قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2018- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «شىمالىي شىنجاڭ ساياھىتى» پويىزى قاتناشقا باشلىدى

2018-04-13 19:27:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 20:35 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن قورغاسقا ماڭغان Y951- قېتىملىق ساياھەت پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، بۇ، بۇ يىللىق تۇنجى «شىمالىي شىنجاڭ ساياھىتى» پويىزى ھېسابلىنىدۇ؛ سائەت 21:02 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن بېيتۇنگە ماڭغان 3Y95 قېتىملىق ساياھەت پويىزىمۇ ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، شىمالىي شىنجاڭ ساياھىتى سەپىرىنى رەسمىي باشلىدى.         
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، «شىمالىي شىنجاڭ ساياھىتى» پويىزىنىڭ قاتنىشى بىلەن بۇ يىللىق «پويىزدا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» لىنىيىسىنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي باشلانغان.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ساياھەت پويىزىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، پويىزدا كۆپ ئىقتىدارلىق كۆڭۈل ئېچىش ۋاگونى، ئائىلە كىنوخانىسى، ناخشا ئېيتىش، شاھمات ئويناش سورۇنلىرى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق، پويىز تېخىمۇ ئازادىلەشتۈرۈلدى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنى مۇنچا ۋاگونى قوشۇلىدۇ. ئۇنىڭدا 18 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا يۇيۇنالايدۇ.            
    بۇ يىللىق «شىمالىي شىنجاڭ ساياھىتى» پويىزى يېڭى تىپتىكى قوش قەۋەتلىك، ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك 12 ۋاگوندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 6 ۋاگون قاتتىق كارىۋاتلىق، بىر ۋاگون يۇمشاق كارىۋاتلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ پويىزغا جەمئىي 526 ئادەم سىغىدۇ. يەنە ئاشخانا ۋاگونى، كۆپ ئىقتىدارلىق كۆڭۈل ئېچىش ۋاگونى ۋە يۇيۇنۇش ۋاگونى تەسىس قىلىنغان.
   ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچى توشۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سى شېنمىننىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، بۇ يىل «شىمالىي شىنجاڭ ساياھىتى» پويىزىنىڭ قاتناش بۆلىكى ئۇزارتىلغان ھەم ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، غولجا ئاخىرقى بىكىتىنى غولجا قورغاسقا ئۇزارتقان، ئالتاي ۋىلايىتى بىكىتىنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بېيتۇن شەھىرىگە ئۇزارتقان، بۇ ئالتاي قاناس مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپلا قالماي يەنە قورغاس پورتى مەنزىرە رايونى كۆپەيتىلىپ، ساياھەت لىنىيىسى تېخىمۇ ئىخچاملىنىپ تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇلغان. 
 «شىمالىي شىنجاڭ ساياھىتى» پويىزى شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بۇلتۇر يولغا قويغان نادىر تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۈرۈمچى، ئىلى، بېيتۇندىن ئىبارەت شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش ساياھەت چەمبىرىكى بەرپا قىلىنىدۇ، بۇ لىنىيە قاناس، نارات، بايىنبۇلاق يايلىقى، سايرام كۆلى، قورغاس پورتى قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرىنى قاپلايدۇ. بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە «شىمالىي شىنجاڭ ساياھىتى» پويىزى جەمئىي 647 نۆۋەت قاتناپ، 315 مىڭ ئادەم قېتىم توشۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى گۈزەل ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى