قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

2018-04-16 12:31:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ ۋە ئۆگىنىلىپ، بۇنىڭغا ئائىت ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.       
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: رەئىس ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى-- يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى. رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش ۋە يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش ھەمدە ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.    
بىرىنچى، ئىدىيىۋى تونۇشنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۈشكۈللۈكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ چەكسىز دانا ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇش؛ قىلچە تەۋرەنمەي، باش نىشاننى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى ۋە يېتەكچىسى قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇش؛ دىققەتنى بۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈپتىن تۈزەش بىلەن يۈزەكى تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىش؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋە ئۇزاققىچە ئۈنۈم يارىتىش كېرەك.        
ئىككىنچى، بىرىكمە مۇشتنى سىجىل ياخشى ئېتىپ، دائىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش نىشاننى تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەش؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلق ئەسكەرلىرى ھەمتۈرتكە بولىدىغان بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئالتىنى چىڭ تۇتۇش»، «بەشنى باشقۇرۇش»، «تۆت ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» تا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچتە ھەمتۈرتكە بولۇش» نى كۈچەيتىش؛ «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ» ۋە «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى» نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئۈنۈملۈك ياخشى تەدبىر ۋە ياخشى مېخانىزملارنى مۇستەھكەملەپلا قالماي، يەنە نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنى دائىملاشتۇرۇش؛ بۇ جەھەتتە ئۇزاق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.       
ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، يوشۇرۇن قەرزنى پائال ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، سىستېما خاراكتىرلىك خەۋپ يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش؛ ئاساسى ئېنىق، يولى ئېنىق، مەسئۇلىيەت ئېنىق ۋە مەبلەغ ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ،2020- يىلىغىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش؛ قىزىل سىزىق ۋە تۆۋەن چەككە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، زىمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا تىرىشىش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، يېزىلارنى  گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش؛ ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش، ياخشى بولغان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك.
تۆتىنچى، بېرىش- كېلىش قىلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە بىرىكىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى كۆپ قاتلام، كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە كۆپ خىل شەكىللەر بۇيىچە ھەمتۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەش؛ «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەش تونۇش»نى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بېرىش- كېلىش قىلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە بىرىكىشىنى ھەمدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.      
بەشىنچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىجابىي كۈچنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق- تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخى مەسىلىلەر تەتقىقاتى توغرىسىدىكى سۆھبەت مۇھىم خاتىرىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم» قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرگە رەددىيە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى ۋە دىن قارىشىنى تورغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.       
ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشى شۇنىڭدەك قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداش، قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەرنى قانۇن بويىچە رەتكە سېلىش ھەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننىڭ سوتسىيالىزىم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.        
يەتتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئاكتىپ ياخشىلاش كېرەك. ھەم چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، ھەم ھالىغا بېقىپ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.    
سەككىزىنچى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ تەرەققىي قىلىش، قانۇن بويىچە بىڭتۈەنگە ھوقۇق بېرىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىغۇچ، چوڭ پېچ ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.    
توققۇزىنچى، ئاساسىي تەدبىرلەرنى دەل جايىدا قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. «ئىككىدە غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش، بىردە يېقىنلىشىش» نى زىچ چۆرىدەپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرلاتماي، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش؛ ھەم بەك بۇرۇن يۈگۈرۈپ كەتمەسلىك، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەسلىك؛ دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا قارىتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا كۈچەش، تۈرلۈك تەدبىر- سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.     
ئونىنچى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە بىرلىكسەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى قوللاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ئون بىرىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشتەك ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، كادىرلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىستىلدا دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.   
يىغىندا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ2017- يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش خىزمەت ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»ى يەتكۈزۈلدى ھەمدە «شىنجاڭنىڭ پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى»، «يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
   شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈيلار يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى