قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، «رايونلار زەنجىرى» بېت پۇلى قاتارلىق مەۋھۇم پۇل نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

2018-04-16 18:55:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، «رايونلار زەنجىرى» بېت پۇلى قاتارلىق مەۋھۇم پۇل نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. قانۇنسىز ئۇنسۇرلارمۇ بۇ نۇقتىغا كۆز تىكىپ، «رايونلار زەنجىرى» ۋە «مەۋھۇم پۇل» نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلماقتا. مەۋھۇم پۇلنىڭ تۆۋەن تېخنىكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «رايونلار زەنجىرى» خۇددى بىر سانلىق مەلۇمات خاتىرىسىگە ئوخشاش بارلىق سودا خاتىرىسى پۈتۈلگەن بولىدۇ، بېخەتەر ۋە ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان بولغاچقا، ئۇ پۇل مۇئامىلە كەسپى قاتارلىق كەسپلەرنىڭ دىققىنى جەلپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېت پۇلى قاتارلىق رايون زەنجىرىدىكى مۈلۈك باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئادەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ رايونلار زەنجىرى ھەمدە رەقەملىك پۇلغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى زورىيىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ يىل «رايونلار زەنجىرى» مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىق دېلوسى كۆپ قېتىم يۈز بەردى.
تېڭشۇن يانفون باشقۇرۇش بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى ياڭ چىبونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندىن بۇيان «رايونلار زەنجىرى» تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرى كۆپىيىپ قالغان، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «مەۋھۇم پۇلغا مەبلەغ سېلىش مۇددىتى قىسقا، پايدا ئېلىش نىسبىتى يۇقىرى، خەۋپ- خەتىرى ئاز» دىگەندەك  ئىبارىلەر بىلەن ئابونتلارنى ئالداپ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ ھەم كارتىدىن پۇل يۆتكەپ مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە تور بەت نامى ۋە ھەرخىل ئالاقىلىشىش شەكىللىرى ئارقىلىق ئالدانغۇچىلارنى شېركەتنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەشكە ئامالسىز قالدۇرۇپ، ئاسانلا ئىشەندۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار «سودا تورى» غا پۇل ئەۋەتسىلا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئالداپ «شەخسنىڭ كارتىسىغا يۆتكەش» كە يېتەكلەيدۇ، ھەتتا يالغان قىممەت تولۇقلاش ئۇلانمىسىنى بىۋاستە تەمىنلەپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بانكا كارتا مەخپىي نومۇرىنى بىلىۋالىدۇ.ئالدامچىلىق يوشۇرۇن خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە پۇقرالار ئالدىنىپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ ياڭ چىبو ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: (1) مەبلەغ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش، «چىرايلىق گەپلەر بىلەن» بەرگەن ۋەدىلەرگە ئىشەنمەسلىك، «رايونلار زەنجىرى» گە مۇناسىۋەتلىك تېلىفۇنلارنى قوبۇل قىلغاندا چوقۇم تورغا چىقىپ شۇ شىركەت ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش، يالغان مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقىغا ئىشىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش؛(2) توردىكى ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىشلارنى خالىغانچە چەكمەسلىك، شەخسلەرنىڭ كارتىسىغا ئالدىراپ پۇل يۆتكىمەسلىك؛ (3) ئۈچىنچى تەرەپنىڭ يانفون بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالىنى ئارىيەت ئېلىپ، پاراكەندىچىلىكنى توسۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ،  تونۇمايدىغان، مەخپىي نومۇر قوشۇلغان قاتارلىق يوشۇرۇن تېلىفۇنلاردىن ئېھتىيات قىلىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى