قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىرلىق جۇڭگو تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق كەنت تۇيۇق قەدىمىي كەنتى

2018-04-11 13:17:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تويۇق كەنتى يالقۇنتاغ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، يالقۇنتاغدىكى بىر قاتار تاغ جىلغىلىرى ئىچىدىكى تويۇق جىلغىسىدا ئىنتايىن سىرلىق ۋە مۇقەددەس بولغان «جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كەنتى» ـ تۇيۇق كەنتى بار، تۇرپان ۋىلايىتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان قوچۇ خانلىقى دەۋرىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى، ئەڭ چوڭ، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تاش غار توپى تۇيۇق مىڭئۆيلىرى بار؛ يەنە شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزناسىنىڭ بىرى بولغان سۇ باش ئىپتىدائىي مەدەنىيەت خارابىلىقى بار، بۇ يەردىكى تۇيۇق جىلغىسى ياڭخې قەدىمىي قەبرىستانلىقى «2005- يىلى جۇڭگو ئارخېئولوگىيىسىدىكى ئون چوڭ بايقاش» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، تۇيۇق جىلغىسى ئۇيغۇر تىلىدا «ئۆتكىلى بولمايدىغان يول» دېگەن مەنىدە، بۇ يەر پىچان ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يالقۇنتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان، 1992- يىلى يول ياسىلىپ تۇيۇق جىلغىسى بىلەن سىرتقى دۇنيانىڭ ئالاقىسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، تويۇق جىلغىسى ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

يالقۇنتاغنىڭ قىيا- تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدا بىر ئىپتىدائىي كەنت ـ- تۇيۇق مازار كەنتى بار، 1700 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇ كەنت شىنجاڭدىكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كەنتى. ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان، بۇ يەردىكى كىشىلەر كۈننىڭ چىقىش- پېتىشىغا قاراپ تۇرمۇش تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ياشانغانلار، ياشلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ يۈزىدىكى تولۇپ تاشقان خاتىرجەملىك، قانائەتچانلىق ۋە بەخت چېھرى كىشىگە ساددا، غەمسىز تەسىر بېرىدۇ.

تۇيۇق جىلغىسىدا مۇنداق بىر قۇبلىت قوشاق تارقالغان: «كېسەك تام، كېسەك ئۆيلەردە، خىش تام، ياغاچنىڭ نە ھاجىتى؛ قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن، پاكىزە، چەكسىز ئۇنىڭ راھىتى». ھەقىقەتەن تۇيۇق جىلغىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى سېغىز توپىلىق ئۆيلەر بولۇپ، بۇنداق سېغىز توپىلىق ئۆيلەر تۇيۇق مازار كەنتىدە نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان مىڭئۆي ۋە سىرلىق مازارغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە كىچىك، شۇنچە ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، لېكىن كىشىگە ئىللىق تەسىر بېرىدۇ.

تۇيۇق كەنتىگە كىرگىنىڭىزدە يالقۇنتاغنىڭ شەرق، غەرىپ ئىككى باغرىدىكى تاغقا يانداپ سېلىنغان قاتار- قاتار بىر- بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن ئاھالىلەرنىڭ قەدىمىي ھويلا- ئاراملىرىنى كۆرىسىز، يالقۇنتاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇ كەنتتە سېلىنغان ھەر بىر سېغىز توپىلىق ئۆي تۈز ھەم تىك، بېزەلمىگەن، بارلىق ئۆيلەرنى خۇددى قوشكېزەك ئاكا- ئۇكىلاردەك بىر- بىرىدىن پەرىقلەنمەيدۇ، ئەگەر بۇ ئۆيلەرنىڭ سېغىز توپا ئۆيلەر دەۋرىدە سېلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولسىڭىز، ھازىرقى ئاھالىلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 يىللىق تارىخنى بايان قىلالايدۇ، ھازىرقى سېغىز توپا ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىن 200 يىللىق تارىخقا ئىگە 3 ئائىلىلىك، 150 يىللىق تارىخقا ئىگە 5 ئائىلىلىك كونا ئۆينى تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن سېغىز توپىلىق ئۆيلەرنىڭ تارىخى مۇشۇنچىلىكلا ئەمەس، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، سېغىز توپىلىق ئۆيلەرنىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا مىلادىيە 4- ئەسىردە باشلانغان بولۇپ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا تۇيۇق كەنتىدە بۇددا دىنى بولغاچقىلا، سېغىز توپىلىق ئۆي ۋە تاش غارلاردىكى سېغىز توپىلىق ئۆيلەر بارلىقا كەلگەن.

ھازىر، تۇيۇق كەنتى سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى يولىنى ئاچتى، مەملىكەت بويىچە سەھرا ساياھەتچىلىكى جانلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۇيۇق كەنتى سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات يېڭى باھارىنى كۈتۈۋېلىپ، قانات قېقىپ پەرۋاز قىلماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى