قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاي

2018-04-11 12:45:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چاي باھاردىكى ئەڭ مۇھىم سۆز تىمىسى. شۇنچە ئۇزۇن يىل چاي ئىچىپسىز، چاي توغرىلىق نىمىلەرنى بىلىسىز؟ بۈگۈنكى «جۇڭخۇا ئۆرپ ئادەتلىرى» سەھىپىمىزدە، كۆپچىلىككە چاي توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىمىز.

چاي، دۆلەت ئورتاق تىلىدىكى يېزىلىشىدىنلا كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، چاي دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنى كۆرسىتىدۇ. چاي دەرىخى چاي ئائىلىسىگە تەۋە، يىل بۇيى كۆكىرىپ تۇرىدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك. بۇنىڭ يوپۇرمىقىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن، قايناقسۇغا دەملىگەننى چاي دەيمىز. گۈل چاي، مىۋە تەملىك چاي، دورىلىق چايلارنىڭ ھەممىسى پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىنكى چاي تۈرلىرى بولۇپ، چاي يوپۇرمىقىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن تەييار بولغان ئۇسسۇزلۇق. چاي رەڭگىگە ئاساسەن يېشىل چاي، سېرىق چاي، ئاق چاي، كۆك چاي، قارا چاي ۋە قىزىل چاي دەپ ئالتە تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئېچىتىش دەرىجىسىگە قاراپ، خەلقئارادا ئاددىي قىلىپ ئىچىتىلمىغان چاي، يېرىم ئېچىتىلغان چاي، ئىچىتىلغان چاي ۋە كېيىن ئىچىيدىغان چاي دەپ تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ. تەبىئىي شارائىت ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگۈرۈشى بىلەن چاينىڭ شەكلى، تەمى ۋە تۈرىدىمۇ پەرق بولىدۇ. جۇڭگونىڭ كېلىمات شارائىتىدا، كۆپ قىسىم رايونلاردا چاي ئۈزۈش پەسىل خاراكتىرلىك بولىدۇ. چاڭجياڭنىڭ شىمالىدىكى چايزارلىقلاردا چاي ئۈزۈش ۋاقتى ئادەتتە ھەر يىلى 5- ئاينىڭ بېشىدىن 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە؛ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى چايزارلىقلاردا بولسا 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىغىچە؛ غەربىي جەنۇپتىكى چايزارلىقلاردا ھەر يىلى 1- ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 12- ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ چوڭ چايزارلىقتىكى چايلار باھار، ياز، تۇمۇز، كۈز دەپ تۆت پەسىللىك چاي تۈرىگە ئايرىلىدۇ. ئەمما، پەسللىك چايلارنى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى بىردەك بولمايدۇ. بەزىلىرى مەۋسۈم بويىچە ئايرىلىدۇ. مەسىلەن، چوكانتالدىن سەرەتان ئىسسىقىغىچە ئۈزۈلگەن چاي باھارلىق چاي، سەرەتان ئىسسىقىدىن باش تومۇزغىچە ئۈزۈلگەن چاي يازلىق چاي، باش تومۇزدىن سوغۇق شەنبەم مەزگىلىگىچە ئۈزۈلگەن چاي كۈزلۈك چاي بولىدۇ. قىشلىق چاي باش كۈزدىن كۈزگى تېرىمغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، شەپقەتچى مەبۇدە دەپ ئاتىلىدىغان چاي.

بەزىلىرى ئۈزۈلگەن ۋاقىت بويىچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. يەنى ھەر يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۈزۈلگەنلىرى باھارلىق چاي، 6- ئاينىڭ بېشىدىن 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈزۈلگەنلىرى يازلىق چاي، 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئۈزۈلگەنلىرى كۈزلۈك چاي بولىدۇ.

ئۇنداق بولسا باش تېرىم چىيى قانداق چاي؟

كۆپ قىسىم كىشىلەر بەلكىم بۇنى چوكانتال مەزگىلىدە ئۈزۈلۈپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن چاي بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. باش تېرىم چىيى دۆلىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەريا ۋادىسى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى چايزارلىقلاردا مەۋسۈم بويىچە ئوخشىمىغان باسقۇچلاردا ئۈزۈلگەن باھارلىق چايلارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى. بۇ چاي ئاساسلىقى جېجياڭ، خۇنەن، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئەنخۇي، جياڭسۇ، خۇبېي قاتارلىق بىر قىسىم رايونلاردا بولىدۇ. باش تېرىم چىيىنىڭ تۈرلىرىدىن يېشىل چاي ۋە ئاز مىقداردىكى قىزىل چاي بار. يۈننەن، گۇيجۇ، سىچۈەن، گۇاڭشى، فۇجيەن، خەينەن قاتارلىق جايلاردىن چىقىدىغان باھارلىق چايلار گەرچە باش تېرىم مەزگىلىدە ئۈزۈلسىمۇ، ئەمما بۇ چايلار باش تېرىم چىيى دەپ ئاتالمايدۇ. پادىشاھ چيەنلوڭ ئەينى چاغدا چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈپ، خاڭجۇنىڭ لوڭجىڭ چىيىنى ئىچكەندىن كېيىن يازغان «چاي توغرىلىق ناخشا» ناملىق شېئىرىدا «بۇرۇن ئۈزسە خام بولىدۇ، كىيىن ئۈزسە قېرىپ قالىدۇ. دەل ۋاقتىدا ئۈزۈلسە، بۇنداق چاي ئەڭ تەملىك بولىدۇ» دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق، چوكانتالدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۈزۈلگەن لوڭجىڭ چىيىنىڭ ئەڭ ئىسىل چاي ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن. چاي دەرىخىنىڭ بىخى بىر قىشتا ئۈنۈپ چىقىدۇ. چاي بىخىنىڭ ئامىنو كىسلاتا مىقدارى يۇقىرى، چاي پولىفېنول مىقدارى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بار. بۇ خىل چاينىڭ تەمى ئىسىل بولۇپ، بالدۇر ئۈزۈپ قويسا خام، كىچىكىپ ئۈزسە قېرىپ قالىدۇ. چوكانتالدىن بىر كۈن ئىلگىرىكى ۋاقىت دەل چوكانتال كۈنىنىڭ ھارپىسى بولىدۇ. بۇرۇن بۇ كۈندە، كىشىلەر سوغۇق يىمەكلىكلەرنى يەپ، ئۆيلىرىدە ئۈچ كۈنگىچە ئوت قالىمايتتى. شۇڭا، باش تېرىم چىيىنى كىشىلەر «ئوت يېقىشتىن بۇرۇنقى چاي» دەپمۇ ئاتىشىدۇ.

ئۇنداق بولسا يۈيچيەن چىيى قانداق چاي؟

باش تېرىم چىيى چايلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ سۈپەتلىك چاي بولسا، يۈيچيەن چىيى چايلارنىڭ ئەڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالىندارىدا ھەر 15 كۈن بىر مەۋسۈم بولىدۇ. چوكانتالدىن كېيىنكى 15 كۈن قىزىلكوس بولىدۇ. يۈيچيەن چىيى دەل قىزىلكوس مەۋسۈمىدىن بۇرۇن ئۈزۈلگەن چاينى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇقۇم پەقەت چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى چايزارلىقلارغا ماس كېلىدۇ.

باھارلىق چاينىڭ ئاخىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان يۈيچيەن چىيىدا باھار چايلىرىغا خاس ساپ تەم بار بولۇپ، تەمى باش تېرىم چىيىغا ئوخشىمايدۇ. باش تېرىم چىيىنى ئىككى، ئۈچ قېتىم دەملىگەندىن كېيىن تەمى قالمايدۇ. ئەمما يۈيچيەن چىيىنى قانچە ئۇزۇن دەملىسىمۇ تەمى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. «باش تېرىم چىيى ئالتۇندەك قىممەت» دەيدىغان گەپ بار. ئۇنىڭ بۇنداق ئەتىۋارلىق بولۇشىدىكى سەۋەپ دەل ئۇنىڭ بالدۇر ئۈزۈلىشىدىن بولغان. بىر قىسىم چاي سودىگەرلىرى كىشىلەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقىغا ئېرىشىش تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ، يەنە بىرسىگە باش تېرىم چىيىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ نىسبەتەن ئاز بولىشىنى باھانە قىلىپ چاي باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتكەن. شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ قارىغۇچىلارغا ئېقىمغا ئەگىشىپ مېڭىپ، مەھسۇلاتى ناھايىتى ئاز باش تېرىم چىيىنى بەك ئارزۇ قىلىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھەر بىر چاينىڭ ئۆزىگە خاس تەمى بولىدۇ. ھەر بىر چاي يوپۇرمىقىدا ھەر خىل تەم بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى