قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ناخشا مەرىكىسى»

2018-04-11 12:46:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 3- كۈنىدە، گۇاڭشىلىقلارنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى تۈرلۈك گۈزەل مەنزىرە، ئىسىل تائاملارنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن تولىدۇ. بۇ بايرام مەزگىلىدە، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار نېمىشقا بۇ كۈنى ئارام ئالىدۇ؟ چۈنكى بۇ كۈن جۇاڭزۇلارنىڭ بايراملىرى ئىچىدە «نەغمە- ناۋا بايرىمى» غا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈن بولۇپ، جۇاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشا بايرىمى كۈنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەخسۇس جۇاڭزۇلارغا تەۋە بايرام. ھەر يىلى قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 3- كۈنى گۇاڭشىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلق بۇ كاتتا بايرامنى تەبرىكلىشىدۇ. بۇ بايرام تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئەۋج ئالغان. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باھاردا دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، بىر قانچە كۈن ئارام ئېلىپ، مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولۇشنى تىلەيدىغان، تاغ ناخشىلىرىنى ئېيتىش ئارقىلىق ئارام ئالىدىغان بايرىمى. بەزى يەرلەردە ساھىپخان بىلەن مېھمان تاغ باغرىدا تۇرۇپ، ئۈچ كىچە كۈندۈزگىچە ئۆزئارا بىيىت ئېيتىشىدۇ.

بەزى يەرلەردە كىشىلەر تاغ ناخشىسى ئېيتىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 3- كۈنى توخو، ئۆردەك، بېلىقلارنى ئېلىپ تاغقا تاۋاپ قىلغىلى بارىدۇ. چوكانتال بايرىمىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئەجداتلىرىنى خاتىرىلىشىدۇ. بەزى يەرلەردە كىشىلەر بۇ كۈنى ئۆيلىرىگە مېھمان چاقىرىشىپ، مېھمانلارنى بەش خىل رەڭلىك نومى گۈرۈچى تامىقى، ئۆزلىرى ئېچىتقان گۈرۈچ ھارىقى بىلەن كۈتىدۇ. ئۇلار جۇاڭزۇلارنىڭ تىياتىرلىرىنى كۆرۈپ، كالا سوقۇشتۇرۇپ، رەڭلىق تۇخۇملارنى چىكىشىپ، چاغاندىكىدىنمۇ بەكرەك شاتلىققا تولىدۇ.

2014- يىلىدىن باشلاپ، قەمەرىيە كالېندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ناخشا مەرىكىسى» گۇاڭشىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادەت بايرىمى قىلىپ بىكىتىلدى. بۇ كۈنى پۈتكۈل گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكىلەر ئىككى كۈن ئارام ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. «ناخشا مەرىكىسى» جۇاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشا بايرىمى بولۇپلا قالماي، يەنە گۇاڭشىدىكى خەنزۇ، ياۋزۇ، دۇڭزۇ، مياۋزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئەنئەنىۋى بايرىمى. بۇ بايرام قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 3- كۈنى، مىلادىيە كالىندارى بويىچە 4- ئاينىڭ 18- كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

جۇاڭزۇلار قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 3- كۈنى ناخشا مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ، ياش يىگىت- قىزلار ئۆز- ئارا بىيىت ئېيتىشىدۇ. توخۇم چىكىشتۈرىدۇ. بىر- بىرىگە رەڭلىك توپلارنى ئىتىشىپ، سۆيگۈ ئىزھار قىلىشىدۇ. جۇاڭزۇلارنىڭ ناخشا پەرىسى ليۇ سەنجيېنى خاتىرىلەش ئۈچۈن پەيدا بولغان بۇ بايرام، قەدىمدە ناخشا پەرىسى بايرىمى دەپمۇ ئاتالغان. جۇاڭزۇلار 3- ئاينىڭ 3- كۈنى يەنە قەبرە سۈپۈرىدۇ. بەش خىل رەڭلىك نومى گۈرۈچى تامىقىنى ئىتىپ يىيىشىدۇ.

قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 3- كۈنى يەنە مياۋزۇلارنىڭ ئاشۇق- مەشۇقلار بايرىمى. باھار شامىلى ناخشا ساداسىنى ھەر تەرەپكە تارىتىدۇ. مياۋزۇلاردا قايسى يېزىدىن ياڭرىغان ناخشا ساداسى ئەڭ جاراڭلىق، يېقىملىق بولسا، شۇ يېزىدىكى شاپتۇل چىچىكى، نەشپۈت چىچىكى، ئالوچا چىچىكى شۇنچە جەزبىدار، قىزلىرى شۇنچە گۈزەل، يىگىتلىرى شۇنچە بەردەم بولىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. مياۋزۇ خانىم- قىزلىرى، مەيلى چوڭ- كىچىك، مەيلى قېرى- ياش بولسۇن شۇ كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، كۈمۈشتىن ياسالغان بېزەكلىرىنى تاقىشىپ، باھار شامىلىغا ئەگىشىپ سىرتلارغا چىقىدۇ. پۈتكۈل تاغ باغرى خۇددى گۈللەرگە قونغان رەڭدار كېپىنەكلەر بىلەن تولغاندەك ھالەتكە كېلىدۇ. خۇنەننىڭ غەربىدىكى مياۋزۇلار ئۆزلىرى توقۇغان رەختلەرگە ھەر خىل نۇسخىدىكى گۈللەرنى كەشتىلەپ چىقىدۇ. ھەر خىل گۈلنىڭ مەنىسى ھەر خىل بولىدۇ. باش ياغلىقلىرى، لاتا ئاياغلىرى، ئىشتىتىنىڭ پۇشقاقلىرى، تاسمىلىرىغا گۈللەرنى كەشتىلىۋالىدۇ. «گۈللۈك كىيىملىك مياۋزۇلار» ئۇلارنىڭ ئەڭ گۈزەل نامى.

ئەگەر تەلىيىڭىز بولسا، مياۋزۇلار كەنتىدە ئۇلارنىڭ توي مەرىكىلىرىگە قاتنىشالايسىز. قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 3- كۈنى توي قىلغان بىر جۈپلەرگە كۆپچىلىك تېخىمۇ كۆپ بەختلەرنى تىلىشىدۇ. مياۋزۇ يېزىلىرىدىكى توي مۇراسىملىرى ئىشىك توسۇش ھارىقى ئىچىشتىن باشلاپ قىزىيدۇ. ئىشىك توسىغاندا ناخشا ئېيتىشىش باشلىنىدۇ. قىز كۆچۈرۈشكە كەلگەنلەر ئۈچ ئىشىكتىن ئۆتىشى كېرەك. بۇ يىگىتنىڭ يېڭى سىناق ۋە قېيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلغاندا بۇ بىر جۈپلەرنىڭ تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشى بەختلىك ئۆتىدۇ دەپ قارىلىدۇ. قىز تەرەپتىكىلەر قىز كۆچۈرۈشكە كەلگەن يىگىت ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ يۈزىگە قازاننىڭ قارىسىنى سۈرۈپ قارشى ئالىدۇ. كىمنىڭ يۈزىگە سۈرۈلگەن قارا ئەڭ قۇيۇق بولسا، شۇ قىزلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ھەممىدىن بەك مۇيەسسەر بولغان ھىساپلىنىدۇ.

خۇنەننىڭ غەربىدىكى مياۋزۇلاردا «بايلىق قانچە كۆپ بولسۇن ياكى نام ئاتىقى قانچە يۇقىرى بولسۇن، ناخشا ئېيتىپ باشقىلارنىڭ قەلبىنى ئۇتالمىسا ھەممىسى بىكار» دەيدىغان گەپبار. مياۋزۇ قىز- يىگىتلىرىنىڭ مۇھەببەت باغلىشى ناھايىتى ئاددى. بىر ناخشا بىلەنلا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالاليدۇ. بەزىلىرى ھەتتا ئۆز نىگارىنىڭ ۋەسلىگە يەتمىگۈچە ناخشا ئېيتىشتىن توختىمايدۇ. قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى ناخشا مەرىكىىسىدە، نۇرغۇن قىز يىگىتلەر ئۆز مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ. خۇددى چوڭقۇر تاغلار ئىچىدىن بوز تورغايلار ئۇچۇپ چىققاندەك ياكى سۈپسۈزۈك سۇلار تاشتىن- تاشقا ئۇرۇلۇپ ئاققاندەك، كۈمۈش زىبۇ- زىننەتلەر جىرىڭلىغاندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاغ جىلغىسىدا ئەكس سادا پەيدا قىلىپ، ناخشا ساداسى ئۆزئارا بىرىكىپ، ناخشا دولقۇنى شەكىللەندۈرىدۇ. يۈزى تۆۋەن مياۋزۇ قىزلىرى تارتىنىپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ئەگەر قىز- يىگىتنىڭ بىر- بىرىگە كۆڭلى بولسا قوللىرىنى تۇتىشىپ، دەرەخ ئاستىغا بېرىپ بىرلىكتە ناخشا ئېيتىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى