قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆرەش قىلىش داۋامىدا، كىشىلىك قىممەت يارىتىش

2018-04-16 13:02:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئالاھىدە تۆھپىسى بار يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسىفورماتور سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتى شىنجاڭ تىرانسىفورماتور زاۋۇتى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى سىم ئوراش سېخىنىڭ تېخنىكى جاڭ گويۈن 19 يىلنى بىر كۈندەك بىلىپ، خىزمەتنىڭ 1- سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.
بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيگەن، بىر قولىغا پىرژىكتىر، بىر قولىغا مېتىر ئالغان جاڭ گويۈن ئەتتىگەندىلا شىنجاڭ تىرانسىفورماتور زاۋۇتى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى سىم ئوراش سېخىدىكى تەكشۈرۈشىنى باشلىۋەتتى. بىر سىم ئوراش ئورنىدا، ئۇ قەدىمىنى توختىتىپ، يەرگە ئىڭىشىپ تۇرۇپ، قولى بىلەن سىم ئوراش ئورنىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقتى. جاڭ گويۈن مۇنداق دېدى: 1- سەپتىكى مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرغۇچى خادىم بولغان ئىكەنمىز، مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە. بىزنىڭ باشقۇرۇشىمىز قاتتىق بولسا، مەھسۇلات سۈپىتى ياخشى چىقىدۇ.
1999- يىلى، جاڭ گويۈن شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسىفورماتور سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتى شىنجاڭ تىرانسىفورماتور زاۋۇتىغا ئىشقا چۈشتى. ئۇ ئىشنى شاگىرت ئىشچىلىقتىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، گۇرۇپپا باشلىقى، سۈپەت تەكشۈرگۈچى ۋە تېخنىك بولدى. خىزمەت داۋامىدا، ئۇ مەشغۇلات ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە پائال ئىزدەندى. بىر قېتىم، بېسىم تەڭشەش سىمىنىڭ بېشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، جاڭ گويۈن خاتالىق پەرقى 0.1 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتسىلا، مەھسۇلات سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشنى قايتا قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ماتىرىيال كۆرۈش، قايتا- قايتا سىناق قىلىش، مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق، بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. جاڭ گويۈن بىلەن بىللە 14 يىل ئىشلىگەن رېن لياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇ ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، بىر تەرەپتىن مەشغۇلات ئېلىپ بارسا، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىدۇ. خىزمەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، كەسپىنى ناھايىتى سۆيىدۇ.
2017- يىلى، شىركەت شىنجاڭ تىرانسىفورماتور زاۋۇتى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى سىم ئوراش سېخىدا «جاڭ گويۈن يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئورنى» تەسىس قىلدى. ئۇنىڭ باشچىلىقىدا، ھۈنەر- سەنئەت، سۈپەت تەكشۈرۈش، تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك بايلىق مەنبەلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جەھەتتە ئىزدىنىش بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، «جاڭ گويۈن يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئورنى» تېخنىكا ئۆزگەرتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى 18 مىڭ سائەت يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭغا قارىتا، جاڭ گويۈن قانائەتلىنىپ قالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆرەش قىلىشنىڭ چېكى بولمايدۇ. ئۇستىكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلىك قىممىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەرەققىيات- ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساس ئىگىلىرى-- ئەڭ مۇھىم بايلىق مەنبەسى، يېڭىلىق يارىتىش-- 1- ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھىساپلىنىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. سېخىمىزدا، ماڭا ئوخشاش ئۇستىكارلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، قىممىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى