قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كورلا كۆنچى دەرياسى: ھاياتلىق سۈيى

2018-04-14 13:42:14     天山网   


تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2018-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆنچى دەرياسى كورلا شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تارىم ئويمانلىقىدىكى لوپنۇر كۆلىگە قاراپ ئاقماقتا.
 
  2018-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. كۆنچى دەرياسىنىڭ 1-سۇ تەقسىملەش تۈگۈن چۈشۈرگۈسىنىڭ ئورنى كورلا شەھىرىدە. كۆنچى دەرياسى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئانا دەرياسى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولۇپ، باغراش كۆلىدىن باشلىنىپ، كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا دۇنياغا داڭلىق بولغان لوپنۇر كۆلىگە قويۇلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 942 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريا قىرغىقى چۆل ئورمىنى بىرلىكتە داڭلىق «تارىم دەرياسى يېشىل كارىدورى» شەكىللەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ھالدا قۇرۇققۇم ۋە تەكلىماكاندىن ئىبارەت ئىككى قۇملۇقنىڭ بىرلىشىپ كېتىشىنى توسىدى. 2015-يىلىدىن باشلاپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇدا ئۈچ يىل كۆنچى دەرياسى ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، جەمئىي 273 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بەردى. ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش ئارقىلىق، كۆنچى دەرياسى ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى يەر ئاستى سۇ ئورنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىنىپ،  توغراق ئورمان ئېكولوگىيەسىنىڭ تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى ھەم ياخشىلاندى.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى