپ كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاچچىق- چۈچۈك، تەم خۇرۇچلىرى تەڭشەلگەن بىر تەخسە لەڭپۇڭ يېيىش بولسۇن، ياكى تومۇز ئىسسىقتا جانغا راھەت بېغىشلايدىغان مۇزدەك دوغاپ ئىچىش بولسۇن ۋە ياكى يۇمشاق پىشقان، دورا- دەرمەكلىرى تېتىغان بىر زىخ كاۋاپ يېيىش بولسۇن ھەممىسىلا بازارغا بارغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشاللىقى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ بازارلىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باياشات تۇرمۇشقا تەلپۈنىدىغان مەنىۋى ماكانىدۇر. ئىلگىرى بازارلار ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىپ كەلگەن، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇنداق بازارلار بارغانسېرى ئازلاپ، ھۆكۈمەت ياكى كارخانىچىلار مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ قۇرغان، باشقۇرۇشى مۇكەممەل، ئەسلىھەلىرى ئىلغار، زامانغا لايىقلاشقان بازارلار كۈندىن- كۈنگە كۆپەيمەكتە. بۇنىڭ مىسالى − شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى. بۇ بازار 2003- يىل 6- ئاينىڭ 26- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان دۆڭكۆۋرۈككە جايلاشقان، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بازارلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بازار مىللىيچە تاۋارلار، كۆڭۈل ئېچىش ۋە يېمەك- ئىچمەك بىر گەۋدە قىلىنغان شىنجاڭ ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپلانغان ماكانى ۋە كۆرگەزمە مەركىزى. دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ بازارنى زىيارەت قىلغاچ قۇرۇق يەل- يېمىش، كىيىم- كېچەك، تۈرلۈك قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى بەس- بەستە سېتىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىرلا ۋاقىتتا 1000 كىشى غىزالانغىلى بولىدىغان زىياپەت زالى بار بولۇپ، بۇ يەردە ساياھەتچىلەر ئېسىل نازۇ- نېمەتلەرنى تېتىغاچ، ئۇيغۇر قىز- يىگىتلىرى ئورۇنلىغان سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. بۇ بازاردا ئېگىزلىكى 80 مېتىر كېلىدىغان، شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدىغان كۆزىتىش مۇنارى بار.

بىز شىنجاڭدىكى بازارلارنىڭ تەرەقىيات ئەھۋالىدىن خەلقنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ھېس قىلالايمىز. ھازىرقى تەرەققىيات دەۋرىدە مەيلى شەھەر، مەيلى يېزىدا بولسۇن بازارلار تولىمۇ ئاۋات بولۇپ، توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يىلدىن- يىلغا ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى