قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جاۋشىڭ ساقچى تارماقلىرى بىر قېتىملىق ئالاھىدە زور ئۆلكە ئاتلىغان «قاقتى- سوقتى قىلىش» ئالدامچىلىق دېلوسىنى پاش قىلدى

2018-04-16 18:54:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جاۋشىڭ ساقچى تارماقلىرى بىر قېتىملىق ئالاھىدە زور ئۆلكە ئاتلىغان «قاقتى- سوقتى قىلىش» ئالدامچىلىق دېلوسىنى پاش قىلدى. جىنايەت گۇماندارلىرى 6 يىل ئىچىدە 430 دىن ئارتۇق قاتناش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىپ، بۇنىڭدىن چوڭ نەپ ئالغان.
بۇلتۇر 7- ئايدا، جاۋشىڭ شەھىرى خېچياۋ رايونى بىڭخەي سانائەت رايونى ياڭشۈنچياۋ بازىرىدا ئۇدا ئىككى قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى. ھەر ئىككى قېتىملىق قاتناش ھادىسسىدە يول ئۆزگەرتىۋاتقان كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇدۇل كېتىۋاتقان «باۋما» ماركىلىق پىكاپ ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتتى. كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرىغا بارلىق جاۋاپكارلىق ئارتىلدى، ئىككىلا تەرەپ ھىچقانداق قارشى پىكىردە بولمىدى. سۇغۇرتا شېركىتىمۇ تۆلەم بەردى. سۇغۇرتا شېركىتىدىكىلەر بۇ ھادىسىدىكى تۆلەم ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ جاۋشىڭ شەھىرىدە كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىدى، ھەم بۇ ئەھۋالنى جاۋشىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ چياۋخې رايونلۇق شۆبىسىگە ئىنكاس قىلدى.
خېچياۋ رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، بۇ قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئەسلى ئارخىپى، ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى سىن كۆرۈنۈشلەرنى تەكشۈردى. ھادىسىنىڭ بېكىتىلىشىدە مەسىلە يوق بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار ھەر بىر كۆرۈنۈشكە ئىنچىلىك بىلەن دىققەت قىلدى، بىر قېتىملىق ھادىسىدە ئىككى ئاپتوموبىل سوقۇلىۋاتقان ئاشۇ جىددى ۋاقىتتا «باۋما» ماركىلىق پىكاپ شوپۇرى قىلچە ھودۇقماستىن كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلىگەن. بۇ نورمالسىز ئەھۋال ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەم شاۋشىڭ شەھىرىدىكى باشقا سۇغۇرتا شېركەتلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيىتىپ، سىن كۆرۈنۈش ماتىرىياللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈردى. ساقچى تەرەپ ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان سانلىق مەلۇمات سىستېمىسى ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ، 9 نەپەر مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ 2013- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە 430 قېتىم ئوخشاش قاتناش ھادىسىسىگە يولۇققانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيجۇ شەھىرىدە 212 قېتىم، ۋېنجۇ شەھىرىدە 130 قېتىم، جاۋشىڭ شەھىرىدە 10 قېتىم بولۇپ، بۇ دېلولارغا چېتىلىدىغان ئاپتوموبىللار 60 تىن كۆپلىكى، سۇغۇرتا شېركىتىنىڭ تۆلەم سوممىسى 4 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىنىقلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2015- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە جەمئى 409 قېتىم قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغان بولۇپ، 2016- يىلى بىر يىلدىلا 203 قېتىم يۈز بەرگەن.
بۇنداق ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ساقچى تەرەپ ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى. ساقچى تەرەپ مەخسۇس رازۋېتكا گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ بۇ دېلونى رازۋېتكا قىلدى. 2- ئاينىڭ 27- كۈنى كەچتە، جېجياڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدا مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيجۇ شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 30 ياشلىق تەيجۇلۇق ياۋ فامىلىك ئەر ۋە 28 ياشلىق خۇبېيلىق مېڭ فامىلىلىك ئەر قاتارلىق 8 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى. يەنە يۇقارقى جىنايەت گورۇھىنى مەخسۇس ئاپتوموبىل رېمونت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان 32 ياشلىق تەيجۇلۇق جياڭ فامىلىك ئەر ۋە 30 ياشلىق تەيجۇلۇق شۇ فامىلىلىك ئەرنى قولغا چۈشۈردى. بۇ جىنايەت گوروھى دېلو سادىر قىلغاندا ئىشلەتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى يۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۇغۇرتا كەسپىي ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 3 ئۆلكىگە چېتىلىدىغان 420 قېتىملىق دېلونى مۇۋەپپەقىيەتلىك سېلىشتۇرۇپ چىقتى.
جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ تاپشۇرۇشىچە، ئۇلار «باۋما»، «بېنس مېرسىدىس» قاتارلىق ئالى دەرىجىلىك نىمكەش پىكاپلارنى ھەيدەپ، مەخسۇس كۇزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تېپىپ، يۈك ئاپتوموبىلى يول ئۆزگەرتىۋاتقاندا سۈرئەتنى تېزلىتىپ قەستەن سوقۇلۇپ، پىكاپنىڭ يان تەرىپى سوقۇلغان قاتناش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدىكەن. ھادىسىدىن كېيىن، كۆپ قېتىملىق ھادىسىلەردە مەسئۇلىيەت يول ئۆزگەرتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىغا ئارتىلىپ، پىكاپ ئىگىسى مەسئۇلىيىتى يوق زىيانلانغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى تەرەپتىن تۆلەمگە ئېرىشىدىكەن، يۈك ئاپتوموبىلى بولسا سۇغۇرتىغا قاتناشقان بولغاچقا، سۇغۇرتا شېركىتىدىن تۆلەم ئالىدىكەن. بەزى كىچىك دېلولاردا نەق مەيداندىلا نەق پۇل بېرىپ تۆلەمنى تۈگىتىدىكەن.    يەنە بىر قىسىم يۈك ئاپتوموبىل ئىگىلىرى كۆڭلىدە گۇمانلانسىمۇ، بىراق ھادىسىگە قارىتا چىقىرىلغان ھۆكۈمگە ئاساسەن بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم بېرىشكە مەجبۇر بولىدىكەن. ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىچە، جىنايەت گۇماندارلىرى ھەيدىگەن پىكاپلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىدىغان شېركەتلەردىن ئىجارىگە ئېلىپ كەلگەن پىكاپلار بولۇپ، ئادەتتە بىر قېتىمدا بىراقلا بىر ئايلىق ئىجارىگە ئالىدىكەن. قاتناش ھادىسىسىنى يالغاندىن پەيدا قىلىشتىن ئىلگىرى، دائىم بىر قىسىم نىمكەش رېمونت ماتىرىياللىرى ۋە قوشۇمچە زاۋۇت ماتىرىياللىرىنى سېتىۋالىدىكەن، بەزىدە ھەتتا پىكاپتا ئېلىپ يۈرىدىكەن. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ جىنايەت گوروھىدىكىلەر پىكاپلارنىڭ ھەممىسىنى تەيجۇ شەھىرىنىڭ ۋېنلىڭ رايونىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردە زىيىنىنى بېكىتىپ، رېمونت قىلدۇردىكەن، زىياننى بېكىتىدىغان خادىملار بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش نۇقتىلىرىمۇ شۇ يەردىكى ئۈچ ئاپتوموبىل رېمونتخانىغا مەركەزلەشكەن. ئۇلار بۇنىڭدىن 30 پىرسەنت باھا پەرقىنى چىقىرىۋالىدىكەن. بۇ رېمونتخانىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى گەرچە كۆڭلىدە بىلسىمۇ، بىراق بۇ نەچچە كۈندە بىر كېلىپ تىجارىتىنى ئاۋاتلاشتۇرىدىغان دائىملىق خېرىدارلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، بىر «سوقۇلۇش- زىياننى بېكىتىش- رېمونت قىلىش» تەك جىنايەت كەسپى زەنجىرى شەكىللەنگەن.  ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلغان 10 نەپەر گۇماندارنى ساقچى تەرەپ جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇتتى. ئۇلار  3- ئاينىڭ 30- كۈنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىندى. ساقچى تەرەپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قاتناش قانۇنىغا چوقۇم رىئايە قىلىش، تەرتىپلىك يول يۈرۈش، سوقۇلغانلىقى بايقالسىلا دەرھال دېلو مەلۇم قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى