قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ئالجىرىيەدە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018-04-14 13:12:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لى كېچياڭ ئالجىرىيە زۇڭلىسى ئۇياخىيەگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى


 
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 12- كۈنى ئالجىرىيەدە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭىزدە بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم شەخسىي نامىمدىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىدارلار ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
  شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئالجىرىيە زۇڭلىسى ئۇياخىيەگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى