قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتى-- لىن شياڭچيەن

2018-04-16 12:55:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  لىن شياڭچيەن 1892- يىلى مىنخۇ ناھىيەسىدە بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1906- يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن لىن شياڭچيەن «ماۋۋېي» كېمە زاۋۇتىغا كىرىپ، ئۇ يەردە شاگىرت بولغان. ئۇ ئەقىللىق ھەم تىرىشچان بولغاچقا، سلېسار تېخنىكىسىنى ناھايىتى تېزلا ئىگىلىگەن. 1912- يىلى، لىن شياڭچيەن بېيجىڭ- ۋۇخەن تۆمۈر يولى «جياڭئەن» پاراۋوز زاۋۇتىغا كىرىپ سلېسار بولۇپ، 1913- يىلى قۇرۇلۇش-رېمونت زاۋۇتىغا يۆتكىلىپ تۆمۈر يول ئىشچىسى بولغان. ئەينى چاغدا، بېيجىڭ- ۋۇخەن تۆمۈر يولى شىمالىي جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا جۇڭگونى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تومۇرى بولۇپ، مۇھىم ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە تۆمۈر يول تىجارەت كىرىمى مىلىتارىست ۋۇ پېيفۇ ھەربىي تەمىناتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىدى.   
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 1921- يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشچىلار ئارىسىدا كەڭ ھەم ئاممىباب ماركسىزم- لېنىنىزملىق تەشۋىقات تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلدى. مۇشۇ ۋاقىتتا، لىن شياڭچيەن ئىلغار ئىدىيە بىلەن ئاستا- ئاستا ئۇچراشقاندىن كېيىن، ناھايىتى زور ئىلھامغا كېلىپ ئىنقىلاب يولىغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ بېيجىڭ- ۋۇخەن تۆمۈر يولى «جياڭئەن» ئىشچىلار كۇلۇبىنىڭ كادىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى ھەمدە 1922- يىلى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىپ، بېيجىڭ- ۋۇخەن تۆمۈر يولى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى «جياڭخەن» شۆبە ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلاندى ھەمدە تۆمۈر يول ئىشچىلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودال مىلىتارىستلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلدى.
1923- يىلى 1- ئايدا، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بېيجىڭ- ۋۇخەن تۆمۈر يولى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەييارلىق كومىتېتى جېڭجۇدا قۇرۇلۇش يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى. شۇ كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان ئىشچىلار ۋەكىللىرى ھايات- ماماتقا قارىماي، ئەكسىيەتچى ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ قاتمۇ قات قورشاۋىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، «بېيجىڭ- ۋۇخەن تۆمۈر يولى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياشىسۇن»، «ئەمگەكچىلەر سىنىپىنىڭ غەلىبىسى ياشىسۇن» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، بېيجىڭ- ۋۇخەن تۆمۈر يولى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە 1923- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن تارتىپ پۈتۈن تۆمۈر يول بۇيىچە ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاشنى قارار قىلدى.               
  1923- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى، بېيجىڭ- ۋۇخەن تۆمۈر يولىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئىش تاشلاپ، 1200 كىلومېتىر كېلىدىغان تۆمۈر يول بىردىنلا پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن باش ئىشچىلار ئۇيۇشمسى سىرتقا قارىتا خىتابنامە ئېلان قىلدى ھەمدە ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئائىت بەش تۈرلۈك شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى. چوڭ ئىش تاشلاش جاھانگىرلىك ۋە ئەكسىيەتچى مىلىتارىستلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلدى. جاھانگىرلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ۋۇ پېيفۇ 20 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي- ساقچىنى توپلاپ بېيجىڭ - ۋۇخەن تۆمۈر يول لىنىيىسىدىكى ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنى رەھىمسىز باستۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەتئەلنى زىلزىلىگە سالغان «7- فېۋرال پاجىئەسى» نى كەلتۈرۈپ چىقاردى.         
2- ئاينىڭ 7- كۈنى، لىن شياڭچيەن بەختكە قارشى ئەكسىيەتچى مىلىتارىست، خۇبېي ئۆلكىلىك ھەربىي ۋالىي مەھكىمە ئىشتاب باشلىقى جاڭ خۇشېڭ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، «جياڭئەن» ۋوگزالىدىكى ئىستولبىغا باغلاپ قويۇلدى. مىلىتارىستلار لىن شياڭچيەننى ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە قىستىدى. لىن شياڭچيەن قېلىچ ئالدىدىمۇ قەتئىي تىز پۈكمەي، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئىشنى قايتىدىن باشلاشنى كەسكىن رەت قىلىپ، 31 يېشىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.  
 1928- يىلى، پارتىيە تەشكىلاتى ئادەم ئەۋەتىپ ئىنقىلابىي قۇربان لىن شياڭچيەننىڭ ئايالى چېن گۇيجېننىڭ ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ جەسەت ساندۇقىنى يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشىگە ياردەملەشتى ھەمدە لىن شياڭچيەننىڭ جەسەت ساندۇقىنى مىنخۇ ناھىيەسىدىكى جېنفېڭشەنگە كۆمۈپ قويدى.      يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي قۇربان لىن شياڭچيەننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ يۇرتى جېنفېڭشەن شىلۇ يېزىسىدا قەبرىستانلىق ياساشنى قارار قىلدى. 1963- يىلنىڭ بېشىدا، قەبرىستانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى