قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خۇاڭ يەنيۈنىڭ ئانىلىق مېھرى

2018-04-13 18:48:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يەنمىڭ بىر ياش ئانا. ئۇنىڭ نەزىرىدە «قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان بالا يوق، پەقەت چىن كۆڭلىنى پۈتۈنلەي ئاتا قىلىشنى خالىماسلىق ۋە تىرىشماسلىقلا بار».
  بۇ يىل 3- ئاينىڭ 13- كۈنى، تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بۇلاڭچىلىق دېلوسىغا قارىتا سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى.
  بۇلتۇر 8- ئايدا 15 ياشلىق شياۋ مېي بىلەن ئوغۇل دوستى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شياۋ گۇاڭنىڭ يان تېلىفونىنى بۇلاپ قاچتى. ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شىياۋ مېي ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلىدى. خۇاڭ يەنيۈ بۇ دېلونى بېجىرگۈچى تەپتىش ئىدى.
  سوتتىن بۇرۇنقى تەييارلىق، سوتتىكى تەكشۈرۈش، سوتتىكى مۇنازىرە..... قارىماققا، بۇ ئاددى بىر قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى بولۇپ، جاۋاپكار تەربىيە كەمچىل، ئۈچ قاراش توغرا يىتىلمىگەنلىكتىن مۇشۇنداق تىراگىدىيە يۈز بەرگەن.
  بىراق سوتتىكى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا، شياۋ مېي ئۆزىنىڭ ئەگرى- توقاي ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىنى سۆزلىگەندە پۈتۈن سوتخانىنىڭ كەيپىياتى سۈكۈتكە چۈمدى.
  خۇاڭ يەنيۈ بۇ ئەھۋاللارنى خېلى بۇرۇنلا ئىگىلەپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا ئۆزىنى تۇتالماي كۆز يېشى قىلدى. سوتتىن ئىلگىرىكى سوراقتا، ئۇ شياۋ مېينىڭ كۆزلىرىدىن يېشىغا ماس كەلمىگەن پىشىپ يېتىلىش، چىرايىدىن سوغۇق ھەم ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئىپادىنى بايقىغانىدى.
  خۇاڭ يەنيۈ ئىزچىل، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئامال قىلىپ جىنايەتكە چېتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇتقۇزۇش دەپ قارايتتى. ئۇ شياۋ مېينىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ھەر قېتىم سوراق قىلغاندا، ئاۋۋال دېلونى تىلغا ئالماي، شياۋ مېينىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشكە دىققەت قىلدى. قايتا- قايتا ھال- ئەھۋال سوراش ئارقىلىق، شياۋ مېي خۇاڭ يەنيۈگە يۈرەك ساداسىنى ئاشكارلىدى. ئەسلىدە، شياۋ مېي تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ مومىسى ۋە ھاممىسى بىلەن بىرگە تۇرغان، 10 يېشىدىن باشلاپ دادىسى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن. دادىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا ئەزەلدىن دادىسىنىڭ بىرەر قېتىم مىھىرى بىلەن بېشىنى سىلاپ باققىنىنى بىلمەيدۇ. كېيىن باشقىلارنىڭ پەسكەشلىك قىلىشىغا ئۇچراپ، 12 يېشىدا ئائىلىسىدىن چىقىپ، تاكى دېلو يۈز بەرگەنگە قەدەر جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەن.
  بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاتا- ئانىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى خۇاڭ يەنيۈ ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا ئاتا- ئانا مېھرىنىڭ كەمچىل بولۇشى بالىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنىڭ يېتىلىشىگە قانچىلىك تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ.
  «بالام، خاتا ئىش قىلغاندا ئاقىۋىتىنى ئۈستۈڭگە ئېلىشىڭ كېرەك. لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ خاتالىقىڭى ئەمەس، بۇنى چۈشىنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن»، «سېنىڭمۇ چوقۇم بىر ياخشى بالا بولغۇڭ بار، بىر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ كارايىتى چاغلىق، تۈزىتىشكە يەنە پۇرسەت بار»... خۇاڭ يەنيۈ سوراقتىن سىرت، توختىماي شياۋ مېيغا پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. خۇاڭ يەنيۈنىڭ ئىللىقلىقى ۋە سەمىمىيىتى خۇددى قۇياش نۇرىدەك، شياۋمېينى ئاستا-ئاستا ئېرىتتى. بىر قېتىم، شياۋ مېي تۇيۇقسىز خۇاڭ يەنيۈدىن ئاستاغىنە: «مەن سىزنى بىر قېتىم ئانا دەپ چاقىرسام بولامدۇ، كېيىن سىزگە خەت يازسام بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. خۇاڭ يەنيۈ قىلچە ئىككىلەنمەستىن «ئەلۋەتتە بولىدۇ، ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمەن!» دەپ جاۋاب بېرىۋېدى، شياۋ مېي كۈلۈپ تۇرۇپ  كۆزىگە ياش ئالدى.
  خۇاڭ يەنيۈنىڭ تەپتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 10 يىل بولدى، 2015- يىلىدىن باشلاپ تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. ئۇ ئانىلىق مېھىر، ئىنچىكىلىك، مۇلايىملىقىنى ئۆز خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، بىر تۈركۈم جىنايەتكە چېتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، ئۈچى خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى كۆپ قوبۇل قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۇنى «تەپتىش ئانا» دەپ چاقىرىشىدۇ.
  2015- يىلى، خۇاڭ يەنيۈ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە شەرتلىك ئەيىبلەنمىگەن تۇنجى دېلونى بېجىردى، دېلوغا چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالا  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايىتى يوقلىقىغا ئالاقىدار ئىسپاتنى ئېلىشى كېرەك بولدى. خۇاڭ يەنيۈ بالىنىڭ كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قورامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش باشقارمىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قانۇنچىلىق باشقارمىسى بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئارخىپنى پېچەتلەپ، دېلوغا چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 2015- يىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى خۇاڭ يەنيۈ قورامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش بۆلۈمىگە ۋاكالىتەن تەڭرىتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى، سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداپ دېلو بېجىرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش» كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاپ، دېلوغا چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىق، ئۆز ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئەدلىيەلىك قوغداشقا ئېرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
  ئىشتىن كېيىن جازالىغاندىن كۆرە، ئالدىنى ئېلىش تېخىمۇ مۇھىم. خۇاڭ يەنيۈ مۇخبىرغا، بالىلاردىكى زورلۇق قىلمىشى پەيدا بولۇشىنىڭ كۆپىنچىسىنى پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، پىسخىكىلىق يېتەكلەشنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئىككى ئاي كۈچەپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىلىك سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، 2- دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن كەسپىي پىسخىكىلىق تەھلىل، روھىي تەسەللى بېرىش ۋە دائىملىق تەربىيەگە ئاساس سېلىشنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.   خۇاڭ يەنيۈ يەنە قەرەلسىز ھالدا مەكتەپلەرگە بېرىپ قانۇن ئىدارە قىلىش لېكسىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن قوللانمىسى تارقىتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشى ۋە قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنى قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، بالىلارنى قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ غەمخورلىقىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلىمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى