قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شېنخۇا گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى شىركىتىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى نامرات ئاھالىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى

2018-04-16 12:51:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا، شېنخۇا گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى شىركىتىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق مىخانىزىمى ئورنىتىپ، نامرات ئاھالىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى.
كېرىيە ناھىيە ئارال يېزىسىنىڭ بەشتوغراق كەنتىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئەتتىرگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا، شېنخۇا گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى شىركىتىدىن ئارال يېزىسى ۋە ئارىش يېزىسىغا چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى لى خەيچاۋ بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى باغۋەنچىلىك ئېنىستىتوتىنىڭ پروفىسسورى ئەن شياۋچىن ئەتتىرگۈل ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى تەسىراتلىرى توغرىسىدا پىكىرلەشتى. ئۇلار تۇرغان جايدىكى ئەتتىرگۈل كۆچەتلىرى بىر ئاي ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن تىكىلگەن بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى ئىدى. تۇتۇش نىسبىتى %95تىن ئاشقانىدى. ئەن شياۋچىن مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئەتتىرگۈل ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى بىر قەدەر يىرىك ھالەتتە بولۇپ، ئېتىز پەرۋىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. ھازىر، بۇ جەھەتتە قېلىپلاشقان باشقۇرۇش تېخنىكىسى بار بولۇپ، دېھقانلار تېخنىكا جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى قاراشنى ئۆزگەرتمەكتە. كەلگۈسىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بۇنداق كەڭ كۆلەمدىكى ئۆلچەملەشكەن ئەتتىرگۈل ئۆستۈرۈش-- بەشتوغراق كەنتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، شېنخۇا گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى شىركىتى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىل3- ئايدىن باشلانغان ھەمكارلىق مىخانىزىمىدىن بولدى. بۇ يىل، شېنخۇا گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى شىركىتى كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسىدىكى 4 كەنتكە خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىش ئاساسىدا، ئارىش كەنتىدىكى ئېغىر نامرات بولغان 8 كەنتكە 1- شۇجى ئەۋەتتى. بۇ 8 كەنتتىكى ناملارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرىنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئەۋەتكەن بولۇپ، خىزمەت داۋامىدا، بۇ ئىككى ئورۇن ئورتاق قاراش ھاسىل قىلىپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشنى قارار قىلدى. لى خەيچاۋ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش ۋە پەن- تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشتەك ھەمكارلىق رامكىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن- تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى شۇنىڭدەك كارخانىمىزنىڭ تەشكىللەش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى يېزىدىكى يېتەكچى كەسپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاھالىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشنى قارار قىلدۇق.
ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، كېرىيە ناھىيەسىگە بېرىپ، ئىككى يېزىدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشى قاتارلىق جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق بولدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئېنىقلاپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئۈچۈن ئاساس سالدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پەن- تەتقىقات ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رىزۋان ۋەققاس مۇنداق دېدى: بۇ يەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئەمەسلىكى، جۈملىدىن تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشىنىڭ جايىدا ئىشلەنمىگەنلىكىنى بايقىدۇق. بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىدىمىز-- ئىلمىي بولغان باشقۇرۇش ۋە تېرىش ئەندىزىسىنى تارقىتىپ، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى