قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى جىيەنچېننىڭ «غۇۋا ئېسىمدە قالغان نىلۇپەر كۆلى» ناملىق ئەسىرى

2018-04-16 13:38:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇ زىچىڭ ئەپەندىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى نىلۇپەر كۆلى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. مىنىڭ چېڭخۇا ئونۋېرسىتىتىغا قۇبۇل قىلىنغان چېغىمدىكى تۈنجى ئارزۇيۇم تېزراق بېرىپ نىلۇپەر كۆلىنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىش ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە ئەينى چاغدا سىنىپىمىزدىكى بىر ساۋاقدىشىمىز «ئاققۇ» ماركىلىق ئاپارات ئېلىپ كېلىپ كۆپچىلىكنى رەسىمگە تارتىپ قويغان ئىدى. تالاش- تارتىش ئارقىلىق بىر قانچە مەنزىرە نۇقتىسىنى بېكىتتۇق، بىرى گو ڭزىتىڭ قۇرۇسى بولۇپ، چىئەنلۇڭ يىللىرى سېلىنغان، نەقىشلەنگەن ۋە رەسىم سىزىلغان لىملىرى خۇددى ئۇچىۋاتقان قۇشقا ئوخشايتتى. ئىشىك بېشىغا شيەنفېڭ خان دېگەن تاختاي ئېسىلغان ئىدى؛ يەنە بىرى چىڭخۇا كونا ئۇقۇتۇش بىناسى، ئۇ گېرمانىيەنىڭ كىلاسسىك قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىدە سېلىنغان كۆك خىش، قىزىل كارىدور، ئاق رەڭلىك تامدىن تەركىپ تاپقان ئىمارەت بولۇپ، چىڭخۇا مائارىپىنىڭ باشلانغان جايى ئىدى. ئۇچىنجى ئورۇن مەكتەپ دەرۋازىسى، ئۇنىڭدا ئۈچ ئەگمە خاتىرە راۋىقى بولۇپ، چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىنىڭ بەلگىسى ۋە سىمۇۋۇلى سۈپىتىدە ۋەتەن كىشىلىرى خاتىرىسىدە ساقلانغان. تۆتىنجىسى، قەدىمقى رىم ۋە ۋىزانتىيە سەنئەت ئۇسلۇبىغا ئىگە چوڭ زال.... بۇلارنى كۆرۈپ نىلۇپەر كۆلىنى تەۋىسسىيە قىلىشقا پېتىنالماي قالدىم. ئۇزاق ئۆتمەي مەكتەپ ئەمگەككە تەشكىللىدى، بىز مەكتەپ قورۇسىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى قاقاس ئارالغا بېرىپ توپا لاي- لاتقۇلارنى تازىلىدۇق. مەن نىلۇپەر كۆلىنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىۋىدىم، ئويلىمىغان يەردىن مۇئەللىمنىڭ جاۋابى مېنى ھەيران قالدۇردى: بىز تازىلاۋاتقان بۇ لاي- لاتقىلىق كۆلچەك دەل نىلۇپەر كۆلى ئىكەن. بۇمۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىدە. كۆز ئالدىمدىكى بۇ قالايمىقان ۋەيرانىچىلىققا قاراپ، بەكمۇ ئۈمىتسىزلەندىم. بۇ دەل مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان، كۆرۈشكە ئىنتىزار قىلغان نىلۇپەر كۆلىمۇ؟ تۇيۇقسىز: «بىر كۆرۈپ قەلبىمنى چۇلغىدى ئازاپ، گەر بىلسەم كۆرمەستىم باشتىلا سېنى» دېگەن مىسرالار ئېسىمگە كەلدى. كۈز شامىلى غۇرۇلداپ چىقىۋاتاتتى، كېچە ئاسمىنىدىن يامغۇر سىمىلداپ يېغىشقا باشلىدى. يېشىللىق بارغانسېرى ئازلاپ، سارغايغان ياپراقلار يەرگە لەيلەپ چۈشىۋاتاتتى. قەلبىمدىكى ھېلىقى ئارزۇ تېخىچە يوقالمىغان ئىدى. ئەتىگەنلىك چېنىقىشتىن باشقا، ئارام ئالغان چاغلاردا نەينى ئېلىپ، قاقاس ئارالدىكى خالىي جايغا بېرىپ «كۈز ئايلىرىدىكى خەن ئوردىسى» ناملىق مۇزىكىنى چالاتتىم. بۇ چاغدا خىياللىرىم مۇزىكا ئاۋازىغا ئەگىشىپ، سوغۇق يامغۇر يېغىۋاتقان تاغ جىلغىسى، باياۋاندىكى ياۋا غاز ۋە قۇملۇقتىكى پېتىۋاتقان قۇياش نۇرى ئارىسىدا سەيلى قىلاتتى. بەزىدە تاغ تورغىيى نەي ئاۋازىغا جۆر بولۇپ قالاتتى. بۇ چاغدا خۇددى دىلكىشىمگە يولۇققاندەك خۇشال بولۇپ كېتەتتىم.
 قاقاس ئارال دىگىنىمىز-- تۆپىلىك بولۇپ، ئارالنىڭ ئۈچ تەرىپى توپا تاغ، جەنۇپ تەرىپى تۈزلەڭلىك، يىراقتىن قارىسىڭىز، خۇددى شىمالدىن جەنۇپقا قارىتىپ قويۇلغان پادىشاھنىڭ تەخت ئورۇندۇقىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىنى خەندەك ئوراپ تۇرىدۇ، جەنۇپ تەرەپىنى خەندەكلەردىن باشقا توپا تاغ كېسىپ ئۆتىدۇ. ئارالدا يۆگىشىپ تۇرغان ئېرانتىس سۇلۇ ئوتىنى، چېقىلغان خىش پارچىلىرى، ياغاچ قالدۇقلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. غەربىي شىمال تەرىپىدە خەنبەييۇ ئەگمە كۆۋرۈكى گوۋچى كۆلى ئۈستىدە تۇراتتى، ئۇنىڭدىن ئەينى يىللاردىكى تۇرقىنى قىياس قىلغىلى بولاتتى. شەرقىي جەنۇپ تەرىپىدە ياغاچ كۆۋرۈك قارشى قىرغاق بىلەن تۇتاشقان بولۇپ، خۇددى ئەگىر- توقاي خىلۋەت جايلارغا تۇتىشىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. گەرچە قارىماققا تولىمۇ ۋەيرانە كۆرۈنگەن بىلەن قۇرۇلما قائىدىسى بويىچە ئۇنچە ئاددىي چاغلىغىلى بولمايتتى.
ئىككىنجى يىلى ئەتىيازدا ئارالدا بىر تاش ئابىدە تىكلەندى، ئۇنىڭغا «جىن چۈنيۈەن خارابىىسى» دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ تاش ئابىدىدە قاقاس ئارالنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى.
 ئەسلىدە كاڭشى يىللىرىدا خان جەمەتى چوڭ قۇرۇلۇش قىلىپ، ھەر قايسى جايلاردىن غەيرى ياغاچ- تاشلارنى ئەكەلتۈرۈپ بېيجىىڭنىڭ غەربىي شىمالىغا ئۇچ تاغ بەرپا قىلىپ، بەش باغچا سالدۇرغان ئىكەن. داۋگۇاڭ پادىشاھ ھايات چېغىدا ئۇلارنىڭ ئارىسدىكى غەربىي چۈنيۈەن باغچىسىنى ئىككىگە بۆلگەن، بىرىنى جىن چۈنيۈەن دەپ ئاتاپ ئۇنى 4- ئوغلىغا تارتۇق قىلغان. كېيىن 4- ئوغلىنى شەنفېڭ خان دەپ ئاتىغان. جىن چۈنيۈەن قاقاس ئارالنى مەركەز قىلىپ، يەنچېڭ شەھىرىنى تەقلىد قىلىپ، يۈز مو يەرگىچە كېڭەيگەن، ئەينى چاغدا قەدىمىي دەرەخلەر قەد كۆتۈرگەن، ھەر خىل غەيرى تاشلار، تاغلارنى ئوراپ تۇرغان زۇمرەت سۇلار، ئەگمە كۆۋرۈكلەر، رىشاتكىلىرى نەقىشلەنگەن، پەلەمپەيلىرى قاش تېشىدىن ياسالغان كارىدورلار، نىلۇپەر يوپۇرماقلىرى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن نىلۇپەر كۆلى تولىمۇ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن.
شيەنفېڭ خان بۇيەردىن شەھەرىستانغا يۆتكەلگەن. لېكىن، ئۇنىڭ ئامىتى ئۇزاققا بارمىغان. ئۇ تەختتە ئولتۇرۇپ ئۇزاق بولايلا تەيپىڭ تىيەنگو قوزغىلىڭى، ئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتىلىغان. شىيەنفېڭ ئامالسىز جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن رېخېغا قاچقان، ئاخىرى 30 يېشىدىلا ياقا يۇرتتا ئالەمدىن ئۆتكەن. پايتەخىت قولدىن كېتىپ، يۈەنمىڭ باغچىسى كۆيدۈرىلگەن. چار روسىيە ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقىي شىمالدىكى زىمىنىمىزنى بىسىۋالغان. قارا بۇلۇت جاھاننى قاپلاپ، خاندانلىقنىڭ ئۇلى تەۋرەنگەن.
زور مىقداردىكى تۆلەمنى ئۈستىگە ئالغاننى ئاز دەپ، سىشى خانىش يەنە يۈەنمىڭ باغچىسىنى قايتا ياساشنى ئويلىغان. ئۇ ئىئانە توپلاپ، باج سېلىقنى كۆپەيتكەندىن باشقا، يەنە جىن چۈنيۈەن باغچىسىنى بۇزۇپ، كېرەكلىك ماتىرىياللرىنى يۆتكەپ كەتكەن. لېكىن، ۋەزىيەتتە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولۇپ، يۈەنمىڭ باغچىسىنى قايتا قۇرۇش پىلانى كۆپۈككە ئايلانغان. جىن چۈنيۈەنمۇ ۋەيران بولغان. 1913- يىلى قاقاس ئارال جىڭخۇا ئونۋېرسىتىتى تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. گەرچە 1927- يىلى جۇ زىچىڭ ئاي يورۇقىدا بۇ يەرنى سەيلى قىلغاندا «گىرەلىشىپ كەتكەن نىلۇپەر يوپۇرماقلىرى سۈس خۇشپۇراق تارقىتىۋاتقان» بولسىمۇ لېكىن ئاپتور ئەينى چاغدا «نىلۇپەر كۆلىنى بويلاپ ماڭسىڭىز بىر ئەگىر كەتكەن تار يولنى كۆرىسىز، بۇ يەردە كۈندىزىمۇ ئادەملەر ناھايتى ئاز ماڭىدۇ. شۇنچىلىك زېرىكىشلىك، پەقەت كېچىلىرى ئاي يورۇقىدا نىلۇپەر كۆلى ۋەيرانە قىياپەتتىن قۇتۇلۇپ، گۈزەل ئۇسۇلچى قىزنىڭ كۆينىكىگە ئوخشاپ قالىدۇ» دەپ تەسۋىلەپ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغىغان.
يۈز يىللىق غېرىپلىقتىن كېيىن، قاقاس ئارال ئاخىرى ھازىرقى دەۋرنىڭ نۇرى بىلەن قايتىدىن جانلاندى. باھار كېلىپ بارلىق مەۋجۇداتلار قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەن بۇ پەسىلدە، چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ھېچنىمە بىلەن ھېساپلاشماي جۇپ قوللىرى بىلەن قاقاس ئارالنىڭ توزاڭلىرىنى تازىلاپ ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلدى.
بۈگۈن بىز لىنۇپەر كۆلى ئەتراپىدا ئارام ئالغىنىمىز، راۋاقلاردا سەيلى قىلغىنىمىزدا، نىلۇپەر گۈلى ئېچىلغان، مەجنۇن تاللار يېشىل پەردىدەك لەرزان ئۇسۇلغا چۈشكەن، يەردىكى خۇشپۇراق ئوت چۆپلەر، كۆكتىكى لەگلەك، شوخ سايراۋاتقان سوپىسوپىياڭ، چېلىشىپ ئويناۋاتقان بالىلار، كۆل بويىدا بېلىق تۇتۇۋاتقان كىشى، يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان كىتاپ ئوقۇغان ئاۋاز، دىماققا ئۇرۇلىۋاتقان قەھۋەنىڭ خۇشپۇرىقى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رەسىم سىزىۋاتقان يىگىتنىڭ قىياپىتى بۇ مەنزىرىلەر شۇنچە تەبىئى، شۇنچە گۈزەل ئىدى.
 قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر نىلۇپەر گۈلىگە كۆپ مەدەنىيەت ئامىلى ۋە ئۆزگىچە روھى مەنا ئاتا قىلدى. بۇ پەقەت نىلۇپەر گۈلىنىڭ گۈزەل نازاكەتلىكلىكىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ لاي ئارىسدا تۇرۇپمۇ شۇنچە پاكىز بولغانلىقى، گۈزەل ئەمما پەردازسىزلىقى، باشقىلاردىن ھالقىغان روخسارىدىن بولغان. مەن نىلۇپەر گۈلىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا بەرق ئۇرۇپ ئېچىلالايدىغان ھاياتىي كۈچىدىن ھەيران قالاتتىم. ئۇ گۈللەر ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر ئۆسۈملۈك بولۇپلا قالماي، ئۆسۈملۈك ئارىسىدىمۇ ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلاتتى. ئىلگىرى بوران- چاپقۇنلارغا دۇچار بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە لاي- لاتقىلار ئارىسىدا ئۆسۈپ ئېچىلغان ئىدى. شۇنچە ناچار شارائىتتىمۇ ئۆزىنىڭ پاكلىكى، گۈزەللىكىنى ساقلاپ، يەنە دۇنياغا ئۆزگىچە رەڭ ۋە ئۈمىت ئاتا قىلاتتى. بۇ خۇددى ماۋ مۇنىڭ: «ھەممە يەردە پۇل چېچىلىپ تۇرسا، مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاينى كۆردۈم» دېگىنىگە ئوخشايتتى.  ئەمەلىيەتتە ئاي يورۇقىدىكى مەنزىرە نىلۇپەر گۈلىنىڭ نۇر ھالقىىسى بىلەن گىرەلىشىپ، ناھايىتى گۈزەل بىر ھايات كارتىنىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى