قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شۇ شىنىڭ «سۈبھىدىكى دۇنخۇاڭ» ناملىق ئەسىرى

2018-04-16 13:42:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نورۇز گۈلى ھەقىقەتەن ئالاھىدە بىر گۈل، ئۇنى بىر كۆرگەن كىشى ئاسان ئۇنتۇپ قالمايدۇ. نورۇز گۈلىنىڭ گۈل بەرگىلىرى بىر ئاز كىچىك بولۇپ، رەڭگى توخۇڭ، ياكى ئاق رەڭدە. مەن كۆرگەن نورۇز چىچەكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ  ئىككى رەڭنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، قىزغۇچ رەڭ بىلەن ئاق رەڭنىڭ قوشۇلمىسى شۇ قەدەر نازاكەتلىك كۆرۈنەتتى. ئۇ خۇددى قېنىق رەڭلىك گۈل بەرگىلىرىنىڭ سۇدا يۈيىۋېتىلگەندىن كېيىن ئەسلىدىكى قىزىللىقىنى ئازراق يوقىتىپ، ئاقىرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.
مېنىڭچە نورۇز چىچىكىنىڭ گۈزەللىكى «يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس» دېگەن سۆزگە تازا ماس كېلىدۇ. نورۇز چېچىكىدىن ھوزۇرلانغاندا ئۇنىڭ غۇژمەك- غۇژمەك بولۇپ، توپ- توپ ئېچىلىدىغانلىقىدىن دىلىمىز يايرايدۇ.باشقا گۈللەر ئۇنداق ئەمەس، شوخ قىزىل ئۆيۈكنىڭ بىرىلا باھارنىڭ ئەلچىسى بولالايدۇ. بىر تۈپ نىلۇپەر بولسا «ئۆزىگە كىر يۇقتۇرمايدىغان» سۇ پەرىسىدۇر. ئاي يورۇقىدا ئېچىلغان بىر تال خۇڭمېي «شالاڭ كۆلەڭگىسى چۈشۈپ سۈزۈك سۇ يۈزىگە، خوش پۇراق قاپلىدى ئاي شولىسىدا» دەپ تەسۋېرىلىگىنىدەك كىشىنى مەپتۇن قىلالايدۇ. بىر تال نورۇز گۈلى قارىماققا تولىمۇ ئاجىز كۆرۈنىدۇ. كىشلەر ئۇنىڭدىن ھاياتلىق كۈچىنى بايقىيالمايدۇ. يەردىن بىر تال گۈل بەرگىنى تېرىپ ئالقىنىڭىزغا قويسىڭىز، ئۇ خۇددى قايرىۋېتىلگەن، شامالدا ئاجىز تىترەپ تۇرغان كېپىنەكنىڭ قانىتىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەگەر بۇ گۈللەر ناھايىتى كۆپ، ھەم قويۇق ئۆسكەن بولسا، ئۇ ھالدا باشقىچە بىر مەنزىرە نامايەن بولىدۇ. 
تۇنجى قېتىم نورۇز گۈلىنى كۆرگىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ خۇددى گۈلنىڭ دېڭىزىغا ئوخشايتتى. نەچچە مىڭلىغان گۈللەر تەڭ ئېچىلىپ، غۇژمەك- غۇژمەك، قات- قات بولۇپ، ئاقلىرى دەرەخ شاخلىرىدا يىغىلىپ قالغان قارلارغا، توخۇڭلىرى تاڭ شەپىقىگە ئوخشايتتى. بۇ خىل مەنزىرە ئاندىن ئادەمگە كۆزنى قاماشتۇرۇش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. كۆز ئالدىمدىكى نورۇز گۈلى ئەنە شۇنداق قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، ئېگىز- پەس دەرەخ شاخلىرىغا يىراقتىن قارىسىڭىز گۈللۈك دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايتتى. شۇنداق، بىر خىل گۈزەللىك توختىماستىن قايتىلىنىپ، ئۈزۈلمەس مىلۇدىيەگە ئوخشاش سىزنى ئەسىر قىلغاندا، سىز ئەس- ھۇشىڭىزنى يۇقۇتىسىز. بەلكىم خاتىرىڭىزدە بۇ خىل گۈزەللىكنى تەرىپلەيدىغان لايىق سۆزنىمۇ تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا، بۇ خىل مەنزىرە بىلەن نىمە قىلارىڭىزنى بىلمەي قېلىشىڭىز، ئۇنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ قەلب قاتلاملىرىدىكى ئىچكى ئىنتىلىش ئىكەنلىكىنى سەزمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن.
شۇنچە كۆپ نورۇز گۈلىنى قەيەردىن باشلاپ كۆرۈشنى بىلەلمەي قالدىم، بۇ گۈزەللىكلەرنىڭ ھەممىسسىدىن ھوزۇر ئېلىشنى ئويلىغانچە كۆزلىرىم ئۇلارنى سىغدۇرالمايۋاتاتتى. بۇ خىل گۈزەللىك شۇنچە كۈچلۈك بولۇپ كىشىنى روھلاندۇراتتى، شۇنداقلا كىشىگە بىر خىل بېسىم ھىس قىلدۇراتتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭغا ماسلىشالماي، قەلب ھېسلىرىم بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى. بۇ خىل تۇيغۇ، ماڭا كېچىدە كۆرگەن يالتىراق قوڭغۇزنى ئەسلەتتى.ئەگەر بىر نەچچە تال يالتىراق قوڭغۇزنى كۆرسەك ئۇلارنى ھەر ۋاقىت قاراڭغۇ كېچە يۈتۈپ كېتەلەيدىغان ئاجىز چىراق نۇرىدەك ھىس قىلىمىزدە، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمىز، ئىچ ئاغرىتىمىز. ئەگەر، بىز كۆرگىنىمىز بىر نەچچە تاللا ئەمەس، بەلكى نەچچە ئونمىڭلىغان يالتىراق قوڭغۇز بولسىچۇ، بۇ چاغدا بىز ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئاجىز، كىچىك دەپ قارىمايمىز. بىز ئۇلارنىڭ ئاسماندا ئۇچۇپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان تۇرقىغا مەس بولۇپ، بۇ كىچىك زېرەكچاقلارنىڭ شۇنچە خۇشال ھالدا ئۆز يورۇقلىقىنى تارقىتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ شۇنچە يورۇق، شۇنچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز. ئۇلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقنىغاندا بىزنىڭ قەلبىمىزمۇ ساما يولىغا ئايلانغان بولىدۇ.
نورۇز گۈلىنى تاماشا قىلىشمۇ ئەنە شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بىر تال نورۇز گۈلى ئاجىز كۆرۈنىدۇ. لېكىن بىز كۆز يەكتۈسىز گۈل دېڭىزى ئىچىدە تۇرغىنىمىزدا قەلبىمىزدە پەقەت مېھرىبانلىقلا مەۋجۇت بولمايدۇ. بىز نورۇز گۈلىنىڭ ئېچىلىىش ۋاقتىنىڭ قىسقىلىغىنى بىلىمىز، قارىغانسېرى بۇ گۈللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاجىز ھاياتلىقلارنىڭ بىرگە ياشاشقا قەسەم قىلىشقىنىغا ئوخشاش، بىرگە ئېچىلىپ بىرگە توزۇيدىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز. گۈل ئېچىلغاندا بۈك- باراخسان، ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. بۇ خۇددى بىر دەملىك گۈزەللىكنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشقاندەك قەلبىڭنى ھاياجانغا سالىدۇ. گۈللەر توزىسا، كۆڭلىمىز يېرىم بولىدۇ، گۈللەر توزۇپ، يەرلەر قىزىل گۈل بەرگىلىرىگە تولغاندا كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقىچە ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىنسان ئۆمرىنى ئويلايمىز. بەلكىم گۈزەل جىسىملارنىڭ سانى كۆپىيىپ بەلگىلىك چەككە يەتكەندە، بىر خىل كۈچلۈك ئېنىرگىيە ھاسىل قىلىپ، قەلبىمىز چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ھىسسياتلىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۇزاققىچە تېنچلانماسلىقىمىز مۇمكىن.
بۇ يىل نورۇز گۈلىنى تاماشا قىلغىلى بارغاندا كۈندۈزنى ئەمەس، كېچىنى تاللىدۇق، دوستلار بىلەن بىرلىكتە بىر ئۆسۈملۈك باغچىسىدا كېچىسى ئاي يورۇقىدا نورۇز گۈلىدىن ھوزۇرلاندۇق. ئاي كېچىسى گۈلنى كۆرۈش يالغۇز گۈلدىن ھوزۇرلىنىش ئەمەس بەلكى ئۇچرىشىش. «ئۇچرىشىش» بولغانىكەن ئەلۋەتتە كۈندۈزدىكى گۈل كۆرگەزمىسىدەك شاۋقۇن-سۈرەنلىك بولمايدۇ، ئاچكۆزلۈك بىلەن كۆرۈش سەزگۈلىرىمىزنى ھوزۇرلاندۇرۇشنىلا ئويلىماي، جىم-جىتلىق ئىچىدە گۈللەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ھىسسيات ئالماشتۇردۇق. مەن قاتار كەتكەن نورۇز گۈللىرىنى كۆرۈپ بۇ بۈك- باراقسان گۈللەرنى خۇددى دېڭىز ئاستى مارجانلىرىغا ئوخشاتتىم. ئۇلار شۇنچە گۈزەل كۆرۈنەتتى، مەن بىر تال بېلىققا ئايلىنىپ بۇ گۈل دېڭىزى ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرەتتىم.
گۈل ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدا ئۆسۈپ چىققان بىر گۈزەللىك، ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ رۇخسارى ۋە   خۇشپۇرىقىدا ئەمەس. كىشىلەر گۈلنى تاماشا قىلىدۇ، ئۇنى مەدھىيىلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ گۈلدەك گۈزەل دەۋرىنىڭ ئۇزاقراق داۋاملىشىشىنى، ئۇنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ ساقلىنىشىنى ئامىت قىلىدۇ. كېچىدىكى نورۇز گۈلىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىۋېتىپ، كېيىنكى نورۇز گۈلى پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلدىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى