قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولماقتا

2018-04-16 12:34:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرلىشىشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، نىشانلىق ھالدا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولماقتا.
شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسىفورماتور سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتىگە قاراشلىق شىنجاڭ تىرانسىفورماتور زاۋۇتىنىڭ 330 كىلوۋولتلۇق ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، نەچچە 10 ئىشچى سىم يۆگەش، ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ليۇ شۆ تېخى يېقىندىلا شىنجاڭ سانجى كەسپىي تېخنىكا ئېنىستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ، بۇ سېخقا ئىشقا چۈشكەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىمنى كارخانا بىلەن مەكتەپ بىرلىكتە تۈزگەن بولۇپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ئىشقا چۈشۈپلا ئىشلىتەلىدىم. ھازىر، ھەر ئايدا 4 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىش ھەققى ئالىمەن.
سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئەڭ چوڭ كەسپىي تېخنىكا تۈردىكى مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ سانجى كەسپىي تېخنىكا ئېنىستىتوتى شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسىفورماتور سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتى بىلەن بىرلىكتە، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىلگىرىكى مىقدارلاشقان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشچى قوبۇل قىلىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، كارخانا سۇپا ھازىرلاش، ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، مەكتەپ كەسپ تەسىس قىلىش، ئىنچىكە تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ نەپكە ئېرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسىفورماتور سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتى تەربىيەلەش ئېنىستىتوتى سىجىل ئۆزگەرتىش مەركىزىنىڭ دېرىكتورى دۇ شىنخەي مۇنداق دېدى: ئىش ئورنىنى نىشان قىلغان دەرسلىك تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە نىمىنى ئۆگەنگەن بولسا، شىركىتىمىزگە كېلىپ شۇ ئىشنى قىلىدۇ ھەمدە دەرھال ئىش ئورنىغا چىقالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەشەببۇس قىلغان ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئىش ئورنىغا چىقىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.
شىنجاڭ سانجى كەسپىي تېخنىكا ئېنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسىفورماتور سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتىدىن سىرت، ئېنىستىتوتىمىز يەنە دۆلەت ئىچىدىكى نەچچە 10 داڭلىق كارخانا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى ھەمدە ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈش بازىرى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بۇلتۇر، ئېنىستىتوتىمىزدىن 2 مىڭ 422 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ، بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %98.4كە، كارخانىلارغا كىرىپ ئىشلەش نىسبىتى %94.7كە يەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي مەشغۇلات تىپىدىكى تېخنىكا ئىشچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ يېتىشتۈرىمىز.
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا «ھەر بىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلىش لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخنىكا مەكتەپلىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى پائال تەشكىللەپ، تېخنىكا مائارىپى ئىتتىپاقى بەرپا قىلىپ، تېخنىكا مائارىپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشماقتا. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئېنىستىتوتىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشى ئاستىدا، يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇلتۇر، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇراخمان مەمتىمىن مۇنداق دېدى: بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمغا 4 ئايدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزنى ھەقسىز تاماق ۋە ياتاق بىلەن تەمىنلىدى. چوڭ بولغاندىن كېيىن، ماھارەت ئىگىلەپ، ئاپتوموبىل رىمونت دۇكىنى ئاچىمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گاۋ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرلىشىشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. زامانىۋىلاشقان شاگىرت تەربىيەلەش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق كەسپ ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرى جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

 تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى