قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلاردۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى بويىچە تەشۋىق- تەربىيە ئېلىپ باردى

2018-04-16 12:53:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
4-ئاينىڭ 15-كۈنى  3- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار دۆلەت بايرىقى چىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى بويىچە تەشۋىق- تەربىيە ئېلىپ باردى.
چۈشتىن بۇرۇن، قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئورۇنلار، كەنتلەر، مەھەللىلەر «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» بويىچە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما دۆلەت بايرىقىغا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى، دۆلەت بايرىقى ئاستىدا تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى. قاراقاش ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكى ئالاھىدە ساقچى خې جۇڭشى مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بۇرچنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىمىز.
قاغىلىق ناھىيەسى غەربىي شەھەر پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ5- نومۇرلۇق توما مەھەللىسىدە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئاھالىلەرنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئاھالىلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتتى. قاغىلىق ناھىيەسى غەربىي شەھەر پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى ما شاۋخۇا مۇنداق دېدى: «بىز مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئورتاق تىرىشىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مۇستەھكەم خەلق مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىمىز.
ئەتىگەن سائەت 10 دا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يۇڭكاڭ1- كوچىسى شەرقىي مەھەللىسىدە، 150 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاھالە مەھەللە مەيدانىغا توپلىشىپ، لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ھەممە بىرلىكتە دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى ئۆگەندى. شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئايشەم روزى مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىنتايىن مۇھىم، دۆلەت بىخەتەر بولغاندا، پۇقرالار خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ. مەھەللە ئاھالىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىزمۇ بەزى كىچىك ئىشلارنى قىلساق بۇلىدۇ، مەسىلەن: قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، قوشنىلار ئارا بىر- بىرىمىزگە ياردەم بەرسەك بۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا بىر پۇقرانىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.
ئەتىگەن سائەت 9 دا، ئونسۇ ناھىيەسى قىزىل بازىرى قاراسا كەنتىنىڭ كەنت كومىتېتى ھويلىسىدا بارلىق كەنت ئاھالىلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېت» رەھبەرلىك بەنزىسى بىلەن بىرلىكتە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن چۈشكەن قاراسا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ جاۋمىڭ مۇنداق دېدى: ھەر بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى خوجايىنلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۇرغۇزۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى كېرەك، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەت يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار بولۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقتىن ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» تەك ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
4-ئاينىڭ 15-كۈنى يەكشەنبە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەزىزەم ئەلى ئەتىگەندىلا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە بېرىپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مۇقەددەس، ھەيۋەتلىك دۆلەت بايرىقى ئاستىدا، بىز يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەربىيىگە ئىگە بولدۇق. ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تۇرمۇش قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەر دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ باغلىنىدۇ. ھەر بىر ئادەم چوقۇم دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە دوستلىرىمغا، ئائىلەمدىكىلەرگە، ساۋاقداشلىرىمغا بۇ بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىمەن. كۆپچىلىك بىرلىكتە دۆلىتىمىزنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، ئىناق بولغان ۋەزىيىتىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
شۇ كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى خادىملار دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، مەسلىھەت سوراش سۇپىسى تەسىس قىلىش، تەشۋىقات ۋەرەقى تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇردى. شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق دەۋلىتجان جاسىقبىك مۇنداق دېدى: مەسىلەن ھازىرقىدەك تور ئومۇملاشقان بۇ دەۋردە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بەزى مەزمۇنلارنى ئوبدان چۈشىنىپ بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرمەسلىكىمىز، تارقاتماسلىقىمىز، باشقىلارغا يوللىماسلىقىمىز كېرەك. ئەگەر يېنىمىزدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئادەم ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇنلارنى بايقىساق، دەرھال دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا ۋاقتىدا پاش قىلىشىمىز كېرەك.
   4-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق1- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەيدانىدا پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە دۆلەت شېئىرى ئېيتقاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساۋاتلىرى تەربىيەسى ئېلىپ باردى. پىئونېرلار چوڭ ئەترەت يېتەكچىسى ۋېن شياڭلىڭ مۇنداق دېدى: بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭى ئۆستۈرۈلدى.بۇنىڭدىن كېيىن، بىز چوقۇم دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تەربىيەسىنى ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ، مەكتىپىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل، ئىناق قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

تەرجىمان:ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى