قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شىنجاڭنىڭ چاي مەدەنىيىتى

2018-04-11 12:46:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭنىڭ چاي مەدەنىيىتىمۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى مول. بۇ توغرىسىدا سىز نىمىلەرنى بىلىسىز؟

شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن چاي چىقمايدۇ. چاي ئەڭ دەسلەپتە يىپەك يولى ئارقىلىق بۇ يەرگە تارقالغان. كېيىن چاي غەربىي يۇرتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا تەدرىجى ھالدا ئالاھىدە بىر مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن.

مەيلى شىمالى شىنجاڭنىڭ كەڭرى كەتكەن يايلاقلىرىدىكى قازاقلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ياپيېشىل ۋادىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە بولسۇن، چاي ناھايىتى كەڭرى ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چاينى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار 1 مىڭ 600 يۈز يىللىق چاي ئىستىمال قىلىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چاي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى ئۆرپ ئادەت، ئادىمىگەرچىلىك، ئىجتىمائى ئەخلاق، تۇرمۇش، سەنئەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە بىر خىل ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇپقا ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە چاي مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

شىنجاڭدا گۆشتىن قىلىنغان غىزالار كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق يىمەكلىكى بولغاچقا، كىشىلەر چاينى كۆپرەك ئىچىشقا ئادەتلەنگەن.

گۆش ئاز سېلىنغان لەغمەن يىگەندىمۇ كىشىلەر چاي ئىچىشكە ئامراق. شۇڭا، مەيلى كۆپچىلىك سۇدا پىشۇرۇلغان گۆش، چوڭ تەخسىلىك توخو قورۇمىسى ياكى مانتا، پولو يىسۇن چوقۇم چاي ئىچىدۇ. شۇڭا، تاماق يىگەچ چاي ئىچىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان.

قىزىق دەملەنگەن چاي ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمانلارنى كۈتۈشكە ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق ئۇسسۇزلىقى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە قانداقلا چاغدا بارماڭ، ئۇلار ئالدى بىلەن بىر چەينەك چاي بىلەن بىر پەتنۇس ناھايىتى يىيىشلىك ناننى ئالدىڭىزغا ئېلىپ چىقىدۇ. مىۋە- چىۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن پەسىلدىمۇ ئۇلار مېھماننىڭ ئالدىغا ئاۋال بىر چەينەك چاي ئېلىپ چىقىدۇ.

شىنجاڭدا چاي ئىچىشكە ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملاردىن مىس ئاپتۇۋا، قاپاق چۆگۈن، مىس پەتنۇس، ساماۋەر قاتارلىقلار بار بولۇپ، ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتى ياخشى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىسكەرچىلىك سەنئەت ئۇسلۇبىدا ياسالسا، بەزىلىرى ساپال، ياڭاق ياغىچى ۋە ھەر خىل تاشلاردىنمۇ ياسىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە داۋاملىق ئىشلىتىدىغان چىنە چەينەك تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ.

ئاپتوۋا: ئۇيغۇرلار مېھمانلارغا غىزا تارتىشتىن ئاۋۋال ئاپتوۋا بىلەن قولىغا سۇ بېرىدۇ. بۇ مىس، ئاليۇمىن، كۆك مىس قاتارلىق مىتاللاردىن ياسىلىدۇ. ھازىر ئاپتوۋا كۆپىنچە مىس ياكى سۇلياۋ ماتېرىياللىرىدىن ياسىلىۋاتىدۇ.

ساماۋەر: مىس ياكى تۆمۈردىن ياسىلىدىغان، مەخسۇس سۇ قاينىتىشقا ئىشلىتىدىغان دۈگلەك شەكىللىك ئەسۋاپ.

چەينەك: ئۇيغۇرلار چاي دەملەشكە ئىشلىتىدىغان چۆگۈندىن كىچىكرەك بويۇم.

پەتنۇس: ئۇيغۇرلار چاي قويۇلغان پىيالىلەرنى پەتنۇسقا قويۇپ ئاندىن ئۇنى مېھمانلارغا سۇنىدۇ.

پىيالە: ئۇيغۇرلار چاي ئىچكەندە ئىشلىتىدىغان كىچىك قاچا.

بۇلاردىن سىرت يەنە كىچىك تەخسە، بال قوشۇق، چوڭ پىيالە قاتارلىقلارمۇ بار.

لوپنۇر ياۋا كەندىرىنىڭ يوپۇرمىقىنى سەھەردە ئۈزۈۋىلىپ، قۇرۇتۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئۆزگىچە چىيى تەييارلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان خۇشپۇراق چايلىرىنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، روھنى ئۇرغۇتۇش خۇسۇسىيىتى بار.

ئەتكەن چاي، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئىچىملىك. قازاق، مۇڭغۇل، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر ئەتكەن چاي ئىچىشكە بەك ئامراق.

تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كىسىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كېلىماتى پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يەرلەردىن چىقىدىغان مەھسۇلات تۈرلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. تۇرمۇش ئۇسۇلىدىمۇ پەرىق بار. چاي تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان شىمالىي شىنجاڭدىكى چارۋىچىلار كىگىز ئۆيلىرىگە ئاليۇمىندىن ياسالغان چۆگۈننى ئىسىپ ئاستىغا ئوت قالاپ، چۆگۈنگە كېسەك چاينى سېلىپ، كالا سۈتى، سۇ، تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەتكەن چاي قىلىدۇ. بۇنداق ئەتكەن چاي ناھايىتى تەملىك بولۇپ ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ. شۇڭا، «بىر كۈن غىزا يىمىسىمۇ بىر كۈن ئەتكەن چاي ئىچمىسە بولمايدىغان» ئادەتنى يىتىلدۈرگەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئىستىمال بۇيۇمى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاھالىلەر كۆپىنچە خۇشپۇراقلىق چايلارنى ئىستىمال قىلىدۇ. خۇشپۇراقلىق چايمۇ، شىمالىي شىنجاڭدىكى چارۋىچىلار ئىستىمال قىلىدىغان ئەتكەن چايمۇ كېسەك چايدىن تەييارلىنىدۇ. ئەتكەن چايغا سۈت، خۇشپۇراقلىق چايغا لاچىندانە، قۇۋزاق دارچىن قاتارلىق خۇشپۇراقلىق ماتېرىياللار قوشۇلىدۇ. بۇنداق دەملەنگەن چاي بەكمۇ تەملىك.

چايخۇمار دوستلار چاي ئىچكەندە شىنجاڭدىكى چاي مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا چاي مەدەنيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئەلۋەتتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى