قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھايات مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ

2018-04-12 19:03:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەمدىلا ئون بىر ياشقا كىرگەن بىر بالا پۇتبول ئويناۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن قوشنىسىنىڭ دېرىزىسىنى چېقىپ قويدى، قوشنىسى ئۇنىڭغا بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلەم تۆلەپ بېرىشنى ئېيتتى، شۇ چاغدا بۇ پۇلنىڭ خېلىلا كۈچى بار ئىدى، ئۇ پۇلغا 13  مېكىيان سېتىۋالغىلى بولاتتى. بالا دادىسىغا ئۆزىنىڭ  خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، دادىسى ئۇنىڭغا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئېيتتى.
-مەندە نەدىمۇ ئۇنچە كۆپ پۇل بولسۇن دادا!- دېدى بالا يىغلامسىراپ.
-مەن ساڭا شۇنچىلىك پۇلنى قەرز بېرىپ تۇرىمەن، بىر يىلدىن كېيىن قايتۇرىسەن،- دېدى دادىسى ئۇ پۇلنى ئۇنىڭغا بېرىۋىتىپ. شۇنىڭ بىلەن يېرىم يىل جاپالىق تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق، ئۇ ئاخىرى دادىسىغا بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى.
بۇ يىگىت ئۇزاق يىللاردىن كېيىن بىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كاتتا كىشىگە ئايلاندى. كېيىن ئۇ بۇ ئىشنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا مەن ئەمگىكىم ئارقىلىق خاتالىقىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، نېمىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم، ئادەم دۇنياغا بەلگىلىك مەسئۇلىيەت ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھايات مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا دۇنياغا نىسبەتەن مەسئۇلىيىتىنى تونۇش ۋە ئادا قىلىش ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز ئەھمىيەتكە ۋە قىممەتكە ئىگە. قايسىلا مەنىدىن بولمىسۇن، گەرچە ھەممىمىزنىڭ داڭلىق زات ۋە چولپانلاردىن بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز ياكى مۇمكىنچىلىكىمىز بولمىسىمۇ، ئەمما تېگىشلىك ھايات مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە خاس ئادەم بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مۇمكىنچىلىكىمىز بار، شۇنداق بىر ھەقىقەت ھەر ۋاقىت پارلايدۇكى، ئەگەر ھاياتتىكى ھەر بىر قەدىمىمىزنى مەسئۇلىيەت بىلەن باسالىساقلا، چۇقۇم ئۆزىمىزمۇ ھەيران قالغۇدەك ئادەملەردىن بولۇپ چىقالىشىمىزدا گەپ يوق، پەقەت مەسئۇلىيەتلا ھاياتىمىزنى مەڭگۈلۈك كۈچ- قۇۋۋەتكە ئىگە قىلالايدۇ، شۇڭا «ھاياتتىكى ئەڭ زور ھۇزۇر- ھالاۋەت- ئورۇندالغان مەجبۇرىيەتتىن زوقلىنىشتۇر».
ھەر بىر چىمدىم تۇپراق، ھەربىر تال گىياھ، ھەر تېمىم سۇ، ھەر قېتىملىق ئىللىق مېھىر، ھەر تامچە تەر، ھەر بىر قۇياش نۇرى، ھەر بىر لوقما تائام، ھەر بىر تىنىق ھاۋاغا نىسبەتەن باش تارتىپ بولمايدىغان چوڭقۇر مەسئۇلىيىتىمىز بار، چۈنكى بىز ئۇلارسىز مەۋجۇت بولالمايمىز. ئۇلاردىن سىرت، مەيلى قايسىلا كەسىپ، قايسى خىزمەتنى ئىشلەشتىن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى قايسى ئورۇندا، قايسى ۋاقىتتا، قانداق ياخشى ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاددىيسى پەرزەنت ئىكەنسىز، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىگە سەل قارىماڭ؛ ئاتا-ئانا ئىكەنسىز، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ؛ ھۈنەر- كەسىپ ئىگىسى بولسىڭىز، توغرىلىقتىن تايماڭ؛ ئەمەلدار بولسىڭىز ئەلنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئارزۇ- ئارمانلىرىغا قۇلاق سېلىڭ؛ ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز، ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىنى ھەر دائىم ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇڭ؛ مەيلى كىم بولۇڭ، نەدە ياشاڭ ھاياتلىقتىكى ھەر بىر تىنىق، ھەر بىر قەدىمىڭىزگە مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك. پۈتكۈل ھاياتلىق سەپىرىڭىزدە ئادىمىيلىك، گۈزەللىك ۋە يۈكسەكلىك نامايەن بولسۇن.
بىر ئادەم تۇرمۇشتا ئېغىر بېسىم ھېس قىلغاچقا، پەيلاسوپنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن يول كۆرسىتىشنى سوراپتۇ، پەيلاسوپ ئۇ كىشىنىڭ دۈمبىسىگە بىر سېۋەتنى ئېسىپ، تاشيولنى كۆرسىتىپ دەپتۇ: «سەن ھەر بىر قەدەمدە يەردىن ئۆزۈڭ چىرايلىق دەپ قارىغان بىر تال تاشنى ئېلىپ سېۋەتكە قاچىلىغىن، ئاندىن قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىڭنى ماڭا دەپ بەر» دەپتۇ. ئۇ ئادەم پەيلاسوپنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپتۇ. پەيلاسوپ يولنىڭ ئۇ بېشىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ، بىرئازدىن كېيىن ھېلىقى ئادەم يولنىڭ ئۇ بېشىغا يېتىپ بېرىپتۇ، پەيلاسوپ ئۇنىڭدىن قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى سورىغانىكەن، ئۇ مەيۈسلەنگەن ھالدا :«سېۋەتنىڭ بارا- بارا ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ چاغدا پەيلاسوپ: «مانا بۇ دەل تۇرمۇشنى ئېغىر بېسىم ھېس قىلغانلىقىڭنىڭ سەۋەبى» دەپتۇ ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز بۇ دۇنياغا كەلگەندە ھەر بىرىمىزنىڭ دۈمبىسىدە بىردىن سېۋەت بولغان بولىدۇ. بىز ھەربىر قەدەم ماڭغاندا بۇ دۇنيادىن بىر نەرسىنى تېرىۋالىمىز، شۇڭا دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىمىز».
-قانداق قىلغاندا بۇ ئېغىر يۈكنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ؟- دەپ سوراپتۇ ئۇ ئادەم تەقەززالىق بىلەن. «خىزمەت، ئائىلە، دوستلۇق، ۋاپادارلىق، ياخشىلىق ئىچىدىن قايسىنى ئېلىۋېتىشنى خالايسەن؟» -دەپ سوراپتۇ پەيلاسوپ ياندۇرۇپلا، ئۇ ئادەم زۇۋان سۈرەلمەپتۇ.
«ھەممىمىزنىڭ سېۋىتىگە بۇ دۇنيادىن ناھايىتى ئەستايىدىل ئىزدەپ تاپقان نەرسىلەر سېلىنغان بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەسئۇلىيەتمۇ سېلىنغان» دەپتۇ پەيلاسوپ. «يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشى، جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنىمىزنىڭ مۇھىملىقىغا بېقىپ، سېۋېتىمىزدىكى تاشلارمۇ كۆپىيىپ ھەم ئېغىرلاپ بارىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قانچە ئېغىرلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرگىزمۇ سېۋەتتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن سېۋېتىمىز تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. دەل شۇنداق مىنۇتلاردا سېۋىتىمىزنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، ئاخىرقى پەللىگە غەلىبە بىلەن يېتىپ بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ قىممىتى ۋە مۇھىملىقىنى دۇنياغا نامايەن قىلىشىمىز كېرەك. پەقەت مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشلا ياشاۋاتقانلىقىمىز، نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.ئۆمرىمىزنى سۇنىڭ ئېقىشى، شامالنىڭ چىقىشىغا قويۇۋەتمەستىن، بەلكى مەسئۇلىيەت بىلەن گۈزەللىك يارىتىش يولىغا سېلىپ پارلاق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەتسەك، جەزمەن پۇشايمانسىز ھاياتقا، ئاجايىپ مول مەنا ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيمىز، ئۆزىگە ئوڭاي ۋە مەسئۇلىيەتسىز ياشاشنى راۋا كۆرۈش ئەخمەقلىق ۋە يوقلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆزىنىڭ ھاياتى مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇغان ۋە تىرىشىپ ئادا قىلىۋاتقان كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئۈلگىلىك ھايات ئىگىلىرىدۇر، دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ بولغانلىقىدىن، بۇ دۇنيا ئىنتايىن گۈزەل، دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ بولغانلىقىدىن ھايات جان تىكىپ ياشاشقا ئەرزىيدۇ، دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ بولغانلىقىدىن بىز تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالايمىز، ئەلۋەتتە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى