قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەمەتقۇربان ئەلىلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-04-16 13:05:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

4-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ گېزىتىگە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلا ھوشۇر، ماناس ناھىيەسى تۈزلەڭلىك ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەتقۇربان ئەلىلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
ئابلا ھوشۇرنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش-- باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم ھىساپلىنىدۇ. چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىمەن. يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈك، روشەن سىياسىي مەيدان، ئاڭلىق بولغان ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق، مۇقىملىقنى قوغداش كۆرىشىنىڭ 1- سېپىدە چىڭ تۇرىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى كەم- كۇتىسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.   
مەمەتقۇربان ئەلىنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە ۋە خەلققە سادىق بولۇپ، «3 خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۆرەش قىلىمەن. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيەنىڭ ھىممىتىدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. نەمۇنىلىك رولۇم ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىسىنى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان سۆزلەرنى قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان ئىشلارنى قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا يېتەكلەيمەن.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى