قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا بازىرى ياربويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

2018-04-13 13:24:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئىككى كۈندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا بازىرى ياربويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان 2 مىڭ 160 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەيدانى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.
فۇنكسىيە ئايرىمىسى بويىچە، بۇ يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەيدانى مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى، بازار ۋە ئومۇمىي گېنېراتور سىغىمچانلىقى 166 كىلوۋات بولغان يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش تاختىسى دەپ ئايرىلىدۇ. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى قەيسەر ئابدۇللا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت مەيدانىدا دېھقانلار ئۆگىنىش قىلىدۇ؛ ئارىلىقتا بازار بار. بۇ يەردە ئاساسلىقى نامرات ئائىلىلەر تىجارەت قىلىدۇ؛ ئۈستىدە يورۇقلۇق ۋولت ئاساس قىلىنىدۇ يەنى بىر ئايدا 10 مىڭ ۋات، بىر يىلدا 200 مىڭ ۋات توك تارقىتىلىدۇ. 
كەنت ئاھالىسى پەرىدە تۇرسۇن تۇنجى تۈركۈمدە يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەيدانىدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن نامرات نوپۇس ھىسابلىنىدۇ. ئۇ ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايما ئورنى ئاچقان بولۇپ، سودىسى ياخشى بولغان كۈنلىرى بىر كۈندە نەچچە يۈز يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. پەرىدە تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ يايما ئورنى بار بولغاچقا، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. ھازىر ئېتىز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاندىن باشقا، يەنە بۇ يايمىدا تىجارەت قىلىش بىلەن ئالدىراش ئۆتىمەن. سودام ناھايىتى ياخشى بۇلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى تىجارەت قىلىپ، يايما ئورنۇمنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
بۇ يىل كىرگەندىن بويان، خىزمەت ئەترىتى ئۆزىنىڭ كەسپ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يورۇقلۇق ۋولت، كەسىپ، ماھارەت قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىش، يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ يار بويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1- شۇجىسى جاڭ جىچېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ: باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە بەختى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ياربويى كەنتى يورۇقلۇق ۋولت نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ مەيدانىدا جەمئىي 22 يايما ئورنى بار، ھەر بىر يايمىدا 3 نامرات ئائىلە ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 166 كىلوۋولتلۇق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 150 مىڭ يۈەن ئاشۇرىدۇ. بىز دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى