قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 يېڭىسار ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ جېنپېڭ بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئاينۇر نەمەت ئۆزئارا تۇنۇشتى، دوست بولۇشتى

2018-04-13 13:36:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ جېنپېڭ بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئاينۇر نەمەت ئۆزئارا تۇنۇشتى، دوست بولۇشتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە ھىسسىيات ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلى چىڭىدى.
يېڭىسار ناھىيەسى لومپا يېزىسىنىڭ لومپا كەنتىدە، جاڭ جېنپېڭ كەنتتە ھازىرغىچە خەۋەرلىشىش تور نۇقتىسى يوقلۇقى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېلېفون ھەققىنى تاپشۇرۇش، كەسپ بېجىرىش ئىشلىرىنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىش كۈتۈپ تۇرغان تۇغقىنى ئاينۇر نەمەتنىڭ خەۋەرلىشىش تور نۇقتىسى ئېچىشىغا ياردەم بەردى. بۇ كۈنى، جاڭ جېنپېڭ بىلەن خىزمەتداشلىرى مەخسۇس ئاينۇر نەمەت ئىجارە ئالغان دۇكانغا كېلىپ، ئۇنىڭ تىجارەت ئىشلىرى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزدى. جاڭ جېنپېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولدۇق. بۇ ئىشلار يۈرۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، سۈرەت تارتىش، نۇسخىلاش كەسپىنىمۇ يولغا قويىمىز. تىجارەت دائىرىسى كېڭەيسە، بېيىش يولىمۇ كېڭىيىدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا، ئاينۇر نەمەت مۇنداق دېدى: جاڭ جېنپېڭ بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى. كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى ئۇنىڭغا دەيدىغان، ئۇمۇ ئۆز ئاكامغا ئوخشاش، ئىشلىرىمغا ياردەم بېرىدىغان بولدى. ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جاڭ جېنپېڭ بىلەن ئاينۇر نەمەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مىھرى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. ھازىر، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدى ھەمدە قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىدىغان، مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىدىغان بولدى. جاڭ جېنپېڭنىڭ ياردىمىدە، ئاينۇر نەمەتنىڭ تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، جاڭ جېنپېڭ ئاينۇر نەمەتنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ نامراتلىقتىن تېزراق قۇتۇلۇپ، تېزراق بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. جاڭ جېنپېڭ مۇنداق دېدى: مەيلى تۇرمۇش ياكى خىزمەت جەھەتتە بولسۇن، مىھرىمىز چوڭقۇرلاشتى، غەيرىتىمىز ئاشتى. خۇددىي باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، ئانارنىڭ دانىسىغا ئوخشاش زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تىرىشىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى