قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ياشانغانلار ئۈمىدۋار كەيپىياتنى قانداق ساقلىشى كېرەك؟»

2018-04-13 17:19:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆمۈر چولپانلىرىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوشال كەيپىياتنى ساقلاش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەن. خوشال كەيپىيات ھەر قانداق ياشتىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىدا باشقىلارنى جەلپ قىلىدىغان سېھرى كۈچ پەيدا قىلىدۇ، خوشال كەيپىيات سالقىن شامال، يورۇق ئايغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا پۇل خەجلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەم پۇلغىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. كىم ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرۋايەت بىرگە بولالىسا، شۇ بىر ئۆمۈر ساغلام، بەختلىك بولىدۇ.

@خوشال كەيپىيات توغما بولمايدۇ، شۇنداقلا ئوڭايلا ئېرىشكىلىمۇ بولمايدۇ، ئۇنداقتا ياشانغانلار قانداق قىلغاندا خوشال كەيپىياتىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟

ئالدى بىلەن كەيپىياتنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئاكتىپ بولۇش كېرەك. كەيپىيات ياخشى بولمىغاندا، ناچار كەيپىياتنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى تونۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىش كېرەك. ئاغرىپ قالغاندا تەشۋىشلىنىش، باشقىلارنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە يولۇققاندا غەزەپلىنىش قاتارلىقلار تەبىئىي نورمال ئىنكاس، لېكىن ئادەم بۇ خىل كەيپىيات ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتنى ئويلاش ۋە تەپەككۈر قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ خەتىرىنى ئويلىغاندا، ئۇنى يوقىتىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە غەم- ئەندىشە ئوغرىغا ئوخشاش بولۇپ، تۇرمۇشتىكى خوشاللىقنى، ساغلاملىقنى ھەتتا ھاياتلىقنىمۇ ئوغرىلاپ كېتىدىكەن.

@يەنە بىرسى، ياشانغانلار ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشى، تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىدىغان ئوڭۇشسىزلىققا ماسلىشىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.

ئاتاقلىق پىسخولوگ ۋېليام جامۇس: «رېئاللىقنى قۇبۇل قىلىش كېلىش ئالدىدا تۇرغان ھەر قانداق بەختسىزلىكنى يېڭىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى»دېگەن.

@ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار يەنە مۇنداق بىر قانچە ئىشقا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك:

قېرىشتىن قورقماسلىق كېرەك.

قېرىشقا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، «قېرىشنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق خوشاللىقى بار» دەپ قاراپ، ئوبىكتىپ پوزىتسىيە بىلەن قېرىلىققا مۇئامىلە قىلغاندا، كىشى ئۆزىنى بارغانسىرى ياشىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۆزىنى ئەمەلىي يېشىدىن 10 ياش كىچىك دەپ قاراش، بۇمۇ پىسخىكا جەھەتتىكى ياشلىقنى ساقلاشنىڭ ئەپچىل چارىسى.

@ ئۆي ئىچىنى باشقۇرماسلىق كېرەك. قېرىغاندا، خىزمەت ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققاندا، ئۆيدىمۇ ئىككىنچى سەپكە چىقىپ، پەرزەنتلىرىگە ئۆينى باشقۇرۇشنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك. بەزى ياشانغانلار ئائىلە باشلىقلىق كىبىرىنى تاشلىماي، پەرزەنتلىرىگە ئىش تاپشۇرىدۇ، ئائىلە ئىشلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايلا يۈرۈيدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۆزىمۇ ۋە پەرزەنتلەرمۇ راھەت بولالماسلىقى مۇمكىن.

@ تايىنى يوق ئىشلارغا چېچىلماسلىق كېرەك. ئەلۋەتتە چوڭ مەسىلىلەرگە توغرا كەلگەندە ئاندىن ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بار مەسلىھەت قىلىشىپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

@كەڭ قورساق بولۇش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چامى يەتكەن ئىشلارنى قىلىش، چامى يەتمىگەنگە زورۇقماسلىق كېرەك.

@ ئۆيدە ھەمراھى، سىرتقا چىققاندا دوستى بولۇشى كېرەك.

ئەر- ئايال بىرگە بولسا ئەلۋەتتە ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى دەۋرى شاتلىققا تولىدۇ. لېكىن ھەمراھى يوق ياشانغانلار ئەل- ئاغىنىلىرى، دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە بولغاندا خوشاللىق تاپىدۇ، جەمئىيەتتە كۆپرەك ئۆزى بىلەن قۇرداش دوست تۇتۇشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بىرلىكتە سىرداشقىلى، كۆڭۈل ئاچقىلى بولىدۇ، بۇ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە روھىي جەھەتتىكى خوشالىققا ئېرىشىشكە پايدىلىق.

@ ئۆيدە بېكىنىپ ئولتۇرىۋالماي، تەبىئەت قوينىغا قاراپ يول ئېلىش كېرەك.

ياشانغانلار ئۆيدىن چىقىپ، كەڭ تەبىئەت قوينىغا قاراپ يول ئالغاندا، بەدەن چېنىقتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ ھەم روھىي جەھەتتىن خوشالىققا ئېرىشەلەيدۇ.

@ناچار ئادەتلەرنى تاشلاش كېرەك.

بەزى ياشانغانلار ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالغان بولىدۇ. بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە روھىي ھالەتكىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ، كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ، ئاسانلىقچە كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ھاياتنى قەدىرلەش، ئۆزىنى ئۆزى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماسلىق لازىم.

@ سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلش كېرەك.

سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىك ئادەمگە ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا توغرا مۇئاملە قىلمىغاندا، ياشانغانلارنى ئەندىشىگە سېلىپ، كەيپىياتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەتتا دۇنيادىن بىزار بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلغاندا، روھىي جەھەتتە ئازادىلىك ھىس قىلىپلا قالماي، بەلكى كېسەللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى