قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تولى ناھىيەسى جەنۇبىي باغچىسىغا ياۋا ئۇزۇن قۇيرۇق بوزتورغايلار ماكانلاشتى

2018-04-14 13:48:20     天山网   


 تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: بىر نەچچە ئۇزۇن قۇيرۇق بوزتورغاي يېقىندا تولى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي باغچىسىدا توپ-توپ بولۇپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، ئۇيان-بۇيان ئۇچۇپ ئويناپ، بۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ئايلاندى. تولى ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز قوغدىشى ۋە سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۈنسايىن ياخشىلانغاچقا، بۇ جايدا ياشايدىغان ئۇزۇن قۇيرۇق بوزتورغاي قاتارلىق ياۋا ھايۋانلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئاشتى.
  ئۇزۇن قۇيرۇق بوزتورغاي قۇشقاچ ئائىلىسىدىكى ئۇزۇن قۇيرۇق قۇشقاچ ئۇرۇقدىشىغا تەۋە. ئۇ رۇسيە، موڭغۇلىيە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، گەنسۇ، شىنجاڭ، خېبېي، سىچۇەن، يۈننەن قاتارلىق جايلىرىغا تارقالغان. ئۇ ئاساسلىقى تاغلىق رايونلاردا ياشايدىغان بولۇپ، كۆپىنچە پاكار چاتقاللىقتا، سۇبتروپىك بەلباغ كۆكىرىپ تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ۋە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمىندا، تۈزلەڭلىك، ئېدىرلىق، شۇنىڭدەك ئېرىق ۋە ئورمانلارنى بويلىغان تال چىگىچىلىرىدە، قويۇق شىۋاقلىق ۋە ئىككىلەمچى ئورمانلىقتا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، باغچا ۋە كۆچەتزارلىقلاردا گاھ- گاھىدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ.


 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى