قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «خاتىرجەملىك جىلغىسى»

2018-04-13 17:23:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

@ «خاتىرجەملىك جىلغىسى» گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى چيەننەن ئوبلاستىدا بولۇپ، جىلغىنىڭ ئىكولوگىيەلىك موھىتى ئىنتايىن گۈزەل، كېلىماتى كىشىلەرگە ئىنتايىن يېقىشلىق، كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان «ئېكولوگىيەلىك ئوبلاست» ھېسابلىنىدۇ. «خاتىرجەملىك جىلغىسى» دېگەن نامدىنلا بۇ يەرنىڭ كىشىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادە تەسىر، خوشال كەيپىيات بېرىدىغان بىر جاي ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

ماشىنا بىلەن تاغ يولىدىن ئايلىنىپ ماڭغاندا، تاغ جىلغىسىنىڭ ئىككى قىرى تىك، چوققىلىرى تۇتاش، بۆككىدە ئورمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ، جىلغا تېگىدە سۇلىرى سۈپ- سۈزۈك كىچىك بىر ئېقىن ئېقىپ تۇرىدۇ. جىلغىغا كىرگەندە، يول بويىدا ئۈستىگە: «خاتىرجەملىك جىلغىسى» دەپ يېزىلغان بىر ياغاچ ئابىدە ئۇچرايدۇ. دەرۋەقە، تاغ جىلغىسىنىڭ ئىچى ئىنتايىن خىلۋەت بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى تاغ چوققىلىرىدىكى قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازلىرى چوڭقۇر تاغ جىلغىلىرىدا تېخىمۇ روشەن ئەكىس ئېتىدۇ. ئادەتتە بىر قاراشتا، بۇ تاغ جىلغىسىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئالدىغا قانچىلىك قارىسىمۇ، تۇتاش كەتكەن تاغ باغرى، تىك قىيالار ۋە تاغ باغرىدا تىك ئۆسكەن كۆك ئارچىلارلا كۆرۈنىدۇ.

داۋاملىق ئالدىغا مېڭىپ، بىر داۋاندىن ئايلىنىپ ئۆتسەك كۆز ئالدىمىز بىردىنلا يورۇپ، پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان يەنە بىر ماكان كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. ئالدى تەرەپ كەڭرى كەتكەن ئېتىزلىق بولۇپ، كىچىك كۆۋرۈكلەر ئاستىدىكى ئۆستەڭلەردە سۇلار ئېقىپ تۇرىدۇ، يۇلتۇزدەك تارالغان يېزا ئۆيلىرى، جىمجىت ھەيۋەتلىك تاغلار بىلەن ئورالغان. يېزا- كەنت تاشيوللىرى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى سىغدۇرالمايدىغان بولۇپ، ماشىنىلارنىڭ شاۋقۇن- سۆرەنلىرى خىلۋەت جىلغىنىڭ سىرتىدا قالغانلىقى ئۈچۈن، تاغ جىلغىسىدىكى دالا خاتىرجەملىككە تولغان. ئالدىغا قاراپ يەنە داۋاملىق ماڭساق، ئۇزاق ئۆتمەيلا خاتىرجەملىك ۋادىسىدىكى چايزارلىققا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ھەددى- ھېسابسىز چاي دەرەخلىرى بۈك- باراقسان ئۆسكەن، خۇددى بىر پارچە يېشىل دېڭىزغا ئوخشايدۇ، يېشىللىق كىشىگە سالقىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، ئادەمنى مەستخۇش قىلىپ، ھاياجانغا سالىدۇ. يىراقتىكى تاغلارنى تۇمان قاپلىغان بولۇپ، بۇلۇتلار ئاسماندا لەرزان ئۈزۈپ يۈرىدۇ. كۆزنى يۇمۇپ ساپ ھاۋادىن قانغۇچە بىر نەپەس ئالسىڭىز، ئىنتايىن راھەتلىنىپ قالىسىز. ماشىنا بىلەن بىر قىردىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل تۆۋەنگە چۈشسەك، بىر ئايلانمىدىن ئۆتۈپلا تاغ جىلغىسىغا كىرگىلى بولىدۇ.

@ ساياھەت رايۇنىدىكى چايچى قىزلارمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدۇ، بەدىنىگە يېشىل كىمخاپ ئارتقان بۇ چايچى قىزلار ئۇزۇن قارا چاچلىرىنى قويۇۋېتىپ، ساياھەتچىلەرگە چاي دەملەپ بېرىدۇ. چاي ئىستاكانىنى ئېلىپ، ئازراق تېتىپ باقسىڭىز، ئېغىزىڭىزنى خۇش پۇراق ۋە تاتلىق تەملەر قاپلاپ، چەكسىز لەززەت بېغىشلايدۇ. كۆپ- كۆك ئاسمان، ئاپپاق بولۇت، سۈپ سۈزۈك سۇ، ياپ يېشىل تاغ، سېخى قۇياش نۇرى چايچى خانقىزلارنىڭ تەبەسسۈمگە تولغان چىرايىدا ئەكىس ئېتىپ، قەلبىڭىزدە رازىمەنلىك ھىسسىياتى قوزغايدۇ.

چايزارلىقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاتىرجەملىك مەنزىرە راۋىقىغا يېتىپ كىلىمىز. مەنزىرە راۋىقى توققۇز تارماق قورۇدىن تەركىپ تاپقان، ھويلا ئىچىگە ياتقۇزۇلغان سىيلىق پولدىن كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان قەدىمىي پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ: قاپارتما نەقش، سەندەل ئورۇندۇق، شىرە، قەدىمى كارىۋاتلار خۇددى پارچە- پارچە كونا رەسىملەرگە ئوخشاش تەسىر بېرىدۇ.

ئەڭلىك دەرياسىنى بويلاپ ماڭغاندا، سۇ دىۋان مەھكىمىسى كۆرۈنىدۇ، بۇ خاتىرجەملىك جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك كاتتا قۇرۇلۇش بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز، ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەيۋەتلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، «جاھاندىكى بىرىنچى سۇ مەھكىمىسى ئىمارىتى» دەپ نام ئالغان. سۇ مەھكىمىسى ئىمارىتى خاتىرجەملىك جىلغىسىنىڭ تاغ ئومۇرتقىسىغا يۆلەپ سېلىنغان، ياي شەكىلدىكى تەكشىلىك ئەندىزىسى بويىچە سېلىنغان بولۇپ، خۇددى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ تۇرغان گىگانت ئادەمگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئىمارەت كىشىدە ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولغان خاتىرجەملىك جىلغىسىنى بىر ئايلىنىپ چىقسىڭىز، تېپىلغۇسۇز خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەيسىز، كۆڭلىڭىز كۆتۈرۈلۈپ ئۆزگىچە خوشالىققا ئىگە بولىسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى